خىتاي سودىگەرنىڭ قاغىلىق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى شىكايىتى (1)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.08.18
Qaghiliq-nahiye-meschit-qizil-teshwiqat-lozunkisi.jpg قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى مەسچىتكە ئېسىلغان قىزىل تەشۋىقات لوزۇنكىسى، 2017-يىلى ئىيۇل.
Oqurmen teminligen

«شىركىتىمدىكى 4 ئۇيغۇر خىزمەتچى تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇتقۇندا»

ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان مۇقىملىقنى قوغداش، «دىنىي رادىكاللىق، بۆلگۈنچىلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن جازا ھۆكۈم قىلىش شەرتىگە تولمىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ناھىيىلەردىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. 2007-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن قاغىلىققا كېلىپ، شىركەت ئاچقان بىر خىتاي سودىگەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاغىلىقتا كۈچەيگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ شىركىتىمۇ تىجارەتتە زىيان تارتقان. خىزمەتچىلىرىنىڭ 70% تى ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان بۇ خىتاي شىركىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە ئامالسىز قالغان. يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن شىركىتىدىكى 4 ئۇيغۇرنىڭ قاغىلىقتىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» دە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇ خىتاي سودىگەر، دائىرىلەر يولغا قويغان مۇقىملىق تەدبىرلىرى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرۇۋاتقان بولسا، خىتاي كۆچمەنلىرىدىكى ۋەھىمىنى كۈچەيتىپ، خىتاي شىركەتلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور زىيان سالغانلىقىنى شىكايەت قىلدى. 

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەندۇڭلۇق خىتاي سودىگەر، يېڭى سېكرېتار چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيانقى قاغىلىقنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

- ھەي، نېمە دېسەم بولار، نۆۋەتتە كۆرۈنۈشتە ۋەزىيەت تىنچتەك كۆرۈنىدۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نارازىلىقى كۈچلۈك، كەيپىياتىدىكى دۈشمەنلىشىش خاھىشىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك. بۇ مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم.

بۇ خىتاي تىجارەتچى ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان بىر قاتار قاتتىق بەلگىلىمىلىرى ۋە مۇقىملىق تەدبىرلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى:

- شۇنداق مېنىڭچە، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم خىزمەتلىرىدە رادىكاللىق تەرەپلىرى بار، راستىنى ئېيتقاندا، مەن ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل ۋە دوستانە دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە بىر قىسىملىرىدا نارازىلىق كەيپىياتى بار. ئەمما، بۇ نارازىلىق كەيپىياتىغا يەنىلا ھۆكۈمەت ئۆزى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ئالايلۇق، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى قۇلايسىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى خالىغان جايلارغا بېرىپ ئىشلىشىگە، خىزمەت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلدى. نېمە دېسەم بولار، مەن قاغىلىق ناھىيىسىدە شىركەت ئاچقان بىر سودىگەر، ئەمما بۇ جايدا يولغا قويۇلغان بىر قاتار مۇقىملىق تەدبىرلىرى سەۋەبلىك شىركىتىمىز ھازىر يەرلىكتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشلىتەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. مەسىلەن ئالايلۇق، ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن شىركىتىمدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ۋە مۇراسىمدىن كېيىنكى يىغىنغا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يېرىم كۈن ۋاقىت بىكار بولىدۇ. ئۇندىن باشقا قەرەللىك ھالدا يېزىلىق ھۆكۈمەت ياكى كەنت ئىشخانىسىغا بېرىپ ئۆز ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئىش ئىزلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار پەقەت قاغىلىق ناھىيىسىدىلا ئىشلىيەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدىن ئايرىلىشىغا بولمايدۇ.

ئۇ، بۇ بەلگىلىمە پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغانمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- شۇنداق، ھەممىسى شۇنداق، بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغان چەكلىمىلەر. چۈنكى، ھازىر يەرلىكنىڭ سىياسىتى مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم دېگەننى تەكىتلەش بولۇۋاتىدۇ. ھەممە ئىشتا مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش تەكىتلىنىۋاتىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلە دەپ قارالمايدۇ.

بۇ خىتاي سودىگەر، يەرلىكتىكى مۇقىملىق سىياسىتى سەۋەبىدىن شىركىتىنىڭ سودىسىنىڭ بارغانچە چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى:

- دەسلەپكى بىرقانچە يىلدا شىركىتىم تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى، ئەمما بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ، يولىمىز بارغانچە تارايدى، ئىلگىرى قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان چېغىمىزدا، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغىمۇ شۇ ھامان قولىمىزغا تېگەتتى، ۋەزىپىمىزنى پۈتتۈرگەن ھامان تاپاۋىتىمىزنى ئالاتتۇق. ئەمما، بۇ يىل پۇلىمىزنى ئالالمىدۇق، سەۋەبى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى يوق، چۈنكى يەرلىك ھۆكۈمەت يۇقىرىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن بارلىق مەبلەغنى مۇقىملىق خىزمىتىگە سېلىۋەتتى.

ئۇ قاغىلىقتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرى سەۋەبلىك شىركىتىدىكى تۆت ئۇيغۇرنىڭ قاغىلىقتىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» دە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق دېدى:

- بۇلتۇردىن بۇيان بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇقىملىق خىزمىتىدە شىركىتىمدىن 4 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ، قاغىلىقتىكى تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ ئىسمى تۇرغۇنجان ئىكەنلىكى ئېسىمدە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياۋاش ئادەملەر، بىلىشىمچە، ئۇلار ئاۋۋال يېزىلىق ھۆكۈمەتكە چاقىرتىلىپ، ئاندىن كادىرلار تەرىپىدىن ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دېگەن گۇماندا ساقچىخانىلارغا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆگىنىش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ھازىر قاغىلىقتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممە ئۇيغۇر دەككە-دۈككىدە. مېنىڭچە، ھازىر قاغىلىق يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 25% يەنى تۆتتىن بىر ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا ئەۋەتىلىپ، ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىندى!

ئۇيغۇر دىيارىغا دەسلەپ كەلگەن چاغلاردىكى ۋەزىيەت بىلەن 10 يىل كېيىنكى ۋەزىيەتنى سېلىشتۇرغان بۇ خىتاي سودىگەر، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مۇقىملىق خىزمىتىنى زىيادە تەكىتلەۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، يەرلىكتىكى زىددىيەتنىڭ بارغانچە ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

- مېنىڭچە، دائىرىلەر ھازىر بۇ جايدا مۇقىملىقنى ساقلاشنى زىيادە تەكىتلىگەنلىكى سەۋەبلىك زىددىيەت بارغانچە ئۆتكۈرلەشكەن بىر ۋەزىيەتنى ئۆزى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. مەن شىنجاڭغا كەلگىنىمگە 10 يىل بولاي دېدى. دەسلەپ كەلگەن چاغلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئازادە پاراڭلىشاتتۇق، پسىخىك جەھەتتىمۇ توسالغۇلار يوق ئىدى. ھازىر باشقىلار (ئۇيغۇرلارنى دېمەكچى) سەن بىلەن سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، راست گېپىنى قىلمايدۇ!

مۇخبىر:

- بىر خىل دۈشمەنلىك كەيپىياتى بار. دېمەكچىمۇ؟

- شۇنداق، شۇنداق، دۈشمەنلىك كەيپىياتى ئېغىر.

ئۇ نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتنى «يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى» دەپ تەرىپلەپ، بۇ خىل سىياسەتنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرىشىنى مۇنداق ئىپادىلىدى:

- راستىنى ئېيتقاندا، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلار زور كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەمما، مەن شۇنى ھېس قىلىمەنكى، ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتى ھازىر كۈچىيىۋاتىدۇ، ئۇلغىيىۋاتىدۇ. ئەمما، بىر رەھبەرلىك كۈچى بولغان ھامانلا بۇ خىل قارشىلىق كەيپىياتى پارتلاش خاراكتېرلىك ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ، سىزمۇ بىلىسىز، ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى قىزىق، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، بۇ سەۋەبتىن سېنىڭ ئۇلارغا قاراتقان باستۇرۇشۇڭ كۈچەيگەنسېرى، قارشىلىقمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئۇلارنى بىرەيلەن تەشكىللىسە،ئۇلارنى يېتەكلىسە، يەنى دىنىي بايراقنى كۆتۈرگەن بىرى يېتەكلىسە، ئۇ چاغدا ئامما ناھايىتى ئاسانلا رادىكاللىق يولىغا ماڭىدۇ. ھازىر ئەلۋەتتە كۆرۈنۈشتە بۇ خاھىش ئىپادىلەنمىدى، ئەمما ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل رادىكال قارشىلىق كەيپىياتى بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ، ئەگەر، يەنە بىر قېتىملىق زوراۋانلىق قارشىلىق يۈز بەرسە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.