شېڭ شۆ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ!» (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.08.02
komunizim-qurbanlirini-yadetish-paaliyiti-2018.jpg كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى ياد ئېتىش پائالىيىتىدە شېڭ شۆ خانىم ئۇيغۇر ئامەرىكا بىرلەشمىسىنىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن بىلەن. 2018-يىلى 23- ئىيۇل. ۋاشىنگتون د. س.، ئامېرىكا.
RFA

خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردىكى قىزىق تېمىلاردىن بولۇش بىلەن بىرگە، ئىزچىل ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي ئۆكتىچىلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىك يازمىلىرى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن يازغۇچى، «دېموكراتىك خىتاي فرونتى» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شېڭ شۆ خانىم ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى.

ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ شېئىرىيەت، پروزا قاتارلىق ساھەلىرىدە ۋە ئاخباراتچىلىقتا كۆپلەپ ئۇتۇق قازانغان شېڭ شۆ خانىم ئۆز نۆۋىتىدە ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئاكتىپ خىزمەتلەردە بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بۇ ساھەلەردىكى كۆپ قىرلىق ئەمگەكلىرى ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتى 2012-يىلى ئۇنىڭغا «ئايال پادىشاھ ئېلزابېت II ئالماس مېدالى» تەقدىم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شېڭ شۆ خانىم ئىزچىل خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بالايى-ئاپەتنىڭ نامراتلىق ياكى قالاقلىق ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگۈچى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.

يېقىندا خىزمەت سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەن شېڭ شۆ خانىم بىزنىڭ زىيارەت تەكلىپىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. سۆھبىتىمىز تەبىئىي ھالدا يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش ئەھۋالىدىن باشلاندى. بىز يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغىچە قول تىقىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىغان كىيىملەرنى كىيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بېشىغا ياغلىقمۇ سالالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ پەرەنجە ياكى چۈمبەلنى مەنئى قىلغان» دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا شېڭ شۆ خانىم ياۋروپادىكى بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارغا تەدبىقلاشنىڭ تولىمۇ بىمەنىلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«دەرۋەقە ھازىر كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئاياللارنىڭ پەرەنجە ئارتىپ يۈرۈشىنى مەنئى قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، مەكتەپ، ئىشخانا بىنالىرى دېگەندەك جايلار، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئورۇنلاردا ياكى ئايرودروملاردىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ئوخشاش بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، بۇ ئورۇنلاردىكى ئاياللارنىڭ پەرەنجىلىرىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مۇددىئا پەرەنجىلىك شۇ كىشىنىڭ كىملىكى ئاشكارا بولسۇن، دېمەكچى. يەنە ئالساق كانادادىمۇ سايلام مەزگىلىدە بېلەت تاشلىغاندا پەرەنجىلىك ئاياللار جەزمەن پەرەنجىسىنى ئېلىۋېتىشى لازىم. ئەمما ھازىر ›شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى‹ دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوندا ئاياللارنىڭ پەرەنجە ئارتىشى ئەمەس، ھەرقانداق باش كىيىمى ئارتىشى مەنئى قىلىنىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ياغلىقلىرى ئۇلارنىڭ يۈزىنى ياپمايدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىقلىرىنىڭ رەڭگارەڭ ۋە كۆركەم قىياپىتىنى ئوڭايلا ھېس قىلالايمىز. يەنە كېلىپ بۇ ياغلىقلار ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ تاشقى گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرغۇچى بىر تۈرلۈك بېزەك رولىنى ئوينايدۇ.»

شېڭ شۆ خانىم ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي شەكىلدىكى چەكلەش بۇيرۇقلىرىنىڭ يالغۇز ئاياللار دائىرىسى بىلەنلا چەكلەنمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ھازىر تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قەبىھ شەكىلنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: 

«ھازىر بىزگە ›شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى‹ دەپ مەلۇم بولۇۋاتقان بۇ رايوندا ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشى مەنئى قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئەركەكلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشىمۇ چەكلەندى. يېقىندا بولسا ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كىيىم كىيىشى مەنئى قىلىنىپ، كىيىملەرنىڭ ساغرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم جايلاردا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قوللىرىغا قايچا تۇتقان ھالدا كوچا-كويلاردا ئاياللارنى توسۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ كاسىسىدىن ئاشقان قىسمىنى كېسىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى رەسىملەر ئېلان قىلىندى. خاتالاشمىسام بۇ خىلدىكى قىلىقلار ›مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى‹ مەزگىلىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۆپلەپ كۆرۈلگەن. خىتاي كومپارتىيىسى ئۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئۇچىغا چىققان بىر دىكتاتور ھاكىمىيەت بولغاچقا قىزىل پاچاق ئاكتىپلارغا ئۇزۇن چاچ قويغان ياكى چېچىنى بۈدۈر قىلغان ئاياللارنىڭ چاچلىرىنى كوچىدىلا كېسىپ تاشلاشنى بۇيرۇغان. شۇڭا باشقىلارنىڭ كىيىمىنى خالىغانچە كېسىپ تاشلاشتەك بۇ قىلىقلار سېپى ئۆزىدىن ئىنسان ھەقلىرىگە ئاشكارا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق. يەنە كېلىپ تولىمۇ ئەسەبىي بولغان بىر شەكىلدە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق.»

بىز ئۇنىڭدىن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن ساھەلىرىدىكى مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يوق قىلىشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ چېن چۇەنگو ياكى باشقا خىتاي ھۆكۈمدارلار سەۋەنلىكىدىن ئېلان قىلىپ سالغان بەلگىلىمىلىرى بولۇشى مۇمكىنمۇ، دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسەتنىڭ داۋامى ۋە يالىڭاچ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرىگە چەكلىمە قويۇشتىن سىرت يەنە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقان تارىخىي مۇساپىسىگە چەكلىمە قويماقتا. بۇ ھەقتە يولغا قويۇلغان ئالاقىدار سىياسەتلەر ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، ياكى تىبەت بولسۇن ياكى موڭغۇل بولسۇن خىتاي بولمىغانلىكى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىي ھاياتى، تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى قاتارلىقلارنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنىڭدەك ئۇزۇندىن بۇيان ئىجرا بولۇپ كەلگەن تۈرلۈك سىياسەتلىرى بىلەن بىر يەردىن چىققان. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق خىتاي تېررىتورىيىسىدىكى بارچە خەلقنى پۈتكۈل تۇرمۇش شەكلىدە بىر قېلىپتىن چىققان شەكىلگە كىرگۈزمەكچى. شۇڭا ئۇلار باشقىچە مىللىي ۋە دىنىي ئامىللارنىڭ باشقىلارنىڭ كىيىم-كېچەك ياكى تۇرمۇش شەكلىدە ئىپادىلىنىپ قېلىشىنى زادىلا خالىمايدۇ.»

ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە مەجبۇرىي يوسۇندىكى چەكلىمە قويۇش ھادىسىسى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ شۇ جايلارغا كۆچۈپ بارغان كۆچمەنلەرگە چۈمبەل ئارتماسلىق دېگەندەك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشىنىڭ ماھىيەتلىك پەرققە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى ئافرىقا ياكى باشقا جايلاردىن ياۋروپاغا كۆچۈپ بارغان كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزلىرى كۆچۈپ بارغان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە كۆچۈپ بارغان خىتايلار بولسا شۇ يەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى تۈزۈۋالغان بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زورلۇق خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمىلىرىدە ھېچقانداق دېموكراتىك مەزمۇن يوق ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: 

«مىسالغا ئالساق، بىز فرانسىيەنى دەپ تۇرايلى: بۇ جايدا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار پۇشتىدىن بولغان كۆچمەنلەر بار. گەرچە ئۇلار بۇ دۆلەت ئۈچۈن كۆچمەنلەر بولسىمۇ، بۇ مۇسۇلمانلار فىرانسىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىن ئۇلار فرانسىيەنىڭ پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغان ۋە ›فرانسىيەلىك‹ بولغان. ئەمما فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى پەرەنجىنى چەكلەش قانۇنلىرىنى چىقارغاندا بۇنى يالغۇز ئاشۇ چەتئەلدىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان كۆچمەنلەرگىلا چىقارمىغان. بۇنى دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك ھەممىلا كىشى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قانۇنى قىلىپ بېكىتكەن. ئەمما نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىۋاتقىنى بولسا سېپى ئۆزىدىن دۆلەت تېررورىزىمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا چىقارغان بۇ سىياسەتلەر ياۋروپادىكىگە ئوخشاش دېموكراتىك مۇھاكىمىدىن ئۆتۈپ، كۆپچىلىكنىڭ رازىلىقى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان نەرسە ئەمەس. ئەكسىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ھېچكىمنىڭمۇ رازىلىقىنى سوراپ قويماستىن ئېلان قىلغان ۋە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقان بەلگىلىمىدۇر؛ ئىككىنچىدىن، بۇ بەلگىلىمىلەر يەرلىك ئاھالىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، شۇنىڭدەك ھېچقانداق دېموكراتىك مۇھىتقا ئورۇن بەرمەستىن زورلۇق كۈچىگە يۆلىنىپ ئىجرا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ھادىسىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.» 

سۆھبەتنىڭ داۋامىدا بىز ئۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان زور كۆلەملىك تۇتقۇنلار مەركىزى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ھەقتىكى سۆھبەتنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.