بۈگۈن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ب د ت «كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 21-نويابىر ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدا باشلانغان تۇنجى نۆۋەتلىك «كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، بۈگۈن ئۇ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، قانۇنشۇناسلار، مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ يۈزلەرچە كىشى قاتناشقان بۇ چوڭ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندىن كېيىن، ئۇ ب د ت دا ئىككى مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭ بىرى، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ب د ت غا ئەلچى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئانىكا بەن داۋىد خانىم قاتارلىقلار بىلەن بولغان سۆھبەت، يەنە بىرى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جوتى ساندىرا خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شىۋېتسىيە ئەلچىسى ئانىكا بەن داۋىد خانىم بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇنىڭغا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. ئۇ يەنە سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر قىسىم غەيرىي سىياسەتلەر، خىتاينىڭ تۈرلۈك قانۇن مىزانلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت ئەمەلدارى جوتى ساندىرا خانىم بىلەن بولغان سۆھبىتىدە، ئۇيغۇرلارغا دائىر بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى سۆز تېمىسى قىلغان. ئۇ سۆزىدە، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە ئەرزىيەت چېكىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى ۋە زىيالىيلىرى ھەققىدە كونكرېتنى توختالغان. ئۇ ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ب د ت ئالىي كومىسسارى پرانسىس ئال ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ئىلھام توختىغا مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتىنى ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلغانلىقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى يىغىنلارغا قاتناشقاندىن سىرت، مۇھىمى ب د ت نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دىكى ئالاھىدە ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزىدىكەن.