«خىتاي ھەققىدە تەتقىقات» ئورگىنىنىڭ 53-قېتىملىق پروگراممىسىدا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018.07.30
kichik-bala-yepiq-terbiyelesh.jpg ئىشىك ئالدىدا ئاتا-ئانىسىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئۆسمۈر. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
AP

27-ئىيۇل «مىنجىڭ» تور تېلېۋىزىيەسىدە «خىتاي ھەققىدە تەتقىقات» ئورگىنىنىڭ 53-قېتىملىق نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسى بېرىلدى. مەزكۇر پروگراممىغا «ساقچى ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشى» نامى بېرىلگەن. مەزكۇر پروگراممىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى «جازا لاگېرلىرى» ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت سىياسىتى ئاساسىي مۇنازىرە تېمىسى بولدى.

دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەزكۇر پروگرامما ھەققىدىكى مەلۇماتىدا بولسۇن.

2013-يىلى قۇرۇلغان «خىتاي ھەققىدە تەتقىقات» ئورگىنى، ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، ئامېرىكىدا مەخسۇس تىزىمغا ئېلىنغان ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل تەتقىقات ئورنى. «خىتاي ھەققىدە تەتقىقات» ئورگىنى ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ۋە ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ۋە تەتقىقات نىشانى قىلغان 

مەزكۇر ئورگان تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 53-قېتىملىق سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ 2 سائەتلىك نەق مەيدان كۆرۈنۈشى 27-ئىيۇل ئامېرىكا ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10-دىن 12 گىچە «مىن جىڭ» تور تېلېۋىزىيەسىدە نەق مەيداندىن بېرىلدى.

بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە ئامېرىكا جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتى پروفېسسورى، ئۇيغۇر دىيارى مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى جېيمىس مىلۋارد ئەپەندى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى «خىتايغا ياردەم» جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جۇ فېسو ئەپەندى، «شىنجاڭ مەسىلىلىرى» تەتقىقاتچىسى ئەن خۇا ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

«مىنجىڭ تورى» نىڭ نەق مەيداندىن ئاڭلىتىلغان سۆھبەت پروگراممىسىدا خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىنى بېسىۋالغان 60 يىلدىن بۇيانقى ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلىدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى بايانىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتىدۇ دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈپ باستۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ئۇيغۇر مىللىتىنى مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك جەھەتتىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن كەتمەن چېپىۋاتقان خىتايدىكى ئاتالمىش «مىللىي مەسىلىلەر» تەتقىقاتچىلىرىدىن ما روڭ قاتارلىقلارنىڭ «مىللەتلەر نەزەرىيىسى» نى تەنقىدلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلىنغان ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ھېچقانداق بىرىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە، «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ زېمىننى بېسىۋالغان كۈندىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇستەملىكىلىك باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدا «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدا قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرى ۋە بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

ئۇ بايانىدا غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئېنىقلانغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، : «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى 30 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى. ھازىر بۇ خىل يىغىۋېلىش لاگېرلىرى داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتىدۇ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بۇ خىل جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى مەلۇم» دېدى.

جېيمىس مىلۋارد يەنە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە ئەمدى سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ مەسىلىسى، يەنى بۇ جايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشنى مۇنازىرە قىلىۋاتىمىز. مېنىڭچە ۋىجدانى بار ھەر بىر كىشى ئورنىدىن دەست تۇرۇشى، ئۇلار ئۈچۈن ھەققانىيەتنى سۆزلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. ماڭا ئوخشاش غەرب تەتقىقاتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر كىشى دۆلەت ۋە مىللەت نۇقتىسىدىن ھالقىپ چىقىش ئارقىلىق نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان بۇ خىل جىنايى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاشقا، ھەققانىيەتتە تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن گەپلەرنى قىلدى.

«خىتايغا ياردەم» جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جۇ فېڭسو ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ ئاللىقاچان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي پۇقرالىرى ئەگەر بۇ خىل ۋەزىيەتكە داۋاملىق سۈكۈت قىلسا خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇشنى پۈتكۈل خىتايغا كېڭەيتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل مۇستەبىت باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا ھازىر خىتاي پۇقرالىرى پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مۇستەبىت زوراۋانلىقىغا قارىتا خىتاي پۇقرالىرى يەنىلا سۈكۈتتە تۇرسا، بۇ خىل باستۇرۇلۇش پۈتكۈل خىتايغا كېڭىيىشى مۇمكىن».

جۇ فېڭسۇ ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنىڭ كونكرېت شەكىللىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، تۈركۈم-تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش نامىدا مەجبۇرى قان ئەۋرىشكىلىرى ئېلىنىشى، پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا تورلاشتۇرۇلغان كۆزىتىش كامېرالىرى، تېلېفون ئۇچۇرلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇق ئۇچۇرلىرى تارقاتتى دېگەندەك باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىش قاتارلىق «دۆلەت تېررورلۇقى» تۈسىدىكى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا ھەرقانداق بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ھەققانىيەتتە تۇرۇپ، ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

مەزكۇر سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ «جاز لاگېرلىرى» دا زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەندىن باشقا، سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئانالىزچىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلار ئەھۋالىغا ئائىت مەسىلىلەرگە قارىتا بەزى ئىزاھات ۋە تولۇقلىمىلارنى بەردى.

پروگرامما ئاياغلاشقاندىن كېيىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئۆزى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.