يېڭىساردا بۇرۇنقى ئايالىغا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيدۈرگەن ۋاھاپ تۇرسۇن 10 يىللىق كېسىلگەن

0:00 / 0:00

يېڭىسارنىڭ ئەگۈس يېزىسىدا 67 ياشلىق تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئوغلىنى ھاراقتىن توسقانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، تۇرسۇن مەمەتنىڭ 3‏-ئوغلى ۋاھاپ تۇرسۇننىڭ بۇرۇنقى ئايالىغا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيدۈرگەنلىكى ئۈچۈن دادىسىدىن كېيىن ئۇنىڭمۇ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بىز 67 ياشلىق تۇرسۇن مەمەتنىڭ ئوغلىنى ھاراقتىن توسقانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلگەنلىك ۋەقەسىنى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئاھالىلەردىن بىرى، تۇرسۇن مەمەتنىڭ 3‏-ئوغلى ۋاھاپ تۇرسۇننىڭمۇ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى، بۇ جازاغا ۋاھاپ تۇرسۇننىڭ بۇرۇنقى ئايالىغا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيدۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئاھالىنىڭ بايان قىلىشىچە، 40 ياشقا يېقىنلاشقان ۋاھاپ تۇرسۇن، نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئاقسۇدىكى بىر جازا لاگېرىدا ئۆتىمەكتە. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئاۋۋال ساقچى ۋە كەنت ئامانلىق مۇدىرلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇلار بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

67 ياشلىق تۇرسۇن مەمەتنىڭ جورىسى، مەھبۇس ۋاھاپ تۇرسۇننىڭ ئانىسى، ۋاھاپ تۇرسۇننىڭ ئايالىغا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيدۈرگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋاھاپ تۇرسۇن 10 يىلنىڭ ئالدىدا نۇرنىسا سېيىت ئىسىملىك بىر ئايال بىلەن توي قىلغان ۋە ئىككى يىلدىن كېيىن ئاجراشقان. ئۇلار ئەر‏-ئايال بولغان مەزگىلىدە ۋاھاپ تۇرسۇن ئايالىغا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئاھالىلەرنىڭ پاش قىلىشىچە، نۇرنىسا سېيىت ۋاھاپ تۇرسۇن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان ۋە قەشقەرگە كۆچۈپ كەتكەن.

ئېنىقلاشلىرىمىزدىن ۋاھاپ تۇرسۇننىڭ نۇرنىسا سىيىتقا ئۇزۇن كۆڭلەك كىيدۈرگەنلىكى ئۈچۈن «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكى ئېنىق، ئەمما ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەنلىكى ئۈچۈن نۇرنىسا سىيىتنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كەلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس؛ يەنە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا نۇرنىسا سېيىتنىڭ دادىسى سىيىت ئەيسانىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

يەرلىك دائىرىلەر يېقىندا «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» سۈپىتىدە قىسقا ئىشتان كىيگەنلەرنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەمدىلىكتە 10 يىللىق قاماق جازاسىغا سەۋەب بولغان ئۇزۇن كۆڭلەك زادى قانداق رەڭ ياكى شەكلىدىكى كۆڭلەك ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل داۋام قىلىۋاتقان «قاتتىق زەربە» دولقۇنىنىڭ يېڭىساردا تېخىمۇ كەڭ-كۆلەملىك ۋە شىددەتلىك داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىر ئاڭلىغۇچىمىز تەرىپىدىن ئىنكاس قىلىنغان ئىدى. ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يېڭىساردا دوستىغا ياغلىق ئارتىشنى تەۋسىيە قىلغان 21 ياشلىق ھۆرنىسا ناسىرنىڭمۇ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.