تونۇلغان خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۈڭ تەيۋەن مەركىزى تەتقىقات ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى دوكتور چېن يىجۇڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ «شىنجاڭ» سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى ھەققىدە توختالدى. ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى سۆھبەتتە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇرلار زېمىنىغا يەرلەشتۈرۈپ، رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ، رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىدىكى ئاساسى سەۋەبلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ۋاڭ لىشۇڭ ئەپەندى يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، نۆۋەتتە رايوندا بارغانچە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان مىللىي زىددىيەت بۇ يەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە ۋەھىمە پەيدا قىلغان بولسا، ئۇيغۇرلاردا خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش خاھىشى كۈچەيگەن ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يازغۇچى ۋاڭ لىشۈڭ ئەپەندى خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە بىرقەدەر چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە يازغان كىتابىدىن «مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ» ناملىق كىتابى خىتايدا ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەسىر قوزغىغان يازمىلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
ۋاڭ لىشۈڭ ئەپەندىنىڭ تەيۋەن مەركىزى تەتقىقات ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى دوكتور چېن يىجۇڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى بۇ ھەپتە بىرقانچە قىسمغا بۆلۈپ، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىندى. سۆھبەتنىڭ 4 - بۆلۈمىدە ۋاڭ لىشۈڭ ئەپەندى دوكتور چېن يىجۇڭنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بىرقانچە سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ 80 - يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئەمەلىي تەكشۈرۈشلىرى داۋامىدا ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
1. «ئۈرۈمچىدە سىم توساق يوق، ئەمما شەكىلسىز توساق ئىككى مىللەتنى ئايرىۋەتتى، ئۇيغۇرلار نارازى خىتايلار ۋەھىمىدە»
ۋاڭ لىشۈڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ يۆتكىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي باستۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىپ خىتاي كۆچمەنلىرىدىكى ۋەھىمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،«ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشى بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن كۆچمەنلەر سەۋەبىدىن دەپ قارايمەن.» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئۇ بۇ يەكۈننى چىقىرىشىدىكى سەۋەبلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«چۈنكى 1950 - يىللاردا رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، زور كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن. خىتاي كۆچمەنلىرى كۆپلەپ كىرگەندىن كېيىن زىددىيەت كۈچەيدى. دەسلەپكى توقۇنۇشلار خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا (ئىسلام دىنىدا ھارام دەپ قارالغان) چوشقا سويۇشى، چوشقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسى بولغان دەريا - ئېقىنلاردا ئېقىتىۋېتىشى قاتارلىق يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىگە خىلاپ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن باشلاندى. ھېس قىلىشىمچە، 90 - يىللاردىلا ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۈشكە بولاتتى. شىنجاڭدا ھەتتا نەچچە ياشلىق كىشىك بالىلاردىمۇ مىللىي ئايرىمىلىق قارىشى مەۋجۈت. مەسىلەن بىر ئىدارىغا قاراشلىق ئائىلىكلەر قوروسىدا ئارىلىشىپ ئولتۇرغان خىتاي كادىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ بالىلىرى بىللە ئوينىمايدۇ. ئۇلار بىر جايغا كەلسىلا ئۆز - ئارا ئۇرۇشىدۇ.»
ئۇ ئۈرۈمچىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار رايونى بىلەن خىتايلار رايونى ئوتتۇرسىدا سىم توساق يوق،ئەمما شەكىلسىز توساق ئىككى مىللەتنى روشەن ئايرىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ تىلى ئوخشىمايدۇ، يېزىقى ئوخشىمايدۇ، دۇكانلارغا ئاسقان ۋىۋىسكىلارمۇ پەرقلىق، ھەتتا ئىككى مىللەتنىڭ تەم سەزگۈسىمۇ پەرقلىق» دەيدۇ.
ۋاڭ لىشۈڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قورال كۈچى ئارقىلىق قاتتىق باستۇرغانسېرى ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىق كۈچىيىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىدە ۋەھىمىلىك كەيپىيات ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ قارىشىمچە، جۇڭگودىكى مىللىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي سەۋەب،ھاكىم مۇتلەق باستۇرۇش سىياسىتى. قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن يامان ئاقىۋەتلەر كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. ھۆكۈمەت ھازىر شىنجاڭنى ھەربىي ۋە ساقچىلار ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىرچە زور كۆلەملىك چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرمىدى، ئەمما كىچىك تىپتىكى قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇلارنىڭ ئۆزىلا شىنجاڭدىكى كۆچمەن خىتايلاردا ئومۇمىيۈزلۈك ۋەھىمىلىك كەيپىيات شەكىللەندۈردى. مېنىڭ بىر نەۋرە ئاكام شىنجاڭدا بىر ئۆمۈر ياشىغان ئىدى، ئەمما ئۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئەسلى يۇرتى چىڭداۋغا قايتىپ كەلدى، ئەمدى شىنجاڭغا بارمايمەن دەيدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى خىزمىتى ئۇ يەردە بولغاچقىلا ھازىرچە قايتىپ كەلمىدى، ئەمما قايتىپ كېلەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قايتىپ كېلىۋاتىدۇ.»
2. «مۇستەقىل كېنەزلىك بىڭتۈەن رايوندىكى بايلىقنى ئىگىلىۋالدى، ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدىكى تايانچ كۈچى بولماقتا»
ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يەرلەشتۈرگەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ رايوندىكى بايلىقنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان قورالغا ئايلانغانلىقىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «مەن بىڭتۈەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدىكى خىتاي ئۆلكىسى دەپ قارايمەن. ئۇ ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنغا ئىگە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تەڭ ھوقۇقتا، شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ئۇنى باشقۇرالمايدۇ. ئۇ شىنجاڭدىكى نەچچە يۈز مىڭ كۇۋادرات كلومېتىر زېمىننى ئىگىلىۋالغان. ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت، بانكا، ھەربىي، ساقچى، قانۇن سېستىمىلىرى بار. بىڭتۈەن قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن. 80 - يىللاردا دىڭ شاۋپىڭ «بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى يادرو» دېگەن ئىدى. شىنجاڭدىكى يەرلىكلەرنىڭ بىڭتۈەنگە بولغان نارازىلىقى ئەڭ كۈچلۈك. شىنجاڭدىكى ھەر بىر ناھىيىنىڭ يېنىدا بىردىن بىڭتۈەن پولكى قۇرۇلغان. بۇ نىڭ ئۆزى يەرلىك خەلقنى دۈشمەن كۆرۈپ مۇداپىئە كۆرگەنلىك ئەمۇسمۇ؟»
3. «جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ياردەم بەردۇق دەيدۇ، ئەمما يەرلىكلەر بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىلگەن بايلىقنى سۈرۈشتە قىلماقتا»
ۋاڭ لىشۈڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەردۇق دەپ تەشۋىق قىلىۋاتسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىلگەن زور بايلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىۋاتقانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «شىنجاڭدا سۇ ئەڭ قىس، ئەمما شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل بايلىقى بار. بولۇپمۇ تەبىئىي گاز قاتارلىقلار. ھۆكۈمەت شىنجاڭغا مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتىمىز دەيدۇ. ئەمما شىنجاڭ خەلقىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ھېساۋاتى بار.ئۇلار سېنىڭ بۇ يەردىن قانچىلىك نېفىتنى، قانچىلىك گازنى، قانچىلىك كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كەتكىنىڭنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. زادى كىم جىق، كىم ئاز ئېرىشىۋاتىدۇ؟ بۇ ئېنىق ئەمەس!»
4. «ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ساقال مىللىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا»
ۋاڭ لىشۈڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال - بۇرۇتىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلغان يەنە بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،«يەرلىكلەرنىڭ ساقال - بۇرۇتىنى چۈشۈرۈش سىياسىتى باشلانغىلى خېلى ۋاقىت بولدى. ھۆكۈمەت بۇنىڭ سەۋەبىنى ساقال، بۇرۇت دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇرلار كوچىلاردا توسۇۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ساقال - بۇرۇتلىرى مەجبۇرىي چۈشۈرۈلمەكتە. مېنىڭ ساقال قويغان دوستلىرىم بار، ئۇ ئوقۇتقۇچى، ئۇ ماڭا «سىلەرنىڭ داھىيىڭلار ماركىس،ئېنگىلىس، لېنىنلارمۇ ساقاللىققۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىز ساقال قويساق بولمايدىكەن؟ بۇ سىياسەت ھاماقەتلىك بولماي نىمە ؟ دەپ سوئال قويدى» دەيدۇ.
5. «ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتچىلىك 90 - يىللاردا كۈچەيدى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرماقچى»
ۋاڭ لىشۈڭ ئەپەندى ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ 90 - يىللاردىن باشلاپ كۈچەيگەنلىكىنى، دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى مۇستەقىللىق يولىغا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلاردا مىللەتچىلىك ئېڭى كۈچەيدى.10 نەچچە يىللىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتىمدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ نىشانى مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. چۈنكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما تۇتقان ئوتتۇرا يولنىڭ مەغلۇبىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يولغا ماڭمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىق يولىغا ماڭمايدۇ دەپ تەرىپلىشىدۇ. شۇڭا ھازىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگدىن ۋاز كەچتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇستەقىل يولىدا ماڭماقتا. ئىچكى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ۋە قارشىلىق ھازىر خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇيغۇرلار زور بەدەل تۆلەپ قۇربان بېرىۋاتىدۇ، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن زور كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇشلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى، بۇ ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى. ئۇيغۇرلار ئەگەر جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرسە، خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرماقچى.»
0:00 / 0:00