مېخا راجاگوپالان «CBS» قانىلىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە رايونغا ئېلىپ بارغان بىۋاسىتە زىيارەتلىرى شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارەتلىرى ئاساسىدا مۇھىم خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىۋاتقان مېخا راجاگوپالان خانىم ئامېرىكىدىكى «CBS» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق قاتتىق نازارەت سىستېمىلىرى ۋە شۇنداقلا «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» بارا-بارا دىققەت قوزغاپ، نۇرغۇن مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەر ماقالىلىرىنىڭ رولى چوڭ بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ژۇرنالىست مېخا راجاگوپالان يېقىندا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ نازارەت ۋە كونترول ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە كەڭ كۆلەملىك خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلغان ئىدى. «بىز ئۈچۈن ئىشپىيونلۇق قىل، بولمىسا ئائىلەڭ بىلەن ئىككىنچىلەپ سۆزلىشەلمەيسەن» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالە يېقىندا ئامېرىكىدىكى «بازفىد» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدىكى مەشھۇر تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن «CBS» تېلېۋىزىيەسى مېخا خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى سورىدى.

پروگرامما رىياسەتچىلىرى ئالدى بىلەن مېخا خانىمنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ تەكشۈرۈش ئاساسىدا يېزىلغان ماقالىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دۆلەت ئىچىدە ۋە چەتئەللەردە بېسىم ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. پروگرامما رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن مېخا خانىمغا سۆز قىلىپ، «بۇ ماقالىڭىزدا ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ئىچىدە قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى ھەتتا ئۇلار چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ نازارەتتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى دەپسىز. بىزگە بۇنى يەنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بولسىڭىز، ئۇيغۇرلار نېمىشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادارىغا چۈشۈپ قالغان؟ بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە» دەپ سورىدى.

مېخا خانىم بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياشاپ كەلگەن بىر مۇسۇلمان خەلقنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى قىلىشىدىن ۋە تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە: «خىتايدا يۈز بەرگەن بەزى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇپپىلىرى قىلدى، دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك خەۋەرلەر بار. ئەمما بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقىنى كوللېكتىپ جازالاش ئۇسۇلى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ئۇچۇم كىشىنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن نەچچە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازالاۋاتىدۇ ۋە بۇ ھەم شىنجاڭ ئىچىدە ھەم ئۇلار چەتئەلگە چىقىپ كەتسىمۇ ئوخشاش يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېدى.

پروگرامما رىياسەتچىلىرىدىن بىرى يەنە مېخا خانىمدىن سىز ماقالىڭىز ئۈچۈن زىيارەت قىلغانلاردىن بىرى «سىزگە: خىتاينىڭ كۈچى بەك زور. ئەگەر ئۇلار بىرىنى ئېلىپ كىرىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى قايتۇرۇپ بەرسىمۇ سۈرۈشتە قىلالمايسىز. چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئورگان يوق. ئۇلار خۇددى بىر ئىمپېراتوردەك كۈچلۈك، دەپتۇ. ھال شۇنداق ئىكەن، قانداق بولۇپ بۇ كىشىلەر سىز بىلەن سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلالىدى» دەپ سورىدى. مېخا خانىم خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىدىغان مۇخبىرلارنىڭ ئىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن قېيىنلىقىنى، چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلەن جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «دېگىنىڭىزدەك بۇ ئىنتايىن قېيىن. خىتايدا ھازىر بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر قانچە مۇخبىر بار. قېيىن بولغىنى، ھېچكىم بىز بىلەن سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار سۆزلىگەندە يا ئۆزىنىڭ ياكى يېقىنلىرىنىڭ قايتا تەربىيە لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلىشىدىن قورقىدۇ. بۇ ئورۇنلار قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدۇر. بۇ ئورۇنلارغا كىشىلەر ئىنتايىن كىچىك بىر سەۋەبلەر ئۈچۈن ئەۋەتىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سۆزلىشىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەمما مەن بىلەن سۆزلەشكەنلەر بۇ تەھدىتنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزى ۋە خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ كۈننىڭ بەك ئېغىرلىقى، بۇنىڭ چوقۇم خەلقئاراغا بىلىنىشى كېرەك، دەپ تۇرۇپ ناھايىتى زور بىر پىداكارلىق كۆرسىتىپ مەن بىلەن سۆزلەشتى».

پروگرامما رىياسەتچىسى يەنە مېخا خانىمدىن خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى سورىدى. مېخا راجاگوپالان بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخنىكا-ھاكىممۇتلەقلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئادەم كۈچى بىلەن پەن-تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈۋاتقانلىقى يەنى ئادەملەرنىڭ د ن ئا ئۇچۇرى، كۆز قارىچۇقى ئۇچۇرى، بارماق ئىزى، قان تىپى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك كۈندىلىك بازارغا بېرىشتىن تارتىپ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭ بىلەن رىياسەتچى خانىم: «سىز دېگەنلىرىڭىز ئېنىقلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا خەلقئارا جەمئىيەت بىر ئىنكاس كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ ئامېرىكا بىر نەرسە دېدىمۇ؟» دەپ سورىدى. مېخا خانىم بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو قاتارلىقلارنىڭ بۇ يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى يولغا قويۇشتا رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلارنى جازالاش ئۈچۈن يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، يەنى بۇ مەسىلىنى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار ئارىسىدا كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئەمما تېخى بۇ قانۇننىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئېيتتى. مېخا خانىم سۆزىدە بولۇپمۇ ھازىر ئىسلام دۇنياسى ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلاردىن يېتەرلىك بىر ئىنكاس كەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ يەنىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئارقىدىن ئەر پروگرامما رىياسەتچىسى سۆز قىلىپ: «مېخا سىز ھازىر بۇ يەردە مەن بۇرۇن پەقەت ئاڭلاپ باقمىغان تېخنىكا ھاكىممۇتلەقلىقى دېگەن بىر ئاتالغۇنى ئىشلەتتىڭىز. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئەھۋال ئىكەن. پەقەت خىتايدىكىلەرنىلا ئەمەس بەلكى ئەركىن ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەرقانداق كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئەھۋال ئىكەن. ئەگەر ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغانلار بولسا ئەسلىدە نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇرلار بار. ئۇلارنىڭ رېستورانلىرى بار. تاماقلىرى تولىمۇ لەززەتلىك. مەنچە بۇ ئۇلارنى تونۇش ئۈچۈن بەك ياخشى پۇرسەت. ئۇلار بىلەن سۆزلەشكىنىڭىزدە ئۇلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش نىيىتىدىن بەك، پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماسلىقىنىلا ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرىسىز» دېدى ۋە مېخا خانىمغا تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ پروگراممىنى ئاياغلاشتۇردى.