ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك كۈچلەر تەرىپىدىن خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈش، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز رەھبىرىنى ئۆزىنى سايلاپ چىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن باشلانغان بىلەت تاشلاش پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشقانلارنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئېىشىپ كەتتى.
مەزكۇر بىلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى تور بەت ئارقىلىق باشلانغان. گەرچە بۇ بىلەت تاشلاشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي كۈچى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆزىنى - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىرادىسىنى، ھەقىقىي دېموكراتىيە ئارزۇسىنى نامايەن قىلىپ بېرەتتى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2017 - يىلى خوڭكوڭدا ئومۇمى سايلام ئارقىلىق خوڭكوڭ مەمۇرى رەھبىرىنى سايلاپ چىقىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، بىراق نامزاتلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىگە ئائىت چەكلىمە بېكىتىش ئارقىلىق، خوڭكوڭلىقلارنىڭ قاتتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. خوڭكوڭلۇقلار بۇنى ھەقىقىي سايلام ئەمەس، دېدى ۋە ئۆز لىدىرىنى تامامەن ئۆز ئىرادىسى بويىچە تاللاپ چىقىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر دېموكراتىك ھەرىكەتكە «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتى دەپ نام بېرىلدى.
«مەركەزنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتى دەسلەپ بۇ ئاۋاز بېرىش باشلانغاندا بىلەت تاشلايدىغانلارنىڭ سانىنىڭ يۈزمىڭدىن ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان بولۇپ، ئەمما نەتىجە بولسا كۈتۈلگەندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولدى. بۇنداق بولۇشىدا يېقىندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ سىياسىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابى كۈچلۈك رول ئوينىغان. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابتا خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرى تەنقىد قىلىنغان ئىبارىلەر يەر ئالغان ئىدى. ئۇنىڭدا «خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم كۈچلەر قايمۇقۇپ، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولماقتا» دېيىلگەن. ۋال سىترىت ژۇرنىلىغا پىكىر بايان قىلغان بەزى خوڭكوڭلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابتىكى مەزمۇنلاردىن نارازى بولۇپ، «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، بىلەت تاشلاش ئويىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان قانۇن پروفېسسورى بېننىي تاي ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ ھەرىكەتنى كۆرمەسكە سېلىپ، نامزاتلارنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلەپ بېرىشدىن ئۆتكۈزىدىغان تۈزۈمنى بىكار قىلمايدىكەن، ئۇ ھالدا بىزمۇ ئاممىۋى قارشىلىق كۆرسىتىش يولىغا ماڭىمىز، دېگەن.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئالامەتلىرى ھازىرچە كۆرۈلمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلانغان كۈنى پائالىيەت تور بېتى خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. تور بىخەتەرلىك شېركىتى بۇ خاككىرلىق ھۇجۇمىنىڭ ھازىرغىچە ئۆزلىرى كۆرگەن ئەڭ مۇرەككەپ بىر قېتىملىق تور ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئوخشاش ۋاقىتتا، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەرەپدارى گېزىت بولغان «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» مۇ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خەلقئارا تىجارەت ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى ئاۋاز تاشلاش پائالىيىتى باشلانغاندا، خىتايدىكى ۋېيبو تور بېتىدە مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. مۇشۇ ھەقتە يېزىلغان تېمىلارنى ئۆچۈرۈپ ماڭغان. شۇ كۈنى تور بەتتە «22 - ئىيۇن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز قويۇش ھەرىكىتى، خوڭكوڭ، سايلام، ئاۋاز بېرىش» قاتارلىق سۆزلەر ھەممىسى ئىزدەش ماتورىدىن چەكلىۋېتىلگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە خوڭكوڭدىكى «مەيدان ئىشغال قىلىش» دېموكراتىك ھەرىكىتى تەنقىد قىلىنغان، ئۇنى قانۇنسىز دېگەن ماقالىلەر كۆپلەپ يەر ئالغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بىر ماقالىسىدە، «خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى ئاللىقاچان قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلدى. بۇ بىلەت تاشلاش نەتىجىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى يوق. ئاساسىي قانۇننىڭ ماھىيىتى ۋە ئاق تاشلىق كىتابنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان بىر قىسىم ئۆكتىچىلەر «ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش» ۋە «مەركەزنى ئىشغال قىلىش» دېگەنگە ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق مەركىزى ھۆكۈمەتنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ماقالىگە يېزىلغان نۇرغۇن ئىنكاسلار ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئەمما بىر تور بەتتە مەزكۇر ماقالىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى دېگەن بىر ئەخلەت. قېنى سەن بىر مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە يول قويۇپ باقە» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان بولسا، يەنە بىرسى بۇنىڭغا «700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىرادىسى ھېچنىمىگە ھېسىاب ئەمەسمىكەن ؟ ئۇنداقتا بىر مىليارد 300 مىليون ئاۋازمۇ ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەسمۇ دەپ سوئال قويغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1997 - يىلى خوڭكوڭنى ئەنگىلىيەدىن قايتۇرۇۋالغاندا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم»نى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيىلىك تۈزۈمدە قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەمما 17 يىلدىن بۇيان خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ ئالىي ئەمەلدارىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلىنىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلىرىغا ئىلگىرىلەپ ئارىلىشىشى، خوڭكوڭدا مەتبۇئات - ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا چېكىنىشىگە ئوخشاش ئەھۋاللار بولسا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قاتتىق ئەندىشىنى كۈچەيتكەن. بۈگۈن، جۈمە كۈنى خوڭكوڭدىكى ئەدلىيە سېستىمىسىدا ئىشلەيدىغان مىڭغا يېقىن ئادۋوكات ۋە سوتچىلار ھەممىسى قارا رەڭلىك كىيىم كىيىپ، جىمجىت مېڭىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نامايىش قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىشىپ بېرىۋاتقان تەسىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا بولغان نارازىلىقنىڭ قاتتىق كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەنە بىر مۇھىم پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خوڭكوڭلۇق ئادۋوكات ۋە سوتچىلارنىڭ نامايىش قىلىشىغىمۇ يەنە شۇ ئاي بېشىدا ئېلان قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتابتا يەر ئالغان سۆزلەر سەۋەب بولغان. چۈنكى ئۇنىڭدا «ۋەتەننى سۆيۈش» سوتچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە سوتچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئوخشاش كاتىگورىيىگە قويۇلغان. بۈگۈنكى بۇ نامايىش باشلامچىلىرىنىڭ بىرى بولغان دېننىس ۋوك ۋاشىنگتون پوچتىسىغا سۆز قىلىپ «مەنچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دېمەكچى بولۇۋاتقىنى ئېنىق. ئۇلار سوتچىلارنى بىر داۋا ئۈستىدىن داۋا ئاچقاندا ئالدى بىلەن سىياسەتنى ئويلا دەۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ خوڭكوڭدىكى سېستىمىغا پۈتۈنلەي خىلاپ» دېگەن. دېننىس ۋوكنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا ئاۋاز قوشقان ئادۋوكاتلار ۋە سوتچىلارنىڭ سانى 1700 نەپەر ئەتراپىدا ئىكەن. ئەمما خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى قاتناشچىلار سانىنى 850 نەپەر، دېگەن. نامايىش خوڭكوڭ سوت مەھكىمىسى ئالدىدىكى 3 مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن ئاياقلاشقان. خوڭكوڭ باش ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىسى 1000 دىن ئارتۇق باش ئادۋوكاتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورگان بولۇپ، ئۇلار باياناتىدا «سوتچىلارنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر ئورۇنغا تىزىپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا سوت دېگەن مۇستەقىل ئەمەس، دېگەن ئۇقۇمنىڭ خەۋەرچىسى» دېگەن. 9000 دىن ئارتۇق ئادۋوكاتنى تەمسىل قىلىدىغان «ئادۋوكاتلار بىرلىكى» باياناتىدا قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى«مۇقەددەس ۋە زۆرۈردۇر» دەپ كۆرسەتتى.
خوڭكوڭلۇقلار، ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىگە توغرىلاپ تۇرۇپ ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشنى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى، دەپ چۈشەنگەن ئىدى. ئەمما ئۇلارمۇ يۇقىرىقىدەك دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەركىنلىكىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خوڭكوڭلۇقلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى دىققەتكە ئېلىپ، ئۇلار كوچىلارغا چىقىپ قارشىلىق ھەرىكىتى باشلاشتىن ئاۋۋال سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا.
0:00 / 0:00