خىتاي يەنە «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلار تۈرمىسى» دەپ كۆرسىتىلگەن. خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە ھەق-ھوقۇقى بۆلۈمى مەسئۇلى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلار تۈرمىسى بولغان خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىنتېرنېت يازارلىرىنىڭ ئەڭ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھەمدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەش ھەمدە تور بەت ساھىبىلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 2013-يىللىق دوكلاتى، 179 دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 2012-يىلىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، قوللانغان تەدبىرلىرىگە قاراپ تەييارلانغان بولۇپ، خىتاي بۇ جەھەتتە 173-ئورۇنغا تىزىلىپ، ئەڭ ئارقىدىن سانىغاندا 7-ئورۇننى ئىگىلىدى. فىنلاندىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە بولسا ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە دۇنيادىكى ئاخبارات ئەڭ ئەركىن دۆلەتلەر دەپ ئېلان قىلدى.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ھەر يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئاخبارات ئەركىنلىك ئىندىكىسىدە خىتاي داۋاملىق ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالى ناچار بولغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىدا ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە، خىتاينى «تۈرمىگە سولانغان ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت» دەپ باھالىغان.
خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى ۋە تەيۋەننىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىدىمۇ چېكىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ، خوڭكوڭ 54-ئورۇندىن 58-ئورۇنغا، تەيۋەن 45 ئورۇندىن 47-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى، خىتاي تۈرمىلىرىدە قامالغان 32 مۇخبىرنىڭ 19 ئى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەردىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «ياۋا كەپتەر» ئەسىرى تۈپەيلى قولغا ئېلىنغان يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇخبىر غەيرەت نىياز، تور يازغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىن، تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن دىلشات پەرھات، نىجات قاتارلىقلار ۋە تور يازارلىرى بار. ئۇلارغا دۆلەتنى پارچىلاش، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، بۆلگۈنچىلىك، قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىل خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان. بۇ يىل خىتاي سىياسىي ساقچىلىرى ھەرىكىتىنى نۇقتىلىق سۆز ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە مىكرو بلوگ ئاكتىپلىرىنىڭ پائالىيىتىنى تەقىب قىلىشقا قاراتقان.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ ئاخبارات ۋە تور ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نۇرمەمەت ياسىن، دىلشات پەرھات، مەھبۇبە ئابلەش، مەمەتجان ئابدۇللا، غەيرەت نىياز قاتارلىق ئۇيغۇر ژۇرنالىست ھەمدە تور ساھىبىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتنىڭ بىرى. بۇ تەشكىلاتنىڭ تىل ۋە تەرجىمە بۆلۈم مەسئۇلى قەيسەر ئۆزھۈن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى شۇنداقلا «تۈرمىگە سولانغان ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت» دېگەن نامنى ئالغانلىقىدىن ھېچقانداق ھەيرانلىق ھېس قىلمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى خىتاي بويىچە ئەڭ ناچار دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاخباراتچىلار ھەمدە ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ بولسا تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.