دولقۇن ئەيسا: «پاكىستاندىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان مىللەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز»

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت مەتبۇئات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «بېسىم ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى: ئىنسانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق خەلقئارا يىغىندا «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشلىرى ۋە ھەقلىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. يىغىننى پاكىستاندىن مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بالۇجىستانلىقلار، سىندلىقلار ۋە كەشمىرلىكلەرگە ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن بۇ تەشكىلاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن سىرت، مەزكۇر تەشكىلاتلار بىلەن بۇندىن كېيىن قانداق ھەمكارلىشىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئۇ، بۇندىن كېيىن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر يىغىننىڭ، پاكىستاندىكى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتلەرنىڭمۇ ئەركىنلىك مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چاقىرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ دوكلات بەرگەندىن سىرت، ئۇلار بىلەن قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پاكىستاندا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بەكلا قىزىقىدىغانلىقىنى، دوكلاتىنى قىزىقىپ ئاڭلاپ سوئاللار سورىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پاكىستان-خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ يېقىن دوست دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، پاكىستاندىكى بالۇجىستانلىقلار، كەشمىرلىكلەر، سىندلىقلار خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغىمۇ قارشى ئىكەن.

ئۇنداقتا، بالۇجىستانلىقلار، سىندلىقلار ۋە كەشمىرلىكلەر پاكىستاندىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟

لاھور ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، ئۇزۇن يىل پاكىستاندا تۇرغان ۋە ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بالۇجىستاننىڭ پاكىستاندىن بۇرۇن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان رايون ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن پاكىستاننىڭ قورال كۈچى بىلەن بۇ رايوننى قوشۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى سىندلەرنىڭمۇ پاكىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان خەلق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مىركامىل قەشقەرلى يەنە، خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ پاكىستاننىڭ مۇقىمسىز رايونلىرى بولغان بالۇجىستان، كەشمىر قاتارلىق 4 رايونىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بۇ رايون خەلقىنىڭ يىپەك يولىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2015-يىلىدىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بالۇجىستانلىقلار، سىندلىقلار ۋە كەشمىرلىكلەر قۇرغان تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا كۆپ قېتىم ئورتاق پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ھەمكارلىقلار داۋاملىشىدىكەن.