خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكتىن ئاشقان تەقىبلەش سىياسىتىگە قارشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىنىڭ «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى بىلەن 15-مارت، ھەر قايسى ئەللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىش پائالىيىتىگە بىر قانچە كۈنلا قالدى. بۇ نامايىشنىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرى تاماملىنىۋاتقان كۈنلەردە، رادىيومىزغا كېلىۋاتقان شىكايەت ۋە ئىنكاسلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيىتىنىڭمۇ تەسىر كۈچىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن توسقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىنى ھېلىھەم توختاتمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
رادىيومىزغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئوقۇۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارقا ئارقىدىن، مەكتۇپ ۋە ئاۋازلىق ئۇچۇرلار يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ 15-مارت ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشقا قاتناشماسلىقى ھەققىدە تەھدىت ئۇچۇرى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ساقچىلىرىدىن كەلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئاتا ئانىسى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن بولسا ئەكسىچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى تەھدىتلىرىگە قارىماي نامايىشقا ئاۋاز قوشۇۋاتقانلار سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىش ھەرىكەتلىرى تارىخىدىكى ئاز كۆرۈلگەن بىر قىزغىن ئاۋاز قوشۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلىرىمۇ «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» گە سەپەرۋەرلىك قىلىدىغان قوللاش ۋە چاقىرىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى دائىرىلىرىنىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاش، بۇ نۆۋەتمۇ ئۇيغۇرلارنى 15-مارت ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرغان، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۇنداقلا، مەزكۇر «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ يېتەكچىلىرىدىن زۈبەيرە شەمسىدىن خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل توسقۇنلۇقلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ نۇقتىنى «ھەرقايسى يەرلىك تەشكىلاتلار تەشكىللەۋاتقان ئومۇمىي پائالىيەتلەرگە ئاۋاز قوشۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن سىرت، بەزىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ نامايىشتىن توسۇش تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى دادىللىق بىلەن ئاڭلىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىدىنلا كۆرۈۋالالايمىز» دېدى. ئۇ، ئەركىن دۆلەتلەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى شەرت-شارائىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى تېخىمۇ كۆپ يەردە كەڭرى ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە، نامايىشلارغا ئاۋاز قوشۇش ئارقىلىق ئادالەتسىزلىككە ئېتىرازىنى بىلدۈرۈشكە چاقىردى.
15-مارت ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئالدىدا ۋە باشقا دۆلەت شەھەرلىرىدىن ئىبارەت ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشلارنىڭ بارلىق تەييارلىق باسقۇچىنىڭ ئاساسەن پۈتكەنلىكىدىن مەلۇمات بەرگەن «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىلا ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ نامايىشنى قىزغىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: ئاكتىپلارنىڭ «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىنىڭ تەييارلىق گۇرۇپپىسىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەزىپە ئېلىپ، پائالىيەتنى پىلانلاش، تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى يېزىش، لوزۇنكىلاردىكى رەسىم ۋە تېمىلارنى تاللاشقا ئوخشاش تەييارلىق خىزمەتلىرىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
روشەن خانىمنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى بىلەن باشلانغان بۇ كەڭ كۆلەملىك خىتايغا ئېتىراز بىلدۈرۈشكە ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇرلار بۈگۈنگە قەدەر توختاپ قالمىغان، ھەتتا مەخسۇس نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن، باشقا ئەللەردىن ئامېرىكىغا كېلىشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەقسىتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى بىلەن ئىككى ئاي ئىلگىرى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتى چاقىرىقى مەيدانغا كېلىپ، 15-مارت كۈنى نيۇ-يوركتىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىشنى تۇنجى ھەرىكەت پىلانى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن د ئۇ ق ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشى ھەم زىچ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەزكۇر «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تەقىبلەش سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك دۇنياۋى ھەرىكەت تۈسىنى ئالماقتىكەن.
0:00 / 0:00