دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋېنگرەيىدىكى يىغىنى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياشلار كومىتېتى كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى ۋېنگىرىيەگە توپلانغان ئىدى.

كومىتېتنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ئاگاھى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ۋېنگرىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ 11 سائەت سوراق قىلىنغان ۋە 4 سائەتنىڭ ئىچىدە ۋېنگىرىيەدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان. كومىتېتنىڭ يىغىن ئاچماقچى بولغان زالىمۇ قۇلۇپ سېلىنىپ كىرىپ- چىقىش چەكلەنگەن. نەتىجىدە كومىتېت ئەزالىرى گېرمانىيىگە يۆتكىلىپ، يىغىن پائالىيىتىنى گېرمانىيىدە غەلىبىلىك تاماملىغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈمىد خەمىت ئاگاھى، ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىشارەتلەر بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋېنگىرىيەنىڭ بۇ قېتىم خىتاي تەرەپكە ئالدانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سوئال: ۋېنگرىيىدىكى پائالىيىتىڭلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، بۇ قانداق ئەھۋال، قانداق يۈز بەردى؟

جاۋاب: پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ماشىنىدا كېتىۋاتقانىدۇق، ساقچىلار پاسپورتىڭىزدا مەسىلە باركەن دېگەن باھانە بىلەن مېنى تۇتۇپ ئەكەتتى. ساقچىخانىدا تېررورلۇق گۇمانى بىلەن سوراق ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگۈچى دېگەن يەكۈن بىلەن 4 سائەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە ۋە ئىككى يىلغىچە ۋېنگىرىيەگە كەلمەسلىككە بۇيرۇدى. ئەسلىدە شۇ كۈنى قويۇپ بېرىلمەي داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋە يەنە بىرنەچچە كۈن ئاۋارىچىلىككە يولۇقۇش ئېھتىمالىم بار ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەھۋالىمنى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىمىزدىن دولقۇن ئەيسا، ئەسقەرجان ۋە رابىيە خانىملارغا بىلدۈردۈم، گېرمان ئەلچىخانىسىغىمۇ مەلۇم قىلدىم؛ ئۇلارنىڭ بىر قاتار خىزمەتلىرى، بولۇپمۇ گېرمان كونسۇلخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قويۇۋېتىلدىم.

سوئال: ۋېنگىرىيەدە ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيىتىڭلار نېمە ئىدى؟

جاۋاب: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىنى ئاچماقچى ئىدۇق. يىغىنىمىز 3 كۈن داۋام قىلماقچى، يىغىننىڭ باش قىسمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلماقچى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھونلار قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتچىلىرى ۋە سەنئەتچىلىرى بىلەن ئۇچراشماقچى ۋە ئەتىسى ۋېنگرىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنىمىزغا كەلگەن 32 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلنى كۈتۈۋالماقچى، يىغىننىڭ ئۈچىنچى كۈنى بولسا، تەسىس قىلىش پىلانلانغان ئۇيغۇر -ۋېنگر يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ۋە شۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان.

سوئال: يىغىنغا كەلگەن باشقا ۋەكىللەرمۇ ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىدىمۇ؟

جاۋاب: ئۇلار ۋە ئۇلار تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىمۇ تەكشۈرۈلدى، ئەمما قانۇنىي سوراققا تارتىلمىدى. بىز يىغىن ئاچماقچى بولغان بىنا «بومبا قويۇلغان» دېگەن گۇمان بىلەن چەمبەرگە ئېلىنىپ تەكشۈرۈلدى ۋە يىغىن زالى قۇلۇپلاندى. نەتىجىدە يىغىنىمىزنى گېرمانىيىدە ئېچىشقا قارار بېرىپ، شۇ كۈنى گېرمانىيىگە يېنىپ كەلدۇق.

سوئال: ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى نېمە دەپ چۈشەندىڭلار؟

جاۋاب: ناھايىتى ئېنىق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ تونۇيدىغان دۇنيادا پەقەت پەقەتلا خىتاي. خىتاينىڭ ساختا بىر مەلۇماتى مېنى ۋە تەشكىلاتىمىزنى قارىلانغانلىقى ۋە ۋە ۋېنگرىيىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغانلىقى، سوراق جەرياندىكى تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم. ساقچىلارنىڭ قولىدىكى ماتېرىيالدا مېنىڭ ئىسمىم ئۈمىد خەمىت ئاگاھى دەپ يېزىلغان؛ مېنىڭ گېرمان پاسپورتۇم قاتارلىق دوكۇمېنتلىرىمدا ئىسمىم ئۈمىد خەمىت دېيىلگەن، بۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۈستۈمدىن تەييارلانغان ماتېرىيالنىڭ خىتاي تەرەپ تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

سوئال: سىز تۇتۇلغاندىن كېيىن، ۋېنگىرىيەدە سىلەرنى قوللىغان ۋە پائالىيىتىڭلارغا ھەمكارلاشقان يەرلىك تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق بولدى؟
جاۋاب: بىز بۇ يىغىنىمىزنى دۇنيا ھۇن قۇرۇلتىيىنىڭ ھىمايىسىدە تىزىمغا ئالدۇرغان. ئۇلار ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ساقچىلار بىلەن سۆزلەشكەن، ئەمما ساقچىلار دەسلەپتە «بىز پەقەت ئۇنىڭ ئىسىم ۋە رەسىمىنىلا تەكشۈرۈۋاتىمىز، تەكشۈرۈشتىن كېيىن قويۇۋېتىمىز» دېگەن؛ مەن قويۇۋېتىلىپ ھۇن قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت بىناسىغا باردىم. ئۇ يەردە 6 يۈزدىن ئارتۇق كىشى مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن، ئارىسىدا تەشكىلات ئەزالىرى، ئادۋوكاتلار قاتارلىق ھەر ساھەنىڭ ئادەملىرى بار. مەن ئەھۋالنى ئېيتىپ ۋېنگىرىيەدىن ئايرىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقىنىمدا، ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ بىزنى ئۇزىتىپ قويدى؛ ئۇلار بۇ ئىشنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىنى، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىزنى ۋېنگىرىيەدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە ئۈندىدى؛ بىزمۇ دۈشمىنىمىزنىڭ قولىنى ۋە پەيلىنى بىلىدىغانلىقىمىزنى، بۇنداق ئاۋارىچىلىكلەرگە ھەر ۋاقىت روھىي جەھەتتىن تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ خوشلاشتۇق ۋە ۋەزىيەت ئوڭشالغاندا قايتا كېلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق.

سوئال: ۋەقەدىن مەيۈسلەندىڭلارمۇ؟

جاۋاب: قىلچە ئۇنداق ئەمەس. ئۆزىمىزنىڭ ۋە داۋايىمىزنىڭ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەن بولدۇق. داۋايىمىزنىڭ قايسى شەكىل ۋە مەزمۇندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۈستەلدە سۆزلىشىلگەنلىكىنى ئۇقتۇق. پائالىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، خەلقىمىزنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، يىغىنىمىزنىڭ توسۇلغانلىقى ئاخبارات ئارقىلىق پۈتۈن ۋېنگر خەلقىگە يېتىپ باردى؛ خەۋەر تاپقانلارنىڭ ھەممىسى ۋېنگر ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ۋېنگر خەلقىگە كەڭ كۆلەمدە تونۇلدۇق. يىغىنىمىز نورمال داۋام قىلغان بولسا، بەلكىم بىزگە دىققەت ۋە ھېسداشلىق بۇ دەرىجىدە كەڭ ۋە قىزغىن بولمىغان بولاتتى.

پەيشەنبە كۈنى كەچتە ۋېنگىرىيەدىن گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەن ۋەكىللەر تۈنۈگۈن يەنى يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيىدە يىغىنىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە يىغىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان.