5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

بۇ يىل، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىدا يۈز بەرگەن، زور سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى مەيدانغا كەلگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 17 يىللىقى.

1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا خەلقى تەرىپىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە دائىر چاقىرىقى بىلەن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى بۇ ھەرىكەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېھتىرام بىلەن ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ كۈرەشچان، پىداكار روھىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇلىتىش، ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرغا قەدەر تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىغا ئەركىنلىك، ئادىللىق تەلەپ قىلىش ھەمدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان توختاۋسىز باستۇرۇشلىرى، قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 2014-يىل 2-ئاينىڭ 5-كۈنى(چارشەنبە) ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ نامايىش مەيدانىدىن بەرگەن خەۋىرىنى ئاڭلىغايسىلەر.