گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تاڭ جىڭلىڭ، ۋاڭ چىڭيىڭ ۋە يۈەن شىنتىڭ قاتارلىق 3 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 5 يىللىق، ئىككى يېرىم يىل ۋە ئۈچ يېرىم يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى. «گۇاڭجۇدىكى ئۈچ زات» دەپ تونۇلغان بۇ گۇرۇپپا سابىق ئادۋوكات تاڭ جىڭلىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە 2006 - يىلىدىن ئېتىبارەن پائالىيەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار خىتايدا پۇقرالار ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «پۇقرالارنىڭ تىنچ يول بىلەن ئىتائەتسىزلىك قىلىش ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان. تاڭ جىڭلىڭ بۇ تەشەببۇسى سەۋەبلىك «خىتاينىڭ ماھاتما گەندىسى» دەپ ئاتالغان ئىدى. بۇ ئۈچ نەپەر پائالىيەتچى 2014 - يىلى ئىيۇندا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
29 - يانۋار ئېچىلغان سوتتا ئۇلارنىڭ «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» دېگەن جىنايىتى «دەلىللىنىپ»، ئۇلار قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر جازا ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.
تاڭ جىڭلىڭنىڭ ئادۋوكاتى گې يۇڭشى سوتتىن كېيىن ئىستانسىمىزغا قىلغان سۆزىدە مەزكۇر سوت قارارىنى «ئېغىر خاتالىق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، كوممۇنىست پارتىيە ۋە گۇاڭجۇ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى بىر ئېغىر خاتالىق. ئەمما كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىنمايدىغان بۇنداق بىر دۆلەت تۈزۈمىدە تاڭ جىڭلىڭگە بېرىلگەن بۇ جازا بىر ھىسابتا ئۇنىڭ خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان ھەسسىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ» دېدى.
ئادۋوكات گې يۇڭشىنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، تاڭ جىڭلىڭ سوتتا ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سوتقا ئەرز سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سوتتا «چۈنكى مەن كومپارتىيە ئاستىدىكى ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ ئادالىتىگە ئىشەنمەيمەن. ئۇنىڭ ئورنىغا مەن خىتاي خەلقى ۋە خۇداغا مۇراجىئەت قىلىمەن» دېگەن.
تاڭ جىڭلىڭنىڭ ئايالى ۋاڭ يەنفاڭ ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئېرى ۋە ئۇنىڭ ئىككى سەپدىشىنىڭ گۇناھسىز تۇرۇپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «بۇ سوتنىڭ ئۆزى بىر قانۇنسىز سوت. سوت دېگەن ئادىل ۋە يوللۇق بولۇشى كېرەك. ئەمما بۇلار ئۇنداق ئەمەس، شۇڭا ئەرز سۇنغان بىلەنمۇ بىكار، تولىمۇ بىمەنە» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سوت كۈنى ئەتىگەندە بۇ ئۈچ نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى ۋە مۇخبىرلار سوت بىناسى ئالدىغا يېتىپ كەلگەن. بىراق ئۇلار سوت مەيدانىغا كىرگۈزۈلمىگەن. پەقەت بۇ ئۈچەيلەننىڭ 10 ئەتراپىدىكى ئۇرۇق - تۇغقىنىنىڭلا سوتخانىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. پۈتكۈل سوت جەريانى ئاران 20 مىنۇت داۋام قىلغان.
مەزكۇر سوتىنىڭ بۇ ھۆكۈمى چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. بۈگۈن «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى» بايانات ئېلان قىلىپ قارارنى ئەيىبلىدى ۋە «مەزكۇر سوت قارارى ئارقىلىق شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىشلەتمەكچى بولغان ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلغان ھەرقانداق كىشىنى جازالايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋە كەسكىن سىگنال بەردى» دېدى.
مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا، بۈگۈن ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا گۇاڭجۇ سوت دائىرىلىرىنى ھۆكۈمنى بىكار قىلىشقا چاقىردى. ئۇلار بۇ سوت قارارىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قىلىۋاتقان زەربىسىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون باياناتتا يەر ئالغان سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش يولىدا ئازراق بولسىمۇ ئىجابىي قەدەم تاشلاش نىيىتى بار بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ تىنچلىقپەرۋەر تەنقىد بىلەن ئاغدۇرمىچىلىققا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك. بۇ سوت قارارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخى ماڭىدىغان يولىنىڭ بەكلا ئۇزۇنلۇقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېگەن.
خىتايدا يېقىندىن بۇيان ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا. ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا بىردەك، شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتايدىكى پۇقرالار ھوقۇقى، پىكىر - ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىمۇ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا شى جىنپىڭنىڭ بارغانسېرى دىكتاتورلىشىۋاتقان ھاكىمىيىتىنىڭ خىتايدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە پۇقرالار ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت خىتاي ئىچىدىلا ئەمەس خەلقئارادىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار باياناتىدا شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى داھلىن، فىرانسۇز ژۇرنالىست ئۇرسۇلانىڭ ۋەقەلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ «ھازىر خىتاي پۇقرالىرىلا ئەمەس، خوڭكوڭلۇقلار ۋە ھەتتا چەتئەل پۇقرالىرىمۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغان بوپقالدى» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىس سىمىت باياناتتا قىلغان سۆزىدە «مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقنىڭ بىر دۆلەتتە ئەركىنلىك، ئوچۇق - ئاشكارىلىق، قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدالماي تۇرۇپ بارلىققا كەلمەيدىغانلىقى تارىختا ئېنىق ئىسپاتلىنىپ بولغان. بىراق خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ ‹خىتاي چۈشى› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىدىيىلەرگە چىڭ ئېسىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىن قورقۇۋاتىدۇ» دېگەن.
0:00 / 0:00