خوتەندە بىر خىتاي سېكرېتار تەرىپىدىن ئوغلى ئۇرۇپ مېيىپ قىلىنغان 67 ياشلىق مەتتوختى رەجەپ، 6 يىلدىن بېرى ئەرز قىلىپ ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن، يېقىندا ئۇ 50 يۈەنگە بىر تارماق سېتىۋالغان.
مەمەت توختى رەجەپ بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزغا «مەن جۇڭگودا قانۇننى قەلەم بىلەن ئىزدەپ تاپالمىدىم، ئەمدى تارماق بىلەن ئىزدىمەكچىمەن» دەپ ئىزاھات بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەتتوختى رەجەپ 6 يىللىق ئەرزىنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر ئايچە كۈتۈپ باقماقچى، ئەگەر نەتىجىسى بولمىسا، تارماقنى كۆتۈرۈپ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بارماقچى. ئۇ بۇ پىلانىنى مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىش داۋامىدا، ئۆزى ئۆتكەن ئايدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار تەرىپىدىن ئاۋارىچىلققا ئۇچرىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىدى.
مۇخبىر: مەتتوختىكا قانداق ئەھۋالىڭىز؟
مەتتوختى: ياخشى! ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىز، پەيچۇسودىن، گۇڭئەنجۇيدىن ساقچىلار كەلدى، يەنە گوباۋدىن دەمدۇ....
مۇخبىر: مەن تېلېفون قىلىپ قانچە كۈندىن كېيىن كەلدى ساقچىلار؟
مەتتوختى: ئۈچ كۈندىن كېيىن.
مۇخبىر: قول شىلتىپ، ئۈستەلنى مۇشتلاپ سوراق قىلدىمۇ ياكى چىرايلىقچە سورىدىمۇ؟
مەتتوختى: ئۇنداق(قوپاللىق) قىلمىدى، راست گەپ دەڭ دېدى، ھەممە گەپنى دەپ بەردىم.
مۇخبىر: نېمىلەرنى سورىدى؟
مەتتوختى: چەتئەل مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىپسىز، ئەرزىڭىزنى چەتئەلدىكى رادىئودا ئاڭلاتتى دەيدۇ؛ 30 ياشلىق بىر ئوغلىمىزنى ئۇرۇپ مېيىپ قىپ قويسا گەپ قىلمامتۇق ئەمىسە، ئەرز قىلماي، بېرىپ بىزمۇ ئۇرۇشىمىز كېرەكمىدى دېدىم.
مۇخبىر: ساقچىلارنىڭ دەيدىغىنى نېمە؟ نېمىنى خاتا قىلدىڭ دەيدۇ؟
مەتتوختى: ئالمايتىقان تېلېفوننى ئاپسىز دەيدۇ.
مۇخبىر: نېمە دەپ جاۋاب بەردىڭىز؟
مەتتوختى: ماڭا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن تېلېفون كېلىدۇ، تېلېفونۇم ئەرزنامەمدە بار، كەلگەن ھەرقانداق تېلېفوننى ئالىمەن دېدىم. دېمىسىمۇ مۇشۇ چاغقىچە قانۇنغا ئىشىنىپ ھېچنېمە قىلمىدۇق، ئۇرمۇدۇق، قانغا -قان ئالىمىز دېمىدۇق. 30 ياشلىق بالىمىزنى مېيىپ قىپ قويدى، مېنى باقىدىغان بالامنىڭ بالىلىرىنىمۇ مەن بېقىۋاتىمەن. ئەرز قىلساق ئەكلىپ سولاپ قويدى، 30 ئاي تۈرمىگە سولىدى.
مۇخبىر: مۇشۇ گەپلەر سىز ھازىرغىچە جەمئىيەتكە ھەم دۆلەتكە ئاڭلىتالمايۋاتقان گەپلەر، شۇنداقمۇ؟
مەتتوختى: شۇنداق، ئادۋوكاتلارغىمۇ دەپ باقتىم، سىزگە ئوخشاش مۇخبىرلارغىمۇ دەپ باقتىم.
مۇخبىر: بۇندىن بۇرۇن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا دەپ باقمىغانمىدىڭىز؟
مەتتوختى: ئوغۇللىرىم ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان، ساقچىلار كەينىدىن بېرىپ تۇتۇپ ياندۇرۇپ ئەكلىۋالدى.
مۇخبىر: ساقچىلار قانچە سائەت سوراق قىلدى؟
مەتتوختى: بىر سائەت
مۇخبىر: سوراق قىلىنغاندا قورقتىڭىزمۇ؟
مەتوختى: نېمىگە قورقىمەن؟ مەن، كومپارتىيىگە قارشى تۇرمىدىم، كومپارتىيە كەلگەندە يەرلىرىمىزنى، ھەممە نېمىمىزنى بەردۇق، يەنە نېمە قورقۇش؛ بۇ يىل 67 ياشقا كىردىم، قورقىدىغان باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ كەتتىم، بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچنېمىدىن قورقمايمەن. شۇڭا ساقچىلارغا ھەممە گەپنى ئوچۇق دېدىم.
مۇخبىر: كەلگەن ساقچىلاردىن بىرەرسىنىڭ تېلېفونى بارمۇ سىزدە؟
مەتتوختى: بىرسىنىڭ بار، ئىسمى ياسىن مەيزۇڭ.
مۇخبىر: بۇ ياسىن مەيزۇڭمۇ؟
خادىم: ھە شۇنداق.
مۇخبىر: سىز مەتتوختى رەجەپنى سوراق قىلغان 4 ساقچىنىڭ بىرى شۇنداقمۇ؟
خادىم: تۆت ساقچى؟ ياق!
مۇخبىر: ئەمىسە، قانچىڭلار باردىڭلار؟
خادىم: ئىككىمىز باردۇق، يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن باردۇق.
مۇخبىر: يۇقىرى بولغان چاغدا، قايسى ئورۇننىڭ؟
خادىم: ۋىلايەتلىك گۇڭئەنجۇينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن.
مۇخبىر: مەتتوختى رەجەپنىڭ بىز بىلەن كۆرۈشكىنىنىڭ نېرى خاتا؟
خادىم: مەن بىر ئادەتتىكى كادىر، مەن پەقەت ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن باردىم، بۇ ئىشنى باشلىقلاردىن سوراڭ، مەن سىزگە جاۋاب بېرەلمەيمەن.
مۇخبىر: مەتتوختىكا، ياسىن مەيزۇڭ بىلەن كۆرۈشتۇم، ئۇ مەن ئادەتتىكى كادىر دېيىش ئارقىلىق سىزنىڭ قېشىڭىزغا ئۆز مەيلى بىلەن بارمىغاندەك پوزىتسىيەدە بولدى ھەم بۇنى باشلىقلاردىن سوراڭ دەپ تېلېفونى قويۇۋەتتى، ئۇ سوراق كۈنى پاسسىپراق تۇرغانمىدى ياكى ئاكتىپراق كۆرۈنگەنمىدى؟
مەتتوختى: ھەممىسى ئوخشاش.
مۇخبىر: ئەمدىكى پىلانىڭىز نېمە؟ ئەرزنى توختىتامسىز ياكى داۋاملاشتۇرامسىز؟
مەتتوختى: ئەسلىدە (سىز بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئاۋۋال) بىر تارماق ئېلىپ قويغانتىم 50 سومغا، بۇ جۇڭگودا قانۇننى تاپقىلى بولمىدى بىر ئىزدەپ باقاي دەپ؟
مۇخبىر: نېمە دېدېدىڭىز؟
مەتتوختى: بىر تارماق سېتىۋالدىم.
مۇخبىر: نېمە قىلىدىغانغا؟
مەتتوختى: قانۇننى قەلەم بىلەن ئىزدەپ تاپالمىدىم، ئەمدى، تارماق بىلەن بىر تاتىلاپ ئىزدەپ باقاي دەپ؛ دەپ تۇرسام سىزدىن تېلېفون كەپ قالدى، ئەمدى سىزنىڭكىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ باقماقچىمەن.
مەمەت توختى رەجەپ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ ۋەقەنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى بىر ئايچە كۈتۈپ باقىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇنىڭمۇ نەتىجىسى بولمىسا سېتىۋالغان تارماقنى كۆتۈرۈپ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قايتىدىن بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ 3 يىلنىڭ ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالدىدا 2 ھەپتە يېتىۋېلىپ ئەرز قىلغان ۋە نۇر بەكرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. نۇر بەكرىدىن «خەنزۇنى بولدى قىلىڭ، ئۇيغۇرنى جازالاپ بېرەي» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەن.