10-ئىيۇل كۈنى توكيودىكى تاكۇشوكو ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي-ئىقتىساد پەنلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پروفېسسورى فۇجى گېنكى ئەپەندى بىلەن ياپونىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم سۆز قىلغان.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدىن ئون ئىككى يېرىمغا قەدەر ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە تەخمىنەن 60 گە يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشقان.
توكيودىكى تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى فۇجى گېنكى ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان تۈرلۈك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور فۇجى گېنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «مەكتىپىمىز ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۆتكەن يىلقىغا قارىغاندا ئالاھىدە بولغان تەرىپى، خىتايدىن مەكتىپىمىزگە كېلىپ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە شۇنداقلا سىياسىي-ئىقتىساد پەنلىرىدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشتى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىدىن يوشۇرۇپ سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر ۋە مەسىلىلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قىلىشتى شۇنداقلا بۇ ھەقتە بىز بىلەن پىكىرلەشتى» دېدى.
دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ياپونىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە شۇنداقلا يېقىندا مىسىردا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان.
دوكلاتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا توختالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكلاتقا قاتناشقان ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا بىر قىسىم سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان تاكۇشوكو ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي-ئىقتىساد پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تارو پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئۇچۇرلار بېرىلىپ تۇرىدۇ. بىراق، بۈگۈنكى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزىبىر مەلۇماتلار بىز مەتبۇئاتلاردا كۆرمىگەن يېڭى ئۇچۇرلار ئىكەن. بولۇپمۇ، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ» دېدى.
ئىگىلىشىمىزچە، 8-ئىيۇل كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى بىر قىسىم ياپونلار قاتناشقان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00