ئەركىنلىك سارىيى يېڭى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىنتېرنېتنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ قامال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.07.26
gheyret-niyaz-dilshat-perhat-nureli-305 خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بىر قىسىم ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى شەخىسلەر: ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﺎﭖ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺴﺘﺮﯨﻠﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ: ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻧﯩﻴﺎﺯ، ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ (ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ)، ﻧﯘﺭﺋﻪﻟﻰ (ﺳﻪﻟﻜﯩﻦ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ).
RFA

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى مەخسۇس خىتاينىڭ ئىنتېرنېت - ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا خىتايدا يېڭى رەھبەرلىك بەنزىسى ئىشقا كىرىشكەن بىر يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىك ئەھۋالىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر تەپسىلىي ئانالىز قىلىنىپ باھا بېرىلگەن بولۇپ، ئەركىنلىك سارىيىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا يېڭى رەھبەر ئالماشقاندىن بۇيان ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش سۈرئىتى ۋە مەزمۇن دائىرىسى كېڭەيگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 20 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىنتېرنېت سەۋەبىدىن قولغا ئالغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان. تۆۋەندە بۇ دوكلاتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتايدا يېڭى رەھبەر شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا بىردەك شى جىنپىڭ خىتايدا بەلگىلىك سىياسىىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، خىتايدا يېڭى بىر دەۋرگە باشلامچىلىق قىلىشى مۇمكىن دەيدىغان بىر ئۈمىد پەيدا بولغان ئىدى. ئەمما بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان دوكلاتلاردىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېت - ئۇچۇر ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئوخشاشلا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە ھەتتا تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

بۈگۈن ئەركىنلىك سارىيى «بوغۇلۇۋاتقان قارشى پىكىر - خىتاينىڭ يېڭى لىدىرلىرى ئىنتېرنېتكە قاراتقان كونترولنى تېخىمۇ كۈچەيتتى» ماۋزۇلۇق بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنترنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش سۈرئىتى ۋە دائىرىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلات 47 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتتا ئېقىپ يۈرگەن مەزمۇنلارنى، تور بەتلەرنى، بەلگىلىك مۇھىم شەخسلەرنىڭ تور ھېسابلىرىنى قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى، قانداق مەزمۇنلارنى ئاساسىي نىشان قىلىدىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق قايسى خىل ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئىنتايىن ئىنچىكە مەلۇماتلارنى بەرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر 500 مىليوندىن ئارتۇق ئىنتېرنېت قوللانغۇچىسى بار بولسىمۇ، ئەمما يېزا - قىشلاقتا ياشايدىغان ئالاھەزەل 800 مىليون كىشى يەنىلا تېلېۋىزورغا قاراشلىق بولۇپ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر پروگراممىسى بولسا ئۇلارنىڭ بىردىن - بىر ئۇچۇر مەنبەسى ئىكەن. ئەمما بۇ يىل خىتايدا قول تېلېفون ئارقىلىق ئىنتېرنېتكە چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. ئىنتېرنېت خىتاي پۇقرالىرىنى ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىگە رىقابەت پەيدا قىلىدىغان بىر قورالغا ئايلانغان. مەسىلەن، ئىنتېرنېتتە پۇقرالار خىتايدا ساقلىنىپ ياتقان چىرىكلىك، مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە بىر قىسىم سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرە قىلالايدىغان بولغان. ئەمما بۇنىڭ ماس قەدەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى سۈزۈش، ئۆچۈرۈش قەدىمىمۇ تېزلىشىپ ماڭغان. خىتاي ھۆكۈمىتى چىكىت قويۇلغان كىشىلەرنى ئائىلىسىدىن، ئادۋوكاتلاردىن ۋە ژۇرنالىستلاردىن ئۇزاق تۇتۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ئاجراتقان. 2012 - يىلى خىتاي «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش» قا يەنى ئۇچۇرنى كونترول قىلىشقا نۇرغۇن مەبلەغ ئاجراتقان. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى كونترولى خىتاي چېگرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، 2012 - يىلى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئىنتېرنېت خاككىرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ خىتاي زېمىنىدىن چىققانلىقى مەلۇم بولغان. ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بىر خاككىرلىق گۇرۇپپىسىنىڭ شاڭخەيگە جايلاشقان بىر ئارمىيە بازىسىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ چەت دۆلەتلەرگە قاراتقان ئىنتېرنېت خاككىرلىق ھەرىكەتلىرى بۇ دوكلاتتا مەخسۇس توختالغان مەسىلىلەر ئىچىدە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتايدىكى ئىنتېرنېت كونترول قىلىش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشكە پايدىلىق، دەپ ئەسكەرتىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2011 - يىلى دۆلەتلىك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش، ئۇنىڭغا يۆنىلىش بېرىش، تۈزۈمگە ئەمەل قىلمىغانلارنى جازالاشتىن ئىبارەت. خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىياسەت - ئەمەللىرىنىڭ قانۇنسىزلىقى ئىپادە قىلىنغان مەزمۇنلار، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر مەيلى ئۇ ھازىرقى رەھبەر بولسۇن ياكى بۇرۇنقىسى بولسۇن، ھەرقانداق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئىش - ئەمىلى تەنقىد قىلىنغان مەزمۇنلار ھەرۋاقىت قاتتىق چەكلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سرت خىتايدا يەنە، ماۋزىدۇڭ، 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇشى، كورىيە ئۇرۇشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياكى ئۇلارنىڭ ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان سىياسىتى ھەققىدە مۇستەقىل ئورگانلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلار ۋە شۇنداقلا فالۇنگۇڭ تەشكىلاتى ھەققىدىكى مەزمۇنلار ھەممىسى بىردەك چەكلىنىدۇ. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئىنتېرنېتتە چەكلىگەن مەزمۇنلىرىنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتا بارلىق تەنقىدىي پىكىرلەرنى چەكلەش ئەمەس، بەلكى كوللىكتىپ ھەرىكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ۋە ياكى شۇ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزمۇنلارنى ھەم شۇنداقلا خەلققە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان نوپۇزلۇق شەخسىلەرگە ئائىت مەزمۇنلارنى قاتتىق كونترول قىلىدىكەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدىكى ئىنتېرنېتنى ۋە ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ۋە تېخىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن كونترول قىلىدىغان بولۇپ، پەقەت 2013 - يىلى 5 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىلا خىتاي ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنى «ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئىلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېررورلۇقنى تەرغىپ قىلغان» دىگەن جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئالغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەر ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ۋە ھېچقانداق ئوچۇق - ئاشكارا سوت تەرتىپى بولماي تۇرۇپلا، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ياكى دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا تارتىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن 10 ئاي بويىچە پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە ئىنتېرنېتنى تاقىۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن باشقا ۋەقەلەردىمۇ كىچىك دائىرىدە، بىر قانچە ھەپتە ياكى بىر قانچە كۈن بويىچە ئىنتېرنېتنى تاقاش ئەھۋاللىرى ئوخشاشلا كۆرۈلگەن.

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى ئىنتېرنېت، ئۇچۇر - تېخنىكا شېركەتلىرىنى ئۇلارنىڭ ئىش رۇخسىتىنى بىكار قىلىشقا ئوخشاش تۈرلۈك جازا ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قىستاپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، يېڭى ھۆكۈمەت، يېڭى رەھبەرلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى كونا ئەنئەنىنى ئوخشاش داۋام قىلدۇرغانلىقىنى ھەتتا ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.