ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

12‏-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شۆبە كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى مات سالمون باشقۇرغان گۇۋاھلىق يىغىنى دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 2015‏-يىللىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئىدى.

يىغىندا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، «كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باشقا مەنپەئەتلىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ» دېدى.

كرىستوفىر سىمىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ 2015‏- يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يېقىنقى 10 نەچچە يىل ئىچىدىكى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

كرىستوفىر سىمىس دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەھۋال، بۈيۈك ئەركىنلىك سەۋداسى بولغان خىتاي خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، خىتايغا قوشنا دۆلەتلەر ۋە دۇنيا ئۈچۈنمۇ ياخشى خەۋەر ئەمەس. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ھازىرقى خىتاي رەھبەرلەر ئۆكتىچىلەرگە بۇرۇنقى ھېكمەتلەردىنمۇ تاقەتسىز مۇئامىلە قىلدى. خىتاي رەھبەرلەر 2015‏- يىلى قانۇن رامكىسىنى، بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى كەڭ قوللىنىپ، كومپارتىيەنىڭ كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى. تەن جازاسى ۋە تۇتقۇن قىلىش داۋاملىق يۈز بەردى. بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە كەڭ ھوقۇق بېرىلىپ، ئۆكتىچىلەر، ئەركىنلىك تەرەپدارى دىنىي گۇرۇھلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر باستۇرۇلدى.»

يىغىندا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاسىيا -تىنچ ئوكيان شۆبە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مات سالمون، خىتاي ئاساسىي قانۇنى پۇقرالارنىڭ «نورمال» دىنىي ئىبادەت پائالىيىتىنى قوغدىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دىنىي گۇرۇھلارنى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مات سالمون مۇنداق دەيدۇ: «ھالبۇكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قوپال ۋە خالىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، تىزىمغا ئالدۇرمىغان دىنىي گۇرۇھلارنى خۇسۇسەن خرىستىئان چېركاۋلىرىنى نىشانغا ئالدى. تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇپ، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى جازالاپ كەلدى.
ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر دائىم دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ باستۇرۇلدى.»

مات سالمون يەنە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2015‏- يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قارالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى.

ئوباما ھۆكۈمىتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىنى ھەر دەرىجىلىك سورۇنلاردا ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مات سالمون، ئوباما ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدە دىققىتىنى تور ھۇجۇمى، جەنۇبىي دېڭىز ئىختىلاپى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىدى. بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى» دېدى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى مات سالمون سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ تور ئەركىنلىكى ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ، ئاخباراتنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ: «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى تور ئەركىنلىكى ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى جەھەتلەردە ئەڭ ناچار ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. ئۇ پەقەت تور بەتلىرىنى توسىغانلىقى، بەزى چوڭ گېزىتلەرنى ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى تاقىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى نازۇك ئۇچۇرلارنى يوللاپ، كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان نۇرغۇن ژۇرنالىست ۋە باشقا پۇقرالارنى تۈرمىگە سولىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئورۇنغا قويۇلدى. مەن بۈگۈن بۇ يەردە پەقەت بىر قانچە مىسال ئالدىم. لېكىن بۈگۈن خىتايدا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېدى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى برەد شېرمان، خىتاي ھۆكۈمىتى قانچىلىك ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرسا قۇتۇلدۇرسۇن، ئەمما ئۇ، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرمىسا ھېچنەرىگە بارالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

برەد شېرمان مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈز مىليونلىغان كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بېرىۋاتقانلىقىدا گەپ يوق. بىراق ئۇ قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرمىسا ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن تەمىنلىمىسە، ئۇ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە ھازىرقى ئورنىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ھېچقانداق يەرگە بارالمايدۇ. خىتايدا قانۇن بىلەن باشقۇرۇش كۈچلۈك بولمىسا، خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋە شەخسنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنمىسا، ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچلىك شېرىكى بولالمايدۇ. ئۇ ئەھۋالدا بۇ ئامېرىكا خەلقى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولىدۇ.»

برەد شېرمان يەنە، خىتاينىڭ 2015‏- يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كىشىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى رەت قىلىشى ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ ئادىل رىقابەت قىلىشىغا تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ تور ۋە گېزىت -ژۇرناللاردا ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىشى، تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشى، ئىشچىلار رەھبەرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرۇش ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىنىشى، بۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەپ قالماي، دۇنيادا ئادىل رىقابەتكە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا تەسىر قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى 2015‏- يىلى 8‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئادەم قاچاقچىلىقى، تور ئەركىنلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر، دىنىي ئەركىنلىك، خىتاينىڭ نوپۇس كونترول سىياسىتى قاتارلىق ساھەدە بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن ئىدى.

خىتاي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سەيشەنبە كۈنكى يىغىنىدا يازما دوكلات سۇنۇپ، دۆلەت مەجلىسى ۋە ئوباما ھۆكۈمىتىگە يەنە بەزى تەكلىپلەرنى بەردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ئىزچىل ۋە كەسكىن بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

ئۇ: «دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشى شەرت. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىنتېرنېت، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىقتىساد ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىكى مۇھىم ھالقا قىلىپ تۇتۇشى لازىم. بىز چوقۇم سىياسىي مەھبۇسلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پايدىسىغا ئىكەنلىكىنى ئىزچىل ھەم ئېنىق تەلەپ قىلىشىمىز شەرت» دېگەن.