بۈگۈن، يەنى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسەتلىرىگە، «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن داغدۇغىلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ نامايىشنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، توم لەنتۇس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن. نامايىشقا ئامېرىكىدىكى توم لەنتۇس كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ رەئىسى كاترىنا توم لەنتۇس خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىملار يېتەكچىلىك قىلدى.
نامايىشقا پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشتى.
نامايىش جەريانىدا كاترىنا خانىم رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر شىنجاڭدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ھېسابلىشىمىزچە، 800 مىڭدىن 1 مىليونغىچە بولغان گۇناھسىز ئۇيغۇرلار ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دەپ ئاتىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋېلىندى. بۇ تىنچلىقنى سۆيىدىغان، گۇناھسىز يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زور كۆلەمدە ھەپسىگە ئېلىنىشىنىڭ دۇنيادىكى بىردىن-بىر ئۆرنىكىدۇر. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنى بېسىم، مىللىي مەدەنىيەت بېسىمى ۋە باشقا زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئىچىدىكى پەقەتلا بىرى، خالاس. بىز بۇلارنى ھازىر دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىرى، دەپ قارايمىز. بىز بۈگۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا ‹يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى› غا قامالغانلارنى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى چاقىرىقىمىزنى تاپشۇرىمىز. بىز بۇ ھەرىكىتىمىزنىڭ بۇ لاگېرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان تىرىشچانلىقلار ئۈچۈن بىر باشلىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
كاترىنا خانىم نامايىشتا سۆزلىگەن نۇتقىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ چوقۇم توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نى تاقاش مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشنى داۋام قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سېناتور ماركو رۇبىيو ۋە كىرىس سىمىتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە قىلغان بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارنىڭ بۇ چاقىرىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. كاترىنا خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «بىز قاچان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ‹يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى› ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاشۇ سولانغان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئەركىن نەپەس ئالغۇچە، ئىلگىرىكىدەك چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن خالىغانچە ئالاقە قىلالايدىغان بولغۇچە ھەرگىز توختاپ قالمايمىز، قاچان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگىچە، قاچانىكى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز بۇ مەسىلىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، تېگىشلىك بولغان تەدبىرنى ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يۈزىگە سالغۇچە، قاچانىكى شۇ ‹يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى› دا زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلار بىزنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكۈچە، بىز ھەرگىز توختاپ قالمايمىز. . .» دېدى.
نامايىش داۋامىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا زور ئۈمىد بەخش ئەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى قاچان ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە چىققۇچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشقا چىققان ياشلاردىن بىرىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرمىلەردە، «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» دا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن بۇ نامايىشقا چىققانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئارقىدىن، كاترىنا خانىم، رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر بىرلىكتە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىپ خىتاي ئەلچىسىگە يېزىلغان مەكتۇپنى ئىشىك ئالدىغا قويدى. نامايىش ئىنتايىن يۇقىرى بىر كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلدى.
0:00 / 0:00