شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن مۇختەر بۇغرا قاتارلىق 6 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى
2018.11.30
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تىزىملىكىدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسورى مۇختەر بۇغرا، رېژىسسور مەخمۇتجان سىدىق ۋە تېخنىك ئەخمەتجان مەتروزىنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئورۇن ئالغان ئىدى. يېقىندا يەنە بەزى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خادىملىرىدىن ئابلەت زەيدىن، ياش رىياسەتچى زۇلپىقار ۋە يەنە بىر قىسىم ئاۋاز ئارتىستلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر دىياردىكى ئالاقىدار خادىملار مۇختەر بۇغرانىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلارنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى چەتكە قاقمىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن تاھىر ھامۇت تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار» ناملىق تىزىملىكتە ئاتاقلىق رېژىسسور، شائىر ۋە سىنارىست مۇختەر بۇغرانىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ ھەقتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قازاق بۆلۈمىنىڭ خادىمى گەرچە ئۆزىنىڭ مۇختەر بۇغرا بىلەن بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
«تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكى» دە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رېژىسسورى مەخمۇتجان سىدىق ۋە تېخنىك ئەخمەتجان مەتروزىنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى يېزىلغان. رادىيومىزغا كەلگەن يەنە بىر ئىنكاستا مەزكۇر ئىستانسىنىڭ خادىملىرىدىن ئابلەت زەيدىن ۋە رىياسەتچى زۇلپىقار كۈرەشنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىملىرى ئۆزلىرى بىلەن بىر بىنادا خىزمەت قىلىدىغان يۇقىرىقى خادىملارنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرەلمىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ قوغداش بۆلۈمى مۇدىرى مۇختەر بۇغرا ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزدىن جىددىيلەشتى. ئۇ يۇقىرىقى شەخسلەرنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، قاچان تۇتۇلغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ بۇ ھەقتە نېمە ئۈچۈن ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى قايتا-قايتا سوراش ئارقىلىق مۇختەر بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە بۇ ھەقتە سوئال سورالسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇختەر بۇغرا قاتارلىقلار چېتىشلىق دېلونىڭ جىددىيلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئالاقىدار خادىملار بىز ئىسمىنى تىلغا ئالغان شەخسلەردىن ھېچبىرىنىڭ نۆۋەتتە ئىش ئورنىدا بارلىقىنى تىلغا ئالالمىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىمۇ مۇختەر بۇغرانىڭ تۇتۇلغانلىق ئۇچۇرىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ خادىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىنىڭ پەقەتلا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇ خادىم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن مۇختەر بۇغرا بىلەن بىرلىكتە جەمئىي قانچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆز خىزمەتداشلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بىر قانچە كىشىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىم يەنە رېژىسسور مۇختەر بۇغرانىڭ دېلوسىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك «گوباۋ» (دۆلەت ئامانلىق ئىدارىسى) بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ئىدارىسىنىڭ مەلۇم بىر خادىمى مۇختەر بۇغرانىڭ دېلوسىنى ئۆزى ئىشلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلماسلىق بىلەن بىرلىكتە يەنە مەزكۇر دېلونىڭ ماتېرىياللىرىنى ئالاقىدار بۆلۈملەرگە يوللاپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ دېلودا نېمىلەر دېيىلگەنلىكى، ئۇنىڭ قانداق خۇلاسىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تور ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، رېژىسسور مۇختەر بۇغرا يېقىنقى 20 نەچچە يىل مابەينىدە كۆپلىگەن شېئىر ۋە ناخشا تېكىستلىرىنى يېزىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردا ئۆتكۈزۈلگەن كۆپلىگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە، جۈملىدىن نورۇز، مەشرەپ ۋە يېڭى يىل كېچىلىكى فىلىملىرىغا رېژىسسورلۇق قىلغان ئىكەن. ئۇ يەنە «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك سىن فىلىمىنىڭ «ئىراق مۇقامى» قىسمىغىمۇ رېژىسسورلۇق قىلغان ئىكەن.