گېرمان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسەر ھەققىدىكى قاراشلىرى

0:00 / 0:00

«چوڭ قىرغىنچىلىق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسەر دىققەت قوزغىدى.

باش شتابى گېرمانىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ «چوڭ قىرغىنچىلىق» ناملىق ژۇرنىلىنىڭ 2016-يىللىق 2-سانىدا، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك «خىتاي بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچى» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدىن سىرت، يەنە گېرمان تارىخچىسى ئىرىنا ۋىسنېر يازغان «ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى»ناملىق ئەسەرمۇ نەشر قىلىندى.

ئەسەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرىكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق بىر دەۋردە ياراتقان پارلاق بۇددىزم مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىن سۆز باشلىغان بۇ ئەسەردە، 10-ئەسىردە قاراخانىيلار ھۆكۈمرانى سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىسلام دىنى 15-ئەسىردە ئۇيغۇر دىيارىدا تولۇق ئومۇملاشقىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق بىر زاماندا، تۇرپان ۋە كۇچانى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ رايونغا ۋە قوشنا ئەللەرگە تەسىرلەر كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىگە زور تۆھپىلەر قوشقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

«ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە 1877-يىلى گېرمانىيەلىك فېردىناند ۋون رىھىتخوفېننىڭ «يىپەك يولى» دېگەن نامنى قوللىنىپ، تارىم ھاۋزىسى، تەكلىماكان قۇملۇقىنى باغرىغا ئالغان «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان، شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىنى ئۇچراشتۇرغان ھەمدە كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرگە ياشاش ئىمكانىنى ياراتقان بىر ماكان بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، خىتايدىن باشلانغان بۇ يىپەك يولىنىڭ تاكى رۇسىيە، ئىران، ئانادولىيە ۋە سۈرىيەگە قەدەر سوزۇلغانلىقىنى دۇنياغا تونۇتقانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئەسەرگە «بېزەكلىك بۇددا مىڭ ئۆيى»، كۇچادىكى ئالتۇن ئوردا خارابىسى ۋە تۇرپاندىكى كارىزنىڭ رەسىملىرىمۇ قوشۇپ بېرىلگەن. ئەسەردە 840-يىلى يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەت ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدىن غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قېلىشتىن ئىلگىرىكى ئۇزۇن بىر دەۋردە ھەرخىل ناملاردا دۆلەتلەر قۇرغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەت بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ نامىنى باشتىن ئاخىرى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدۇ.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىخ دېلىيۇس ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تارىخىنىمۇ تونۇتۇشنىڭ، ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىشكە يول ئاچىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە، ھەتتا ساقال-بۇرۇت قويۇشى، رومال ئارتىشى، ناماز ئوقۇشى، روزى تۇتۇشىمۇ چەكلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى پاجىئەلىك ۋەزىيىتىنى تونۇتۇش قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئەزەلدىن خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئىرقىي ئالاقىسى بولمىغان، تارىختا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ياراتقان ۋە دۆلەتلەر قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشىنى تونۇتۇشمۇ شۇنچىلىك مۇھىمكى، دۇنيا مىللەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر مىللەتلىكىنى، ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ، مىللىي كىملىكىنىڭ تاجاۋۇزلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلسۇن.»

گېرمانىيەلىك تارىخچى، ئۇيغۇرشۇناس ئىنگىرت ۋىدىيارتو خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار ئاخىرقى قېتىم 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان مىللەتتۇر. ئۇيغۇرلار ئۇندىن ئىلگىرى تاكى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇپ ياشىغان مۇستەقىل مىللەت ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھاكىمىيىتى بۈگۈن دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى قىلىپ تونۇتۇشقا تېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتاكى، ئۇيغۇر مىللىتىنى خىتاي مىللىتىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش خاھىشلىرىمۇ مەۋجۇت. ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقات گېرمانىيەدە بىر قانچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ كىم بولغانلىقىنى ساختا تارىخ يارىتىپ بەلگىلەش مۇمكىن ئەمەس. گېرمانىيەدىكى باشقا ژۇرناللاردىمۇ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر كۆپ بېسىلغان. مەن ئىرىنا خانىم چوڭ قىرغىنچىلىق ژۇرنىلىغا يازغان ‹ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى› دېگەندەك ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ نەشر قىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ، ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم.»

گېرمانىيە بېرىمىن پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى مۇستافا ئۆزدەمىر مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان بىر مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار 20 مىليونلۇق نوپۇس بىلەن خىتاي رېجىمى ئاستىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ، يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ بولغان بۇ مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكى ئېغىر تەھدىتكە يولۇقۇۋاتىدۇ. بىراق، قانچە مىڭ يىللاردىن بۇيان مەركىزى ئاسىيادا قەد كۆتۈرۈپ ياشىغان بۇ مىللەتنى بىر قانچە يۈز يىللىق ئاسارەت زۇلۇمى يوقىتىۋېتىش مەقسىتىگە يىتەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسىنىڭ مىللىي كىملىكىنى بار كۈچى بىلەن قوغداشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

مۇستافا ئۆزدەمىر ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار بۈگۈن خىتاينىڭ سىستېمىلىق ھالدا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. 1949-يىلىدىن ئىلگىرى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 95% ئىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئاران 40% ئىنى تەشكىل قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھاكىمىيەتنىڭ ھەر ساھە قاتلاملىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زېمىندا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرالىق مۇئامىلىسىگە يولۇقماقتا. بۈگۈنكى رېئاللىقنى دۇنياغا تونۇتۇش بىلەن بىرگە، ‹ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى› دېگەندەك تارىخقا ئائىت ئەسەرلەرنىمۇ كۆپلەپ نەشر قىلىشنىڭ ئەلۋەتتە پايدىسى بار.»