ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس جوئان سىمىت فىنلېي خانىم ئۆتكەن يىلى، يەنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئەڭ ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان غەرب ئالىملىرىنىڭ بىرى.
ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى يېقىندا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئىنتايىن جانلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قەلبلىرىنى لەرزىگە سالغان بولسا، بۇ ھاسىلاتلىرىنى 28-نويابىر ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.
جوئان سىمىت فىنلېي خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن قەلەمگە ئالغان «بىز ئەمدى مۇڭداشمايدىغان بولۇپ قالدۇق: شىنجاڭدىكى تازىلاشنىڭ ئىچ يۈزى» ناملىق ماقالە «خىتاي ھۆججەتلىرى» ناملىق تور بېتىگە بېسىلدى.
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئۇ 2018-يىلى ئىيۇننىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ ماقالىسىنى قەشقەردە قاۋاقخانىغا ئۆزگەرتىلگەن بىر مەسچىتنى كۆرگەنلىكىنى، ئەسلىدىكى ئىبادەتگاھنىڭ ئەمدىلىكتە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر پىۋا ئىچىدىغان بىر جايغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى، «قەشقەر چۈشى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قاۋاقخانىغا بەلكىم خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەشكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى يېزىش بىلەن باشلايدۇ.
ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ: «ھالبۇكى بۇ قەشقەر ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن پۈتكۈل شىنجاڭ مىقياسىدا ياشىغۇچى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر قاباھەتلىك چۈشتىن دېرەك بېرەتتى. ئۆتكەن ياز شىنجاڭغا بارغىنىمدا شاھىت بولغىنىم، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كىملىكى ۋە دىنى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى قورقۇنچ ۋە دەرد-ئەلەمگە تۇيغۇسىغا يولۇقۇشۇم بولدى.»
ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتى ھەققىدە رادىيمىزغا قىلغان سۆزلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر جايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ جاي تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. ۋەھىمە ھەممە جاينى قاپلىغان ئىدى. ئىككى تونۇشۇمدىن باشقا ھەممىسى مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتى. ئۇلار ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە مەلۇملۇق سەۋەبلەر تۈپەيلى مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى، ماڭا گەپ قىلىشىنى رەت قىلدى. مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلغان ئىككىيلەنمۇ مەن بىلەن پەقەت 20 مىنۇت ئەتراپىدا ۋە قاراڭغۇدا كۆرۈشۈشكە قوشۇلدى. ئۇلار پەقەت مەن بىلەن ئارقا كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ قىسقىغىنە مۇڭداشتى.»
دەرۋەقە 2018-يىلى ئىيۇن ئايلىرى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارنى كۆلەملەشتۈرگەن ھەمدە مەزكۇر لاگېرلارغا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تاشلىغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلىرىدا دەلىل ئىسپاتلىق خەۋەر قىلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى.
ئىلگىرى بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جان-جەھلى بىلەن رەت قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنىڭ قانداقتۇر بىر تۇرمە شەكىلدىكى يىغىۋىلىش ئورۇنلىرى بولماستىن، بەلكى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرگە توپلانغانلارنىڭ قانۇن، خىتاي تىلى ۋە ئوخشىمىغان كەسىپلەر بويىچە تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەردە قاتارلىق شەھەرلىرىدە كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن مەسچىتلەرنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقى، ئىشىكلىرىنىڭ قۇلۇپلانغانلىقى، ئەتراپىنىڭ چىتلىق سىملار بىلەن قورشالغانلىقى، رېستورانلاردىكى ھالال بەلگىلىرىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى، يەرلىكلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي تەقۋادارلىرىنى ئىپادىلەشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى يازىدۇ.
ئۇ رادىيومىزغا بۇ جاينىڭ ھەتتا 2016-يىلىدىكىدىنمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەسچىتلەر قۇرۇقدىلىپ قاپتۇ. مەن بىر ئۇيغۇر شوپۇرنى ياللاپ قەشقەردىكى سوپىلارنىڭ بۈۋى مەريەم مازىرىغا باردىم. ئۇ يەردىمۇ ئىنس-جىن يوق. ئۇ يەرنىڭمۇ ئىشىكلىرى قۇلۇپلىنىپتۇ. دەرەخلەردىكى تۇغ-ئەلەملەر، تىلەكلەرنىڭ ھەممىسى ئېلىپ تاشلىنىپتۇ. قىسقىسى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكىدىنمۇ پۈتۈنلەي تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ.»
ئۇ ماقالىسىگە قەشقەردە ئۇچرىتىپ ئازراق مۇڭداشقان بىر جۈپ ئەر-ئايالدىن ئاڭلىغانلىرىنىمۇ ئىنتايىن تەسىرلىك شەكىلدە كىرگۈزىدۇ.
ئۇ مۇنداق يازىدۇ: «قەشقەردىكى بىر مەھەللىدە بېشىغا ئاق شاپاقدوپپا كىيگەن ياشانغان تۇڭگان كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئايالى ئۆزلىرىنىڭ مەسچىتنىڭمۇ بىر ئىلگىرى تاقالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى دىنىي مەكتەپتىنمۇ ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا تاقالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.»
فىنلېي خانىم بۇ ھېكايىنى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېقىندا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ ئايالى مەندىن نېمە قىلىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئاندىن ئۇ، ‹بۇ يەردىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئىكەنسىز، دېمەك› دېدى-دە تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزىنى بويلاپ بۇلدۇقلاپ تۆكۈلەتتى. مەن ئۇنىڭ بىلىكىنى چىڭ سىقىپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولدۇم ۋە ‹ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئىشلار بۇنداق بولۇۋەرمەيدۇ. چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ›، دېدىم. ئۇ ماڭا لەپپىدە قاراپ ‹قاچان ياخشىلىنىپ كېتەر؟› دېدى.»
فىنلېي خانىم بۇلار سۆزلەۋاتقىنىدا كۆز جىيەكلىرىنى ماراپلا تۇرغان ياشلىرىنى يوشۇرۇلمىغان بولسا، يىغىن زالىنىمۇ ئېسەدىگەن، ئەلەملىك چوڭقۇر نەپەس ئالغان ئاۋازلار قاپلىغان ئىدى.
فىنلېي خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئىيۇلنىڭ بېشىدا ئەنگلىيەگە قايتقاندىن كېيىن، ئەنگلىيەلىك يازغۇچى جورجى ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىنى ئوقۇش مەجبۇرىيىتىنى ھېس قىلغان.
جورجى ئورۋېلنىڭ مەزكۇر ئەسىرىدە ھۆكۈمەت «غوجا ئاكا» دەپ قارىلىدىغان، ئادەتتىكى ئاۋام-پۇقرانىڭ ھېچقانداق ئۆز ئالدىغا پىكىرى قىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى، مەخپىي تىڭشىغۇچ ۋە ھەتتا تېلېۋىزورلار بىلەن تەقىب قىلىنىپ تۇرىدىغان بىر زۇلمەتلىك جەمئىيەت تەسۋىرلىنىدۇ.
ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا بۇ تۇيغۇلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «بۇ مەشھۇر ئەسەر بىلەن نۆۋەتتە شىنجاڭنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغان ‹ئەسەبىيلىكىنى تۈگىتىش› ۋە ‹ئىدىيە ئۆزگەرتىش› ھەرىكەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي جىپسىلىشىدىغانلىقى ھەيران قالارلىق ئىدى. كىتابنىڭ ئاخىرقى قىسمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ سوراقچىسى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ‹بىز دۈشمەنلىرىمىزنى پۈتۈنلەي تارمار قىلمايمىز، بېلى بىز ئۇلارنى ئۆزگەرتىمىز. ئۇ بىدئەتلەر بىزگە قارشى تۇرىدىكەن، بىز ئۇلارنى ۋەيران قىلمايمىز. ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىمىز، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئەسىر ئالىمىز، ئۇنىڭ قايتا ياساپ چىقىمىز… سېنىڭ ئىچىڭ كاۋاكلىشىدۇ. سېنى ئىچىڭدىن سىقىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى توشتۇرىمىز. ›»
ئۇيغۇرشۇناس جوئان سىمىت فىنلېي خانىم ئەنگلىيە نېۋكاسل ئۇنىۋېرسىتېتى زامانىۋى تىللار ئىنستىتۇتى خىتايشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئالىي لېكتورى.
ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان ھەمدە بۇ ھەقتىكى يىغىن-سۆھبەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئالدىنى قاتاردىكى غەرب ئالىملىرىنىڭ بىرى.