شىمالىي ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار ۋەكىللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.12.27
misirliq-alim-muhemmed-jawadi.jpg مىسىرلىق ئالىم مۇھەممەد جاۋادى شەرقىي ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 33-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى يىغىندىن كىيىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى. 2013-يىلى دېكابىر، سىتوكھولم.
RFA

شەرقىي ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 33-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى شۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا ئېچىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. بۇ يىغىنغا شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 5 يىلدىن بۇيان قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يىغىن كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلار قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇنجى قېتىم يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان «ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر» ماۋزۇلۇق مۇنازىرە تېمىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مۇنازىرىدە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

بىز يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئابدۇللاھ ئەخەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، مۇنازىرە مەزمۇنى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان شۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكى ھەر يىلى ئىككى قېتىم قۇرۇلتاي چاقىرىپ، شىمالىي ياۋروپادىكى شۋېتسىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ۋەكىللەرنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر قۇرۇلتايدا يۇقىرىدىكى ئەللەردىن كەلگەن 3000 غا يېقىن ۋەكىل مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئېقىم مەسىلىلىرى، ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر، كەلگۈسى پىلانلار قاتارلىقلار ئۈستىدە ئۈستىدە دوكلات سۇنىدۇ ۋە بەلگىلىك تېمىلار ئۈستىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. يىغىنغا يەنە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىدۇ. شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بۇ قۇرۇلتايغا 2007-يىلىدىن باشلاپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قۇرۇلتاي ئەھلىگە تونۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز قۇرۇلتاي ھەققىدىكى ئالدىنقى خەۋىرىمىزدە، شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى نىجات تۇرغۇن ئەپەندىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قۇرۇلتاي ئاخىرىدىكى مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىدۇق. ئىگىلىشىمىزچە، پەيشەنبە كۈنى يەنى قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى كۈنى «ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر» تېمىسىدا بىر مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇ مۇنازىرىدە تالاش-تارتىش قىلىنىدىغان 4 چوڭ تېمىنىڭ بىرى قىلىپ كىرگۈزۈلگەن. مۇنازىرىدىكى تېمىلار بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسى، سۈرىيە كرىزىسى، بېنگالدىكى ئىستىبدات تۈزۈم، ھەبەشىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتى قاتارلىق 4 چوڭ مەسىلىدىن ئىبارەت بولغان. شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ ئەخەت ئەپەندى بۇ مۇنازىرىدە دوكلات سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئابدۇللاھ ئەخەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتايغا تەكلىپ قىلىنغان ئالىم-ئۆلىمالار بولسۇن ياكى قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر بولسۇن، بىردەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە، ئۇ يەردە ھازىر بولۇۋاتقان ۋەقەلەرگە ئىنتايىن قىزىققان. شۇنداقلا ئۇلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شەرقىي ياۋروپادىكى مۇسۇلمان ياشلارغا تېخىمۇ كەڭ تونۇتۇش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلەش توغرىسىدا بەزى پىكىرلەرنى بەرگەن.

مۇنازىرە جەريانىدا ۋەكىللەر مۇسۇلمانلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىرلىشىپ، بۇ ھەقتە بىر قىسىم پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇسۇلمانلارنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەردە ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىگە پىششىق بولۇشى، پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن.

قۇرۇلتاي ئاخىرىدا مىسىرلىق ئالىم مۇھەممەد جاۋادى خۇلاسە سۆزى قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولۇشنى تەكىتلىگەن.

ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىسلام ئەللىرىدە غەرب ئەللىرىدە تونۇلغاندەك تونۇلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭدا يەنىلا ئۇيغۇرلارنى بۇ مەملىكەتلەردە تونۇتۇش، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى، بولۇپمۇ بۇ ئەللەرگە قارىتا ئەرەب تىلىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئەرەب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ تونۇتۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.