بۈگۈن خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە خەلقئارالىق داڭلىق ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى «فورمۇلا 1» نىڭ باشلىنىشى ۋە ھەپتە ئاخىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىينىڭ خىتايغا قىلىدىغان تۇنجى رەسمىي زىيارىتىگە ئوخشاش مۇھىم كۈن تەرتىپلەر سەۋەبىدىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلەشتى.
مانا مۇشۇنداق بىر پۇرسەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادىكى ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇلارنىڭ باياناتلىرىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن نۇقتا بولسا، خىتاينىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە زور چېكىنىش بولغانلىقىدۇر.
تۆۋەندە بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.
بۈگۈن، خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە، خەلقئارالىق داڭلىق ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى بولغان «فورمۇلا 1» مۇسابىقىسى باشلاندى. «فورمۇلا 1» دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى ئاپتوموبىل مۇسابىقىلىرى ھەۋەسكارلىرى ئالاھىدە سۆيۈپ كۆرىدىغان مۇسابىقە. 3 كۈن داۋام قىلىدىغان مۇسابىقە ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن تاماشىبىنلار ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار شاڭخەيگە يىغىلغان. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى مۇخبىرلارغا قاراتقان بېسىم ۋە تەقىبنى ئاياقلاشتۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى فورمۇلا بىر تاماشىبىنلىرىنىڭ دىققىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە تارتىش ئۈچۈن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان يالغۇز بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يۈزلىگەن تانكىلار ئالدىدا يىگانە تۇرغان رەسىمىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىشلەنگەن بىر پارچە رەسىمنى ئىشلەتكەن. يەنى رەسىمدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن تانكىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچى خۇددى مۇسابىقىگە چۈشۈش ئۈچۈن تەييار بولۇپ تۇرغان فورمۇلا 1 ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغاندەك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى رەسىمگە چۈشەنچە بېرىپ «بۇ رەسىم شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان فورمۇلا 1 مۇسابىقىسىنىڭ پەردە ئارقىسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ» دېگەن.
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، خىتايدا 30 نەپەر ژۇرنالىست ۋە 70 نەپەر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھېلىھەم تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، چەتئەللىك مۇخبىرلارنى تەقىپ قىلىش، ئاخباراتنى كونترول قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ بىر كۈنمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ قانداق بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇچۇرنى قەستەن بۇرمىلاش ۋە ئاخباراتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى، بولۇپمۇ خەلقئارا ئوبرازىنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ كەڭ يامراپ كېتىشىدەك خەۋپنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، قۇش زۇكىمىدىن ئادەم ئۆلگەنلىكىنىمۇ 3 ھەپتە كېچىكىپ ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنتېرنېتتە خەۋەر تارقاتقان كىشىنى «يالغان خەۋەر تارقىتىش» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئالدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېنېرنېتتە ئېقىپ يۈرگەن ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك تازىلاش - فىلتىرلەش سېستىمىىسنى يارىتىپ چىقتى» دېگەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا، بولۇپمۇ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنى تەقىب قىلىش، بېىسم ئىشلىتىش، قوپاللىق قىلىش ۋە ھەتتا ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بەرمەسلىككە ئوخشاش ۋاستىلەر ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. تەشكىلات باياناتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى قويغان:
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىدىكى بارلىق ژۇرنالىستلارنى، ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، ژۇرنالىستلار، ئۆكتىچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوپال مۇئامىلە، تەقىبنى ئاياقلاشتۇرۇشى، بارلىق چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بېسىمنى توختىتىشى كېرەك. ئۇچۇرنى چەكلەيدىغان بارلىق فىلتىرلەش سېستىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى دىققەت قىلىۋاتقان يەنە بىر ۋەقە بولسا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىينىڭ خىتايغا قاراتقان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىدۇر. بۇ زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قانچە كۈندىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى توختىماي بايانات ئېلان قىلىپ، جون كېررىينى خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرماقتا. بۇ چاقىرىقنى ئېلان قىلغان 7 كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ جون كېررىينىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپلىرىنىڭ بىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىشماقتا. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.
جون كېررىينىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى شىمالىي كورىيە توختىماي جەنۇبىي كورىيە ۋە ئامېرىكىغا تەۋە ئاراللارغا ھۇجۇم تەھدىتى قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىنىڭ باش تېمىسىنىڭ شىمالىي كورىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. دەرۋەقە، جون كېررىي بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىدە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «شىمالىي كورىيىنى ئۈنۈملۈك جازالاش ئۈچۈن خىتاي شىمالىي كورىيىگە تۇتۇۋاتقان يۇمشاق پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك» دېگەن. ئەمما ئالىم سېيىتوف ئەپەندى جون كېررىينىڭ خىتاينى پىششىق بىلىدىغان كونا سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ چوقۇم ئامېرىكا، خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00
