ئامېرىكا پايتەختىدە ئۇيغۇر نىداسىغا تويۇنغان بىر كۈن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.07.24
Xelqara-Diniy-Erkinlik-Kometiti-Amerika-Kingesh-Palatasi-Yighin-2018-01.jpg ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا چاقىرغان يىغىندا دوكلات بەرمەكتە. 2018-يىلى 23-ئىيۇل. ۋاشىنگتون د.س.، ئامېرىكا.
RFA/Eziz

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە كونتروللۇقنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ھالنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ئورگانلارنىڭمۇ تېگىشلىك دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپىيونىڭ بىۋاسىتە ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭمۇ ئالاھىدە تېما قىلىپ بېكىتىلىشى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر ياقتىن تەستىقلايدۇ. مەزكۇر يىغىن ئېچىلىشنىڭ ھارپىسىدا، يەنى 23-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا مەخسۇس بۇ ھەقتە يىغىن چاقىردى.

رەسمىي يىغىن باشلانغاندا بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە ساھىبخانىلىقىدا 24-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق مىنىستىرلار دەرىجىلىك دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىنىڭ قوشۇمچە مەزمۇنىدىن بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا زور كۈچ چىقارغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى. 

مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ تۇنجىسى ئىتالىيەلىك جەمىيەتشۇناس ماسسىمو نتروۋىگنى بولدى. خىتايدا ئۇزۇن مەزگىل ياشىغان ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ماسسىمو دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خىتايدا قانداق دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىۋاسىتە تەجرىبىگە ئىگە ئىكەن.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا مۇشۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئاچچىق زىمىستان» ناملىق بىر مەجمۇئە تەييارلاپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆزلىرىنى بىردىن-بىر «چوقۇنۇش ئوبيېكتى» قىلىپ چىققانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ «بىدئەتلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، باستۇرۇش ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقى، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تاشقى دۇنياغا بۇ ئەھۋاللارنى ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى» ئارقىلىق چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

پروفېسسور ماسسىمو سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتە خىتاي ھەققىدە سۆز بولغاندا «تەربىيىلەش مەركىزى» ئاتالغۇسىنىڭ جەزمەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىزدە بۇ خىلدىكى مەركەزلەر ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان» دەپ بۇنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ 2013-يىلى «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» سىستېمىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە بۇنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتقان «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا لاگېرلارنىڭ تېخىمۇ قاباھەتلىك ئورۇنغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىلدىكى لاگېرلاردا ئەينى ۋاقىتتىكى «ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش» سىستېمىسىدا قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئون ھەسسىسىدىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ قاماقلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ جايلارنىڭ ئىجابىي مەنىلەردىكى ناملاردا، ھەتتا «مەكتەپ» نامىدا ئاتىلىشىغا قارىماي بۇ جايلارغا قامالغان كىشىلەرگە ئاللىقاچان ئېغىر پسىخىك بېسىم ھاسىل قىلىپ بولغان سىياسىي تەربىيەنىڭ كۆپلىگەن پاجىئەلەرگە، جۈملىدىن بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

ئۇ نۆۋەتتە مەلۇم بولۇۋاتقان ئەھۋاللارغا ھەمدە ئۇ جايلاردىكى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ بۇ خىلدىكى مەركەزلەرنى ھېچقاچان «مەكتەپ» دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى «گۇلاگ» لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ بۇ جايلاردا ئۆلۈپ كېتىشى دائىملىق ھادىسە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە جامائەت پىكرىنى چالغىتىپ، ئۇيغۇرلارنى تاشقى دۇنياغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ساختا خەۋەرلىرىگە ئالدىنىپ قالماسلىق لازىملىقىنى تەكىتلىدى. 

شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئالدى بىلەن «خۇددى سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك 2017-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى بەكلا يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ» دەپ سۆز باشلاپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە قىلىپ ئومۇمى مەلۇمات بەردى. ئۇ ھازىر سوۋېتچە شەكىلدىكى «گۇلاگ» نىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى قامىۋالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى مۇشۇنداق زور ساندا قاماققا ئېلىشىدا ئۇلاردىكى قورقۇنچ تۇيغۇسىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. نۇرى تۈركەلنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە ئەڭ چوڭ توسقۇن بولۇۋاتقان ئامىلنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ ئامىل ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يوشۇرۇن سىياسىي تەھدىت، دەپ قارالغان. شۇڭا «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا مىقياسىدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنى دەستەك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىشقا ئاتلانغان. بۇنىڭ بىلەن 2017-يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى نىزاملار ۋە بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى ھاياتى پۈتۈنلەي «ئەسەبىيلىك» كە ياتقۇزۇلغان. خۇددى يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىچە يېمەكلىك يىگىنىدەك ئەزەلدىن ھالال يېمەكلىك يەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئادىتىمۇ چەكلەنگەن، مۇسۇلمانچە تۇرمۇش ئادەتلىرى، جۈملىدىن مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشلار مەنئى قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار «ئۆز ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ساقالمۇ قويالمايدىغان» ۋەزىيەت ھاسىل بولغان. 

نۇرى تۈركەل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىش نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا كومپارتىيىگە سادىق بولغان ياكى بولمىغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ئوخشاش مۇئامىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى يوقىتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن بەكمۇ زور ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇشۇ خىل ئەھۋالدا تاشقى دۇنيانىڭ ئاددىيغىنە ۋە ئانچە-مۇنچە يوسۇندا بۇ ھەقتە سۆزلەپ قويۇشىنىڭ زادىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بۇ توغرىسىدا ھازىر ئەمىلى يوسۇندا قول سېلىپ، ئازدۇر-كۆپتۇر ئەمىلى ئىش قىلىش لازىملىقىنى ئېيتىپ ئۆز سۆزىنى خۇلاسىلىدى. 

ئاخىرىدا فالۇنگوڭچىلار، خرىستىئان مۇرىتلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆزگە چىقىپ، ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقادلارنىڭ خىتايدا قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى جانلىق مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى سوئاللارغا جاۋاب بەردى ھەمدە ئالاقىدار ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىغا تەكلىپ سۇنۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى.

يىغىنغا ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدە قاتناشقان خىتاي دېموكراتلىرىدىن شېڭ شۆ خانىم ئارىلىقتا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بىز بۇ يىغىندىكى مۇھاكىمىلەردىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى نېمىلەرنى ھېس قىلىشى مۈمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر مۇشتى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھېچقانداق ياخشىلىق كۈتۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ نورمال بىر ھاكىمىيەت ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر ياقتىن كىشىلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ھېچقانداق مۇھەببەت ۋە نەپرەت چۈشەنچىسى قالدۇرماسلىق، ئاخىرىدا ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان مەخلۇقاتلارغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر قانچە كۆپ تەشكىللەنسە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى بۆلۈملەرگە شۇنچە ياخشى ئاڭلىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز يىغىن مەيدانىدىن چىققاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «ئاسىيادىكى دىنىي ئەركىنلىك دولقۇنى» تېمىسىدىكى يىغىلىش پائالىيىتى باشلىنىشقا ئاز قالغان ئىدى. مەزكۇر پائالىيەتنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە ۋەخپى» تەشكىللىگەن بولۇپ، ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلەشكە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. يىغىلىش باشلانغاندا نۇتۇق تىبەت، ۋىيېتنام قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن دىنىي زۇلۇملار ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى. 

بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ئالان لوۋېنسال سۆزگە چىقىپ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتنى ئالاھىدە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك دېموكراتىيە پرىنسىپلىرى بىلەن زىت بولغان كوممۇنىزمنى قەتئىي چەكلەش، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىلا كىشىنىڭ بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

شۇنىڭدىن كېيىن دولقۇن ئەيسا سۆزگە چىقىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىغىلىش قاتناشقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بارلىق ھوقۇقلىرىدىن، ئەڭ ئاددىيسى ئۆز تىلىدا سۆزلەش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر ئەزاسى ئورنىغا قويۇپ بېقىشقا چاقىردى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ھايات-مامات بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ خۇلاسىلەشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى يىغىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، 2016-يىلىدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشقان كاندىداتلاردىن تېد كرۇز سۆزگە چىقىپ، كوممۇنىزمنىڭ نەچچە ئون يىللاپ كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ۋە ھاياتىنى دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئەڭ يۇغۇرى پەللىگە چىققان زۇلمەتكە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا بۈگۈن ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغان بۇ مۇنبەرگە شەرەپ تۇيغۇسى ئىچىدە چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك كوممۇنىزم مۇھىتىدىكى دىكتاتورلارنىڭ ھەرقاچان ھەقىقەتتىن قورقىدىغانلىقىنى قورقۇشىدىكى سەۋەبنى شەرھلەپ «ھەقىقەت گويا بىر نۇرغا ئوخشايدۇ. بارچە زالىملار بولسا ھەرقاچان زۇلمەتتە ياشايدۇ. شۇڭا بىز بىرلىكتە قەھرىمانلىق ۋە جاسارەتنىڭ نۇرلىرى ئىچىدە ئاشۇ زۇلمەتكە قارشى سۆز قىلىشىمىز لازىم» دېدى. 

نۇتۇقتىن كېيىن تېد كرۇز يىغىلىشقا كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. شۇ قاتاردا بۈگۈنكى يىغىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن پېنسىلۋانىيە شتاتىدىن كەلگەن دوكتور رىشات ئابباس بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ تېد كرۇزغا: «سىزنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىز ھەمدە ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. شۇنىڭدەك بۈگۈن بۇ مەيدانغا كېلىپ كوممۇنىزمنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى خەلقلەر ئۈچۈن سۆز قىلغانلىقىڭىزغا ئۆز تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. ھازىر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قاماقلىق ھالدا تۇرماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى سىز ۋە باشقا ئالاقىدار زاتلارنىڭ مۇشۇ لاگېرلارنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى سورايمىز» دېدى. تېد كرۇز بولسا ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە تېگىشلىك خىزمەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

پائالىيەت ئاخىرىدا بىز دولقۇن ئەيسادىن بۈگۈنكى بۇ يىغىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قانداق بىر مەلۇماتنى يەتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ، بۈگۈنكى يىغىلىشنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە كوممۇنىستىك سىستېمىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

پائالىيەتتىن كېيىن بۈگۈنكى يىغىلىشقا كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىرلىكتە ئاق ساراينىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن تاختىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى. شۇنىڭدەك ئاق ساراي ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە جانلىق بىر مەيدان مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.