مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ۋېيتنامنىڭ خىتاي بىلەن تۇتۇشىدىغان شىمالىي چېگراسىدا 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ۋېيتنام ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ۋېيتنام ساقچىلىرى خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن ئاخباراتقا ئاساسەن 18-ئاپرىل سەھەردە چېگرادىن يوشۇرۇنچە كىرگەن 16 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 4 ئايال ۋە 2 بالىمۇ بار ئىكەن.
شۇ كۈنى ۋېيتنام ساقچىلىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغاندا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 7 ئادەم ئۆلگەن. توقۇنۇشتا 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ۋېيتنام ساقچىلىرىدىن 2 نەپىرى ئۆلۈپ، بىرقانچىسى ئېغىر يارىلانغان.
ۋېيتنام مەملىكەتلىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «ياشلار گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئىچىدىكى ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ۋەقە جەريانىدا «پىچاق بىلەن قوراللىنىپ» قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
ب ب س نىڭ ۋېيتنام «ئاۋانگارت گېزىتى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 20-ئاپرىل كۈنى ۋېيتنام ساقچىلىرى يەنە خىتاي تەرەپنىڭ ئاخباراتىغا ئاساسەن ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن 21 نەپەر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلغان. ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە تېخىچە ئېنىق مەلۇمات يوق.
مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ۋېيتنام ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن باشقا مۇستەقىل ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرى يوق. ئۆتكەن جۈمەدىن باشلاپ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋېيتنام مەنبەلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خەۋەر بېرىشكە باشلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئۆتكەن جۈمە كۈنى كېچىدە ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگى ئارقىلىق مەزكۇر ۋەقەنىڭ ۋېيتنامنىڭ شىمالىي چېگراسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھېچېمە دېمىگەن. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ناھايىتى قىسقا ئۇچۇر بەرگەن ۋە 16 نەپەر مۇساپىرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزىگە جىددىي دىققەت قىلماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«مەن جۈمە كۈنى بۇ خەۋەرنى فېيسبۇكتىن كۆردۈم. ۋېيتنام مەنبەلىرى ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارا بولغان بۇ ۋەقەدە 16 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ۋېيتنام ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولغان. ۋېيتنام ساقچىلىرى خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتقان، ئاندىن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە تەييارلانغان. ۋېيتنام ساقچىلىرىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، بىر ئۇيغۇر ياش ۋېيتنام ساقچىسىنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋېلىپ ئوق چىقارغان. بىر نەپەر ۋېيتنام ساقچىسى نەق مەيداندا ئۆلگەن، يەنە بىرى ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا ئۆلگەن. ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن 5 كىشى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى پىچاق بىلەن قوراللىنىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. خەۋەرلەردە بايان قىلىنغان ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى شۇ.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ۋېيتنام ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، ۋېيتنام ساقچىلىرىنىڭ بايانلىرىدا گۇمانلىق نۇقتىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:
«ۋېيتنام تەرەپنىڭ خەۋەر ۋە بايانلىرىدا نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار مەۋجۇت. بىرىنچىدىن، ئۇلار ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئىچىدىكى ئاياللارنىڭ پىچاق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ 16 نەپەر مۇساپىر ئاللىقاچان ۋېيتنام ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ قولىدا پىچاق نېمە قىلىدۇ؟ ئەجەبا ساقچىلار ئۇلارنى تۇتقاندا ئۈستى-بېشىنى تەكشۈرمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ ئىككىنچىدىن، خىتاي تەرەپ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ۋېيتنام چېگراسىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئالدىن بىلىپ تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇتمايدۇ؟ نېمە ئۈچۇن ئۇلارنى ۋېيتنام تەرەپنىڭ قولى ئارقىلىق تۇتماقچى بولىدۇ؟ ئۈچىنچىدىن، توقۇنۇش جەريانىدا بىرقانچە ئۇيغۇرنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دېرىزىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلگەن دېگەن باياننى بەرگەن. ئۇنداقتا، بۇ بىنا قەيەردە، ئۆلگۈچىلەر قانچىنچى قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلىغان؟ بۇ نۇقتىلار كىشىنىڭ قاتتىق گۇمانىنى قوزغايدۇ. كىشىدە سوئال پەيدا قىلىدۇ.»
ئۇ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقە پەيدا قىلغان غۇلغۇلىدىن پايدىلىنىپ مالايشىيا، تايلاند قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى قوشنىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنرۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:
«مېنىڭچە، خىتاي تەرەپ چەتئەللەرگە قېچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بار كۈچى بىلەن « تېررورچىلىق » غا باغلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق مالايشىيا، تايلاند ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا ئەللەرگە قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوشنىلىرىنىڭ قولى بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا كونترول قىلىشنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز تاراتقۇلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە چەتئەل تاراتقۇلىرى ئارقىلىقمۇ يامان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. مېنىڭچە، بۇ چوڭ بىر سىياسىي سۈيىقەستنىڭ كىچىك بىر پارچىسى ياكى باشلانمىسى!»