ئۇيغۇرلار مەسىلىسى «چوڭ قىرغىنچىلىق» ژۇرنىلىدا بايان قىلىندى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى «چوڭ قىرغىنچىلىق» ناملىق ژۇرنالدا «خىتاي بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى بىلەن «ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق ئىككى پارچە ئەسەر ئېلان قىلىندى.

باش شتابى گېرمانىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ «چوڭ قىرغىنچىلىق» ناملىق ژۇرنىلىنىڭ 2016-يىللىق 2-سانىدا، ژۇرنال نامىدىن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ ھازىرلىغان «خىتاي بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى بىلەن گېرمان تارىخچىسى ئىرىنا ۋىسنېر يازغان «ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق ئىككى ئەسەر بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلىندى.

گېرمانىيەدە نەشر قىلىنىۋاتقىنىغا 47 يىل بولغان «چوڭ قىرغىنچىلىق» ژۇرنىلىدىكى «خىتاي بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى» ناملىق ئەسەردە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى بىلەن پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر زىيارەت ئوبيېكتى قىلىنغان. تولۇق 6 بەتكە بېرىلگەن بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىگە ئائىت تېمىلاردا كۆپلىگەن سوئاللار سورۇلۇپ، بۇ ئىككى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسىنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

«خىتاي بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى» ناملىق ئەسەردە بەزى سوئاللار مۇنداق سورالغان: «مەسچىتلەردىن ئالاقىلىرى كېسىلگەن، ياراتقۇچىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئىبادەت قىلىشلىرى چەكلەنگەن ئىنسانلار ئاقىۋەتتە قانداق ھالغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن؟ شەرقىي تۈركىستاندا زادى قانداق ئادەملەر مەسچىتلەرگە كىرىپ ئىبادەت قىلسا بولىدۇ؟ ئىلگىرى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى توقۇنۇشقا كىرگەنلەرنىڭ كۆپلىرىنىڭ ياشلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى رادىكاللىقتا ئەيىبلەشلىرىدىكى سەۋەب نېمە؟».

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى «چوڭ قىرغىنچىلىق» ژۇرنىلىدىكى بۇ ماقالە سەۋەبلىك بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، يۇقىرىقىدەك سوئاللار ھەم ئۇنىڭ جاۋابلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

«خىتاي بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى» ناملىق ئەسەردە سورالغان 26 سوئال ۋە ئۇنىڭ جاۋابلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن تۇرمۇش كارتىنىسى روشەن ئىپادىلەپ بېرىلگەن. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى «چوڭ قىرغىنچىلىق» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى» دېگەن. بۇ سۆز ئەسەرنىڭ باش تېمىسى قىلىنغان. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

«چوڭ قىرغىنچىلىق» ژۇرنىلىدىكى «خىتاي بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئائىلە-جەمەت بويىچە قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەلىرىنىڭ دىققەتنى چېكىدىغانلىقى، مەسچىتلەرگە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بايرىقىنى ئېسىش ۋەقەسى، خىتاي مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسۇل ئويناش ھادىسىلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار توغرىلىقمۇ سوئاللار سورالغان.

مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان گېرمان تارىخچىسى ئىرىنا ۋىسنېرنىڭ «ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىن باشلىنىدۇ. ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرىكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق بىر دەۋردە پارلاق بۇددىزم مەدەنىيىتىنى ياراتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.