كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينى كانادالىق ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سالماسلىققا چاقىردى

0:00 / 0:00

ئەركىن قۇرباننىڭ 1999‏-يىلى كاناداغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىپ، ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم كانادا پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن ۋەتىنىگە بېرىپ، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يۇرت ئەھلىنى يوقلىشى ئىدى. بىراق ئۇ، ئۈرۈمچىگە چۈشۈپ 3‏-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئۇنى دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى تۇتۇپ ئاپىرىلىپ سوراق قىلغان.

سوراق جەريانىدا ساقچىلار ئۇنىڭ كاناداغا قايتىپ بېرىپ، مونتېرالدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە ماقۇل بولسا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، بولمىسا ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىقى ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان. بىز بۇ ھەقتە ئەركىن قۇربان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق:

ئەركىن‏‏: ھەرقانداق ئۇيغۇر بارسا، بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېغىر-يەڭگىل ئۇسۇللار بىلەن سوراق قىلىدىكەن. بولۇپمۇ مەن كاناداغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىچىدىكى يىغىلىش، پائالىيەتلەردە سەل ئاكتىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئۇلار مەلۇمات توپلاپتىكەن. شۇڭا، مەن بېرىپ 3 كۈندىن كېيىن، دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ خادىملىرى مېنى تەكلىپ قىلىپ، ئىشخانىسىغا ئەكىرىۋالدى. 1-قېتىمدا مېنى 10 سائەت چىقارماي شۇ يەردە 4 ئادەم سوراق قىلدى.

مۇخبىر‏: ئۇ سوراقچىلار قايسى مىللەت ئىدى؟ خىتايلارمۇ، ئۇيغۇرمۇ ياكى باشقا مىللەتلەرمۇ؟
ئەركىن‏: ئۈچ خەنزۇ، بىر ئۇيغۇر. لېكىن خەنزۇلار بىزنىڭ تىلىمىزدا گەپ قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرى ناھايىتى جىق، ناھايىتى قاتتىق.

مۇخبىر‏: قانداق سوئاللارنى سورىدى؟ ئۇلار نېمىگە قىزىقىدىكەن؟
ئەركىن‏: شەخسەن ماڭا دەيدۇ، سەن شۇ يەردىكى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپسەن، يېتەكچىلىك قىلىپسەن، نامايىشلارنى قىلىپسەن، دېگەن مەزمۇندىكى سوئاللارنى كۆپ سورىدى ئۇلار. مەن بۇرۇن سىياسەتنى پەقەت بىلمەيتتىم، كاناداغا كېلىپ، مېنىڭ سىياسىي كۆز قارىشىم ئۆزگەرگەچكە، مەن ئۆزۈمنىڭ كانادا ۋەتەندىشى ئىكەنلىكىمنى، جۇڭگوغا قانۇنلۇق ۋىزا ئېلىپ تۇغقانلىرىمنى يوقلاش مەقسىتىدە كەلگەنلىكىمنى، دېدىم. مەن ئۆزۈم ناھايىتى چىڭ تۇردۇم، سەن ئۆزۈڭنىڭ قانۇنىدىمۇ يوق، ئۇنداق خالىغانچە بېسىم قىلىپ ئادەم سوراق قىلىدىغان، دەپ. شۇنداق تالاش-تارتىش داۋام قىلىۋېرىپ ۋاقىت بەك سوزۇلۇپ كەتتى. ئاخىرى مەن دېدىم، ئەگەر ھاياتىمغا ھەر قانداق بىر خەتەر يەتكۈزسەڭ، مەن پەقەت قورقمايمەن.

مۇخبىر‏: ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا رېئاكسىيەسى قانداق بولدى. ئۇلار قانداق پوزىتسىيە بىلدۈردى بۇ سۆزلەرگە؟
ئەركىن‏: ئۇلار باشتا ناھايىتى قاتتىق تۇرغان. مەن ماۋۇ گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلار سەل يۇمشىغاندەك بولدى. قولۇڭدىن نېمە ئىش كېلىدۇ، دېگەن سوئالنى مەن ئۇلارغا قويدۇم، قويسام، چېگرادىن چىقىرىۋېتىمىز، دېدى. ئۇنداق بولسا،چىقىرىۋەتسەڭ چىقىرىۋەت، دەپ تۇردۇم. ئەمما مېنىڭ ھاياتىم قانداق بىر خەتەرگە ئۇچرىسا، كانادا ھۆكۈمىتى بۇنى سۈرۈشتۈرىدۇ، ئۇنىڭغا سەن ئۆزۈڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جاۋاب بېرىسەن. شۇنىڭغا تەييارلىقىڭ بولسا، نېمە ئىش قىلساڭ شۇنى قىل، دەپ تۇردۇم.

مۇخبىر: ئۇلار سىزدىن نېمە تەلەپ قىلدى؟ نېمىگە ئېرىشمەكچىكەن ئۇلار؟
ئەركىن : ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى، بۇ كانادادىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق ئۇلارغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشۇمنى، ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن مەلۇمات ئالماقچىكەن ئۇلار.

مۇخبىر‏: تەھدىت سالىدىغان، قورقۇتىدىغان ئىشلار يۈز بەردىمۇ؟
ئەركىن‏: تەھدىت بولدى، بولمايدىغان ئىش يوق. پاسپورتۇمنى قوپاللىق بىلەن ئېلىپ، كۆزگە ئىلمىغاندەك، ئۇلارنىڭ خۇيىنى بىلىسىزغۇ، قوپاللىق قىلىۋېدى مەن، بۇ كانادا دېگەن دۆلەتنىڭ پاسپورتى. ماۋۇ سېنىڭ پاسپورتۇڭ ئەمەس. بۇ پاسپورتقا سەن ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭ كېرەك. بۇ كاناداغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەپ تۇرۇۋالدىم. دېگەندىن كېيىن ئۇلار پاسپورتنى ئۈستەلگە تاشلاپ قويدى. ئاخىرى ئىش تۈگىگەندە، پاسپورتنى قوپاللىق بىلەن كانادانى مەنسىتمىگەندەك شۇنداق پوزىتسىيەدە قايتۇرۇپ بەردى. بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنە چاقىردى، مېنى. 2‏-قېتىمدا ۋاقىت ئۇنچىلىك ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. 3-4 سائەت داۋام قىلدى.

مۇخبىر‏: ئىككىنچى قېتىمدا ئۇلار قانداق مەسىلىلەرنى سورىدى؟ ئوخشاش مەسىلىنى سوراۋاتامدۇ ياكى؟
ئەركىن‏: ئوخشاش مەسىلىنى سورىدى. ئاساسەن ئۇلارنىڭ مەقسىتى، بىزگە ئوخشاش چەتئەلگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرى ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلارغا بېسىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ھەرىكەتكە قاتناشماسلىقىنى كۈتىدىكەن. شۇڭا، بىزگە زەربە بېرىدىكەن ئۇلار، مەن شۇنداق چۈشەندىم ئۇلارنى.

مۇخبىر: بۇ قېتىمقى سەپىرىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى كۆردىڭىز ياكى ھېس قىلدىڭىز؟ سىز ئۇزۇن بولدى، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنگە، 1996‏-يىلى كەلدىڭىزغۇ دەيمەن كاناداغا؟ ھە-راست 1999‏-يىلى. ئون نەچچە يىلدىن كېيىن ۋەتەنگە باردىڭىز، قانداق ئۆزگىرىشلەرنى كۆردىڭىز؟
ئەركىن: ئۇ، بىز بار ۋاقىتتىكى ۋەتەن پەقەت ئەمەسكەن، ئۇ ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ ھازىر. سىياسىي جەھەتتىن ئۇ بىز قوبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە. بىز بار ۋاقتىمىزدا ھېچقانداق ئەمەس، ناھايىتى راھەتكەنمىز. لېكىن ھازىر نەچچە ھەسسە ئۆزگىرىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىش ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلدى. ئۇيغۇرلار گەپ قىلالمايدىغان گاچا بولۇپتۇ ئەمدى. ھەق توغرىلىق، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى توغرىلىق گەپ قىلىدىغان ئادەمنى ھەم كۆرمىدىم، ھەم گەپ قىلالمايدىكەن. ئۇ ۋەتەننى تەرەققىي قىلىپتۇ دېگەن بىلەن، ئۇ پەقەت خەنزۇ خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە قىلغان ئىشلاركەن. ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پايدىسى يوق، پەقەت زىيىنى بار، مەن شۇنداق ھېس قىلدىم. نورمال خەلقنىڭ ھاياتى ناھايىتى قاتتىق. مەسىلەن، يېزا خەلقىنىڭ، ئىشسىزلارنىڭ. پۈتۈن ئىشلارنى چوڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەنزۇنىڭ شىركەتلىرى ئىگىلەپ كەتكەچكە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى توسۇلۇپتۇ دېسەم بولىدۇ. ئۇ يەرگە بېرىپ تۇغقانلىرىمنى كۆرۈش خۇشاللىقىمدىن، نەپرىتىم قاتتىق مېنىڭ. ئۇ يەردە بىز بۇرۇن ئۇيغۇرنىڭ نورمال مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى خاتىرجەم قىلالايدىغان بىر مۇھىتتىن كەلگەن. ھازىر ئەمدى، ئۇيغۇر خاتىرجەم ماڭالمايدىكەن. سەللا گۇمان قىلسا، دوقمۇش-دوقمۇشتىكى قوراللىق ساقچى ۋە ھەربىيلەر ئۇيغۇرنى تۇتۇپلا ئەكېتىپ بارغان. بۇ ئەھۋالدا قانداق خۇشال قايتىپ كەلگىلى بولىدۇ.

كانادا «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن قۇربان ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان 6 كانادالىق ئۇيغۇرنىڭ بىرىكەن. بىراق ئۇ بۇ مەسىلىنى تۇنجى قېتىم كانادا ئاخباراتىغا ئېلىپ چىققان.

خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ كانادالىق ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى، ئۇلارنى جاسۇسلۇققا قىستىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. كانادا تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئايال باياناتچىسى دىئانا خادداج «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى»گە بەرگەن باياناتىدا، «چەتئەلنىڭ كانادا ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئالاقىدار كانادا دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان جىددىي مەسىلە. بىز خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئىجرا قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا، قانۇن بىلەن ئىش باشقۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

لېكىن خىتاينىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇشاۋۇرى ۋاڭ ۋېنتيەن، «يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى»گە ئەۋەتكەن خېتىدە، كانادالىق ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى رەت قىلىپ،، «مەن، بۇ ئاساسسىز ھېكايىگە ئىشەنمەيمەن» دەپ تەكىتلىگەن.