ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى خىتاي كومىتېتى چارشەنبە كۈنى 2013-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالىغا باھا بەردى.
دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2013-يىلى خىتاينىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش، دىنىي ئەركىنلىك، كومپارتىيىنىڭ ھوقۇقىنى كونترول قىلىش، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىدا ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى داۋاملىق ناچارلاشقان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى خىتاي كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە تەۋسىيە بېرىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئوباما ھۆكۈمىتىدىن تىبەت ۋە ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىمسىزلىق داۋاملىشىدىغانلىقى، خىتاينى ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى مىللىي ئاپتونومىيە ۋەدىسىدىن داۋاملىق چەتنىسە، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان، تەرەققىيات سىياسىتى يولغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قارار چىقىرىشقا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي كىملىكى قوغدالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك دېموكراتىك تەدبىرلەرنى ئېلىپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرى، قىممەت ئۆلچىمىنى نەزەرگە ئېلىشقا، ئۇلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە چاقىرغان.
ئامېرىكا كومىتېتى بۇ تەكلىپلەرنى ئۆزىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2013-يىللىق دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتتا، 2013-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاي مەركىزى ۋە يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك كونتروللۇقىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزگەنلىكى، پائالىيەت ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، رايوندا بۇ يىل ئەتىياز ۋە يازدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي سىياسىتى مەغلۇپ بولغانلىق ھەققىدىكى گۇمانلارنى پەيدا قىلغان. يەنە، ئومۇميۈزلۈك ئۆي ئاختۇرۇش، دىنىي شەخسلەرنى نازارەت قىلىش، تىنچ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر دىندارلىرىنى نىشانغا ئېلىش رايوندا جىددىيلىكنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەن.
رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى تەڭپۇڭسىزلىق، بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق ئامىللار ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا رايوندىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردە ئەندىشە قوزغىغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىككە سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۇنىڭ 2012-يىلى ئاممىۋى بىخەتەرلىككە بىر يېرىم مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، سېلىنمىنى 23% ئاشۇرغان بولسىمۇ، بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان مۇقىملىقنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قوللانغان مېتودىنى زوراۋانلىق ۋە زەرەرلىك، دەپ تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل رايوندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنى مىسالغا ئېلىپ، بۇ توقۇنۇشلاردا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 23-ئاپرېل كۈنى يۈز بېرىپ، 21 ئادەم ئۆلگەن «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» نى تېررورلۇق، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بەزى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋەر ۋە دوكلاتلىرىدا، ۋەقەنىڭ «تېررورلۇق» دەپ بېكىتىلىشى سوئال پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋەقەنى دائىرىلەرنىڭ ئۆي ئاختۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
دوكلاتتا، 26-ئىيۇن «لۈكچۈن ۋەقەسى» ھەققىدە توختىلىپ، 35 ئادەم ئۆلگەن ۋەقەدە تۇرپان ئىسلام جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېھىم داموللامنىڭ ۋەقەنى باستۇرۇشنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىراق بەزى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئالاقىدار سانلىق ئۇچۇرلارنى«گۇمانلىق» دەپ قارىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى رايوندا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە رولى، دەپ قارالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغانلارنىڭ نىسبىتى ئازايغان بولسىمۇ، بىراق بۇ رايوندا مەزكۇر جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغانلارنىڭ پۈتكۈل خىتايغا نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە كۆپلۈكى دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان مەھبۇسلارنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ يەر مۈلكىنى تارتىۋېلىش ۋە چېقىش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى قوغداش جەھەتتىكى تەدبىرلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلغان.
دوكلاتتا كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ مەسىلە ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي زىددىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆچمەنلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا داۋاملىق كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى بەزى رايونلاردا مىللىي مۇناسىۋەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدە يەر ھوقۇقى ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەن. رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۆتكەن بىر يىلدا رايونغا تېخىمۇ كۆپ كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلغان.
كۆچمەنلەر دۆلەت پروگراممىسى ۋە باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبتىكى رايونلارغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلاردا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا تەئەللۇق يەر-زېمىنلارنى تارتىۋېلىش ئەندىشىسى كۈچەيگەن. ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق يەر-زېمىنلارنى ئەرزان باھادا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، خىتاي ئالغۇچىلارغا يۇقىرى باھادا سېتىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ يەنە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قوشۇمچە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يەر سېتىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن شىكايەتچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.