10-دېكابىر ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ۋايمار شەھىرىدە خىتاي زۇلۇمىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن، كارلىسرۇھې، فرانكفۇرت شەھەرلىرىدىن «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشتا ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، ۋايمار شەھىرىدىكى بۇ نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ۋايمار شەھىرىنىڭ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى لايىق كۆرگەنلىكىنىڭ سىياسىي قىممىتى ھەققىدە توختالدى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىممۇ، بۇ قېتىمقى نامايىشقا يۇقىرى باھا بېرىپ، نامايىش سېپىغا قېتىلغان ئۇيغۇرلارغا بولغان رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئىمانى ۋە ۋىجدانىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ميۇنخېن شەھىرىدىن كەلگەن مېھرىبان خانىممۇ، نامايىش ھەققىدە ھەمدە ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىللىي كۈرەشلىرى توغرىسىدا قاراشلىرىنى تىلغا ئالدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن فرانكفۇرت شەھىرىدىن كەلگەن «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى» رەئىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىمۇ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە بولۇپ ئۆتكەن بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى گېرمان جامائىتىگە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ۋە ۋايمار شەھىرىنىڭ ئىلھام توختىغا بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى توغرۇلۇق مەلۇماتلار تەقدىم قىلدى ھەمدە ۋايمار خەلقىگە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00