ئىنتېرنېتتىكى مۇنازىرە مەيدانلىرى خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرالىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىردىن - بىر سورۇنى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈكى بولغان مەسىلىلەردە جامائەت پىكرى شەكىللىنىپ، تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ ئەڭ ئېغىر ئۆرنىكى 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە كۆرۈلدى. ئۇ يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت، ئۇزۇن يوللۇق تېلېفونىنى ئاز كەم بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت تاقاپ، ئۇنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتتى. بۇ ھۆكۈمەت ئەگەر خىتاي مىقياسىدا يەنە مۇشۇنداق بىر كرىزىس يۈز بەرگەن تەقدىردە، ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنامدۇ؟ چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ جاۋابىنى مۇلاھىزە قىلىپ، بۇنىڭ ئېھتىمالدىن ئۇزاق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 564 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا قارشى، خىتاينى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى جەھەتتە رەتكە تىزغاندا، ئۇنى ئالدىنقى ئورۇنلاردا كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ، دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى «ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تۈرمىسى» دەپ تەرىپلەيدۇ.
كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە بلوگ قوللانغۇچىلىرىنى ئىنتېرنېتتىن چەكلەش، سەزگۈر تېما ياكى شەخسلەرنى ئىزدەش ماتورىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش، چەتئەل تور بەتلىرىنىڭ ئېچىشىلىشىنى تېخنىكىلىق يوللار ئارقىلىق ئاستىلاشتۇرۇش ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە تور بەتلەر، تىۋىتتېر، فېيىسبۇك ۋە يۇتۇبقا ئوخشاش داڭلىق خەلقئارا ئىجتىمائىي تور بەتلەرنىڭ ئېچىلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش، پكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق دەپسەندە قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يوللار ئارقىلىق جامائەت پىكرى شەكىللىنىشىنىڭ، توردىكى غەزەپلىك ئاممىنىڭ كوچىغا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما خىتايدا چوڭ بىر كرىزىس يۈز بەرگەن تەقدىردە، خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق قىلىدۇ، پۈتۈن خىتايدىكى ئىنتېرنېتنى تاقىۋېتەلەمدۇ؟ بۈگۈن ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىدە خىتاي ۋە ئىنتېرنېت تېمىسىدا ئېلان قىلىنغان مەخسۇس دوكلاتتا يۇقىرىدىكى ئېھتىمال چەتكە قېقىلمىغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇنداق قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ، خىتايدا ئاللىقاچان سىناق قىلىنىپ بولغان. 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل رايوندىكى 6 مىليوندىن ئوشۇق ئىنتېرنېت قوللانغۇچىسىنى ئىنتېرنېتكە كىرىشىنى توسىدى. ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون، قول تېلېفون ۋە قىسقا ئۇچۇر ھەممىسى تاقىۋېتىلدى. ئۇيغۇر ئېلى ئايلارچە ھېچقانداق ئۇچۇر - ئالاقە مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلمىدى. ھەتتا خىتاي ئىچىدىكى تور بەتلەرگىمۇ كىرەلمىدى.
ئىقتىسادشۇناس گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، تېخنىكا جەھەتتىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق بىر تەدبىرنى ئېلىشى قېيىنغا توختىمىغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ رايون خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەم جۇغراپىيىۋى جەھەتتىن، ھەم تېخنىكا جەھەتتىن دۇنيادىن ئايرىپ تاشلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىكى ھەرقانداق تور ئادرېسىنى قامال قىلىش ئارقىلىقلا مەقسىتىگە يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت يەنى 10 ئاي ئىنتېرنېتنى تاقىۋېتىشى گەرچە خەلقئارادا يېتەرلىك ياكى كۈچلۈك نارازىلىققا دۇچ كەلمىگەن بولمىسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇنىڭغا بەدەل تۆلىگەن بولۇپ، 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكىسپورتتا ياراتقان قىممىتى بىراقلا 44 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن. ئەمما ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاستە قوللىنىشتىن يانمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي بەدەل بەلكىم ھېچنىمە بولمىسا كېرەك.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخنىكا جەھەتتىن لازىم بولغاندا پۈتكۈل خىتايدا ئىنتېرنېتنى تامامەن تاقىۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، دوكلاتتىن قارىغاندا، مۇقىملىقتىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئۆزىگە نۇرغۇن تايانچ كۈچلەرنى سەپلىگەن. خىتاي ئىشلىتىۋاتقان «ئوت تام» پروگراممىسى خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ چەتئەل تور بەتلىرىگە كىرىشىنى ناھايىتى ئاسانلا چەكلىيەلەيدىكەن. ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتى بىر قانچە سائەت پۈتۈنلەي تاقىلىپ قالغان ھەمدە دائىرىلەر بۇنىڭغا بىر چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مىسال ئىكەن. خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان بەزى خەلقئارالىق شېركەتلەر، چەتئەل بانكىلىرى مۇشۇنداق بىر ئېھتىمالغا قارشى ئۆزلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ماتورىنى چەتئەلگە يۆتكىۋەتكەن. بىراق، بۇنىڭ سىرتىدا خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئىنتېرنېت تورىنى ئىشلىتىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئورۇن، ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا ئىنتېرنېت ئالاقىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېھتىمالى مەۋجۇت. ئەمما خىتاي شۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالامدۇ؟ دوكلاتتا بۇ ھەقتە: «ئەرەب باھارى يۈز بەرگەندە ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مىسىر، لىۋىيە ۋە سۈرىيىنىڭ دىكتاتورلىرىغا بىر پايدا ئېلىپ كەلمىدى. ئەمما خىتايدا ھەرقانداق چوڭ بىر شەھەردە بىر ۋەقە يۈز بەرسىمۇ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش ئارقىلىق كۆزلەنگەن مەقسەتكە يەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى قامال قىلىش، تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى فىلتىرلەش، شۈبھىلىك كىشىلەرنى قولغا ئېلىشقا ئوخشاش بارلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توسىدى. ئىنتېرنېتنى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىش خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىدىغان ئەڭ ئاخىرقى تەدبىر بوپ قېلىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.
خىتاي كومپارتىيىسى ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى ئۈچ خىل شەكىلدە يەنى، ئاپتوماتىك فىلتىرلەش، ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى شىركەتلىرىنى ئۆزىگە ماسلىشىشقا مەجبۇرلاش ۋە ئالدىنئالا تەدبىر ئېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىنتېرنېتنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنى خەلقئارادىكى ئۇچۇر ئالمىشىش سىستېمىسىدىن ئايرىپ قويماقتا. ئەركىنلىك سارىيى 2012 - يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلۈكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
0:00 / 0:00