ۋاشىنگتون شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىتتىپاقلىق مارشى» نامايىشى باشلاندى

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مىللىي كرىزىسلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. 20-دېكابىر كۈنى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» تەشكىللىگەن نارازىلىق نامايىشىنى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تۇنجى مەيدان پائالىيىتى ئاق ساراي ئالدىدا باشلانغان بولۇپ، نامايىش ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلاندى. مارشتىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» نىڭ ۋەكىللىرى ئارقىمۇ ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، دىنىي ۋە پەننىي ئالىملارنىڭ ئوخشاشلا مۇشۇ لاگېرلارغا ھەمدە تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي خىتاي كۆچمەنلىرىگە تويلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە قېزىش بىلەن بىرگە يەرلىك ئۇيغۇرلارنى نامراتلىققا مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئابدۇۋارىس ئابلىمىت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل نامايىش سېپىگە قوشۇلۇشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇ مەقسەتتە بۇ نامايىشنى داۋاملىق قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئەمدى ئۆزىنىڭ ئەركىن دۇنياغا چىققانلىقىنى، مەھكۇملۇققا گىرىپتار بولغان شۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزىگە تەلمۈرۈۋاتقان كۆزلىرىنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ھەرقانداق قورقۇنچ ياكى ئەندىشىگە ئورۇن قويمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

نامايىشنىڭ ئاق ساراي ئالدىدىكى شوئار توۋلاش باسقۇچىدىن كېيىن نامايىشچىلار سەپ بولۇپ تىزىلىپ، ئاق سارايدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىغا يۈرۈش قىلدى. ساقچى ماشىنىلىرى ۋە موتسىكلىتلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى نامايىشچىلار چوڭ كوچىنى بويلاپ يۈرۈش قىلىش جەريانىدا توۋلىغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلار كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا ئىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشچىلار ئارىسىدا ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، قارا تەنلىكلەر نەسلىدىن بولغان سالاھىدىن ئابدۇكېرىممۇ بار ئىدى. بىز ئۇنىڭدىن «سىز ئۇيغۇر ئەمەسكەنسىز. قانداق بولۇپ بۇ نامايىشقا قاتنىشىپ قالدىڭىز؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق نامايىشلارغا قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچ مۇنداق دېدى.

«يېقىندا روشەن ئابباس بىلەن بولغان بىر قېتىملىق زىيارەت خاتىرىسىنى ئوقۇدۇم. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەيرانلىقتىن ياقامنى چىشلىدىم. ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قانداق كۈلپەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما راستىنى دېسەم، ئەھۋالنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ھەمدە مەندىن دەرس ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم بۇ ئەھۋاللارنى بىلىشى زۆرۈر ئىكەن، دەپ ئويلىدىم. شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ نامايىش مەيدانىغا كەلدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلىرى ئادالەتسىزلىكتۇر. يەنە كېلىپ بۇ ئادالەتسىزلىك ھازىر بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇ ئادالەتسىزلىكتىن ئۆزىنى ھىمايە قىلىش قۇدرىتى بولمىغان ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا مەھكۇم بولۇۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ بىر جىنايەت. خەلقئارا قانۇنغا، ئەخلاق مىزانلىرىغا قارشى جىنايەت. يەنە كېلىپ خىتاي ئۆزىنىڭ تېخى يېقىنقى زامان تارىخىدا قانداق كۈنلەرنى كۆرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. يېقىنغىچە دۇنيا ئۇلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلار كىچىككىنە كۈچلىنىپ قېلىپلا دۇنيانى كۆزگە ئىلمايۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئادالەتسىزلىك، قىرغىنچىلىق، زوراۋانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ھاكىمىيەتتىكى بىر توپ لۈكچەكلەر ھېمايىسىز بالىلار، ئاياللار، شۇنداقلا ئەرلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇلارنى توختىتىش لازىم، دەپ قارايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نامايىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى، شۇنىڭدەك 21-ئەسىردە يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇش بۇنىڭدىكى ئاساسىي چاقىرىق مەزمۇنلىرى ئىكەن.