28 - ئىيۇن خوتەننىڭ خانئېرىق يېزىسىدا 300 - 400 ئەتراپىدىكى نامايىشچى ئاممىنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. «خانئېرىق ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن «نيۇ - يورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئاندۇرۇ جەيكوپ خانئېرىققا بارغان ۋە يەرلىكلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقان.
ئاندۇرۇ جەيكوپ ئۆزىنىڭ خانئېرىقتا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خانئېرىق يېزىسىنىڭ قاتتىق قامالغا ئېلىنغانلىقى، كىشىلەرنىڭ قاتتىق قورقۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 28 - ئىيۇن كۈنى خانئېرىقتا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغان.
ئىستانسىمىزنىڭ يەرلىك دائىرىلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى نەتىجىسىدە، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى بىر قەدەر ئايدىڭلاشقان ئىدى.
«نيۇ - يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئاندۇرۇ جەيكوپ بولسا ۋەقەدىن كېيىن خانئېرىققا بېرىپ، بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان تۇنجى چەتئەل مۇخبىرى.
ئۇ ماقالىسىنى خانئېرىقنى قاپلىۋالغان ئەندىشە ۋە ۋەھىمە كەيپىياتنى تەسۋىرلەش بىلەن باشلاپ: خانئېرىقتا خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئارىدىن بىر قانچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. يەرلىكلەر قوراللىق قىسىملارنىڭ نۇرغۇن ياشلارنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما، خىتاينىڭ يىراق غەربىگە جايلاشقان بۇ كىچىك توپىلىق يېزىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ۋەھىمىنى ھېس قىلماق ئانچە تەسكە توختىمايتتى. تۇتقۇن قىلىشتىن ئامان قالغانلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە ھېچكىمگە تىنماسلىق، ئەكسىچە بولغاندا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئاپىرىۋېتىلىش بىلەن تەھدىت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بازار ئەتراپىدىكى ياشقا چوڭراق بىر كىشى ماڭا «بىز بۇ ھەقتە سۆزلەشتىن بەك قورقىمىز» دېدى. يەنە بىر كىشى بولسا مېنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىدىن ئۆزرىخاھلىق تىلەپ تۇرۇپ، ماڭا قولى بىلەن گېلىنى بوغۇزلىغان ئىشارەتنى قىلدى ۋە موتسىكلىت بىلەن دەرھال ئۇزاپ كەتتى، دەپ بايان قىلغان.
«خانئېرىق ۋەقەسى» ھەققىدە ئىستانسىمىز مۇخبىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خانئېرىقتىكى بالاماس مەسچىتىنىڭ جامائىتىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكى، ۋە مەسچىت ئىمامى مەتتۇرسۇن مەتسەيدىنىڭ ئىناۋىتىنىڭمۇ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولغان ۋە بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنى چەكلىگەن.
نەتىجىدە، ئەھۋالغا نارازى بولغان جامائەت بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا تالاش - تارتىش يۈز بەرگەن. كېيىن ساقچىلار شۇ كۈنى ئۆزى بىلەن تاكاللاشقانلارنى ۋە مەسچىت ئىمامىنى قولغا ئالغان.
بۇ ئەھۋالدىن نارازى بولغان 300 - 400 ئەتراپىدىكى جامائەت جۈمەدىن كېيىن نامايىش قىلىپ، خوتەن شەھىرىگە قاراپ ماڭغاندا قوراللىق قىسىملار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنىپ، ئوققا تۇتۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدە تارقاتقان ئۇچۇرىدا ۋەقەدە ئۆلۈم - يېتىم بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئەمما، «نيۇ - يورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئاندۇرۇ جەيكوپ ئۆزىنىڭ يەرلىكتىكى بىر قانچە كىشىنىڭ ئېغزىدىن شۇ كۈنى خانئېرىق بىلەن خوتەن شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيولدا نۇرغۇن نامايىشچىنىڭ ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ ماقالىسىدە، ئىستانسىمىزنىڭ يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىدىن ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىگىلىگەن ئۇچۇرىدىن ئەينەن نەقىل ئالغان ۋە خانئېرىقنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: ئارىدىن 4 ھەپتە ئۆتكەن بولسىمۇ، خوتەن ۋە ئەتراپىدىكى يەرلەردە يانفون مۇلازىمىتى ئۈزۈۋېتىلگەن. نۇرغۇن يېزىلاردا سىرتقا چىقماسلىق بۇيرۇقى بېرىلگەن. نۇرغۇن ئاھالىلەر تېخىچە ئىنتېرنېتقا چىقالمايدىكەن. خىتايدا ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۈندىدارمۇ ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالغان»، دەپ تەسۋىرلىگەن.
مۇخبىر ۋەقەدىن كېيىن خوتەن شەھىرىدىمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلغانلىقىنى، خوتەندىكى ئىتتىپاق مەيدانىدا ئاپتوماتلىق ھەربىيلەرنىڭ ئاپشاركىلار بىلەن ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى، جۈمە نامىزى ۋاقتىدا تىكئۇچارلارنىڭ ئاسماندا ئايلىنىپ يۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن خەۋىرىنى مۇنداق داۋام قىلغان: قولغا ئېلىنىپ كېتىشتىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر پروفېسسور ماڭا «بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ غەزىپى تېشىپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. مانا بۇ ئەھۋاللار ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مول تەبىئىي بايلىققا ئىگە بۇ زېمىننى باشقۇرۇشتا ئۇچراۋاتقان رىقابەتنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ تۇرماقتا.
ئۇ ماقالىسىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش نامى ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن، توختىماي كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغان.
رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كۆپى خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنمايدۇ، قىلىنغانلىرىدا بولسا ۋەقەلەر «بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ۋەقەلىرى» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ چەتئەللەردە تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما، ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارىلاشلىرىغا گۇمان بىلەن قاراپ كەلدى. چۈنكى، كۆپىنچە ھاللاردا بۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا پەقەت پىچاق قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللاردىن باشقا نەرسە يوق.
مۇخبىر ئاندۇرۇ جەيكوپ ماقالىسىنى داۋام قىلىپ: خانئېرىقتىكى يەرلىكلەر ماڭا «ئوققا تۇتۇلغانلار قورالسىز، ئۇلار پەقەت قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنىڭ ئاياغلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ كوچىغا چىققان كىشىلەر ئىدى» دېدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خوتەندە يەرلىك دائىرىلەر تاكسى شوپۇرلىرىنى ياغلىق چىگكەن ئاياللارنى تاكسىغا ئېلىشتىن، دوختۇرلارنى ياغلىق چىگكەن ئاياللارنى داۋالاشتىن چەكلىگەن. قولغا ئېلىنىپ كەتكەن ئىمام مەتتۇرسۇن مەتسەيدى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان ئىكەن، دەپ يازغان ۋە نەتىجىدە بۇنىڭغا نارازى بولغان ئاساسەن ياشلاردىن تەركىب تاپقان نامايىشچىلارنىڭ نارازى بولۇپ كوچىغا چىققانلىقىنى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ: ۋەقەنىڭ قانداق ئاياغلاشقانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما، بىر قانچە مەنبەلەر ماڭا ساقچىلارنىڭ كىشىلەرنى ئوققا تۇتۇشنى داۋام قىلغانلىقىنى، قاچقانلارنى ھەتتا موتسىكلىتلىق قاچقانلارنىمۇ ئاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، دەپ يازغان.
ئۇ ماقالىسىنى خوتەندىكى بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى بىلەن ئاياغلاشتۇرغان: يېزىلىق پارتكوم ئەمەلدارى ۋېلىيوپ ۋەقەدە ئىمامنى ئەيىبلەپ «ئۇ، كەچكىچە جىھاد توغرۇلۇق سۆزلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلدى. ئۇ، بۇ سۆزلىرى بىلەن ياشلارنى قۇترىتىپ، ئاخىرى ياشلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى» دېدى. ئەمما، خوتەندىكى مەن سۆزلەشكەن بىر قانچە كىشى ئۇنداق دەپ قارىمايدىكەن. بىر ياش تاكسى شوپۇرى ماڭا نامايىشچىلارنىڭ قورالسىزلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «خىتايلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى كوچىدا خۇددى ئىتنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرۈۋەتتى، بىز چوقۇم بۇنىڭ قىساسىنى ئالىمىز» دېدى.
«نيۇ - يورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئاندۇرۇ جەيكوپنىڭ خانئېرىقتىن بەرگەن بۇ خەۋىرى مەزكۇر گېزىتىنىڭ27 - ئاۋغۇستتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «خىتاينىڭ چېگرا رايونىدىكى قورقۇنچتىن تۇغۇلغان سۈكۈت» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
0:00 / 0:00