ئەخەت ھاجىم: «خىتاي دائىرىلىرى ئاكامنى تۈرمىگە سولاپ، قىزىمنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالدى»

0:00 / 0:00

ھازىر فىرانسىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن ئەخەت ھاجىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېغىر ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەخەت ھاجىم ئالدى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسى يەكشەنبەبازار يېزىسى 6-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق 65 ياشلىق دېھقان ئاكىسى ئابدۇرائوپ ئېلىنىڭ تۆت ئايدىن بۇيان يېزىلىق ساقچىخانىغا قامالغانلىقىنى، ئاكىسى بىلەن بىرگە چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار بولغان مەزكۇر يېزىدىكى ئۇيغۇرلاردىن جەمئىي 25 تىن 30 غىچە كىشىنىڭ بىرگە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخەت ھاجىم ئاكىسىنىڭ ساقچىخانىغا قامىلىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى، ئىلگىرىمۇ كېسەلچان ئانىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ ئاكىسىغا بىر قانچە رەت تېلېفون قىلغاندا، يېزىلىق ساقچىخانا ئاكىسىنى: «ئىنىڭغا ئۇچۇر يەتكۈزدۈڭ» دېگەن باھانە بىلەن ساقچىخانىغا قاماپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەخەت ھاجىم سۆزىدە فىرانسىيەدىن ئۈرۈمچىدىكى قىزىغا تېلېفون قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، قىزىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن سوئال-سوراق قىلىنىپ، پاسپورتىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەخەت ھاجىم 2016-يىلى 7-ئايدا پارىژدا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقى ۋە يىغىن جەريانىدا خالىسانە خىزمەتتە بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئاكىسى ئابدۇرائوپ ئېلىنىڭ يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبە بازار ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەسلىدى.

بىز ئەخەت ھاجىمنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبەبازار يېزىلىق ساقچىخانا ۋە ساقچىخانا باشلىقى مەمەتجانغا بىر قانچە قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

ئاخىرىدا، پارىژدا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئەخەت ھاجىمنىڭ خانىمى بايجا يولدىشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلىسىنىڭ كۆپلىگەن ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇققانلىقى سەۋەبىدىن، تۇرمۇشىنىڭ ھازىر پەرىشانلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ پارىژدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا بۇ توغرىسىدا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يولدىشىمنىڭ ئاكىسى ۋە قىزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇچراۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئۈچۈن مەن قولۇمدىن كېلىشىچە پارىژدىكى ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا ئەرز سۇنۇش بىلەن بىرگە، فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئائىلىمىز نامىدىن نارازىلىق خېتى يوللايمەن شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى يولدىشىمنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمەن» دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا فىرانسىيەدىن ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بارغان بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پاسپورتى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىزلا مۇسادىرە قىلىنىپ، ئۆزى تۈرمىگە سولاپ قويۇلغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.