گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى: خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا

0:00 / 0:00


14 - دېكابىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ئادۋوكات پۇ جىچياڭ ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتىن كېيىن، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىغا دائىر مۇلاھىزىلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىندى. بولۇپمۇ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەۋەرلەردە 14 - دېكابىردىكى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، غوۋغا تېرىش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن پۇ جىچياڭ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان سوتقا ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى ھەمدە كۆپ ساندا چەتئەل مۇخبىرلىرى قاتنىشىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسىۋېلىنغانلىقى، ھەتتا ياندىن ئاڭلاش ئۆيلىرىگىمۇ كىرگۈزمىگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

شۇ كۈنى يەنە چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۈچۈن پەيدا قىلىۋاتقان توسالغۇلىرى ۋە تەھدىتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقان. سوتقا قاتنىشىشقا كەلگەن 40 - 50 ئەتراپىدىكى پۇ جىچياڭنىڭ قوللىغۇچىلىرى قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئىدى. سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق گېزىت - ژۇرناللار ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

15 - دېكابىر كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى ئېلان قىلغان «قىش كۈنلىرىدىكى پۇ جىچياڭ بىلەن گو گۇاڭچاڭ» ناملىق خەۋەردە، «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» بىلەن «ئەينەك تورى» دا ئېلان قىلىنغان ئانالىزلاردىن ئۈزۈندىلەرنى كۆرسەتتى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «ئەينەك تورى» «بۇ يىلقى خىتاينىڭ [ كىشىلىك ھوقۇق] زىيانكەشلىكى ئىنتايىن چۇڭقۇر. ئادۋوكات پۇ جىچياڭ ۋاكالەتچىلىك قىلغان دەۋاگەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇقرالار ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قىلچە ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئۆزگىرىپ كەتتى، بېرلىن بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك» دېگەن.

«خىتايدا پۇقرالار ھوقۇقى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا» ناملىق بۇ ئانالىز ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 14 - دېكابىر پۇ جىچياڭ ئۈستىدىن بېيجىڭدىكى 2 - ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سوت مەيدانىنىڭ سىرتىدا خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن كەلگەن مۇخبىرلار ۋە ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىمى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن. بەزى مۇخبىرلارنى ساقچىلار ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتكەن.

ئانالىزدا «سوتنىڭ سىرتىدىكى بۇ مەنزىرە، خىتاينىڭ بۇ بىر يىلدا قانچىلىك چۇڭقۇر نۇقسانلارغا پاتقانلىقىنىڭ يىغىنچاق ئىپادىسى، بۇ، كىشىگە بۇ قىشنىڭ نەقەدەر ئۇزۇن، نەقەدەر سوغۇقلۇقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

ماقالىنىڭ پۇ جىچياڭ ھەققىدە توختالغان قىسمىدا، ئۇنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن، ئەي ۋېيۋېيغا ئوخشاش داڭلىق شەخسلەر ئۈچۈن، ئازسانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان يازمىلار سەۋەبلىك سوتقا تارتىلىشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى ۋە «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، غوۋغا تېرىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ 8 يىل كېسىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ گۇناھسىز ئاتىلىپ قويۇپ بېرىلىشىگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پۇ جىچياڭنىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتىگە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقى توغرىسىدىكى يازمىلىرى سەۋەب بولغان. ئۇ تور بەتتە «ئەگەر شىنجاڭ راست جۇڭگونىڭ بىر پارچىسى بولسا، ئۇنىڭغا مۇستەملىكىچى، ئىشغالىيەتچى ۋە بۇلاڭچىدەك مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك» دېگەن.

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ئەپەندى پۇ جىچياڭنىڭ سوتقا تارتىلىشىغا قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە ئارىلىشىشىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ.

«خىتايدا پۇقرالار ھوقۇقى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا» ناملىق ماقالىدە، مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 300 دىن ئارتۇق ئادۋوكاتنى تۇتۇپ كېتىپ، سوراق - سوئال ۋە مۈشكۈلاتقا دۇچار قىلغانلىقىنى، خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ بۇلارنى ئۇزۇن مۇددەت گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 20 دىن ئارتۇق كىشىنى قاماپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ماقالە يەنە «نۆۋەتتىكى رېئاللىق شۇكى، 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن نامايىشى باستۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى 2015 - يىلىدىكىدەك قانۇننى قوغداشتىن ۋە ئاساسىي قانۇندىن ھېچقاچان بۇ قەدەر يىراقلىشىپ كەتكەن ئەمەس» دېگەن ھەمدە «خىتاي ئەدلىيىسى نۇرغۇن دېلولاردا قانۇن دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلدى، بۇ ئاللىقاچان كىشىلەر ھەيران قالمايدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. 2015 - يىلىنىڭ ساۋىقى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئەھۋال بارغانسېرى ناچارلاشماقتا، بېيجىڭ بىلەن قانۇن دىئالوگىنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقان گېرمانىيە دۆلىتى 2016 - يىللىق دىئالوگنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك، ئۇزۇندىن بۇيان، ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك شېرىكى بولغان ‹خىتاي ئادۋوكاتلارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق باستۇرماقتا› دېگەن تەنقىدلەر داۋام قىلماقتا، بۇ بەلكىم ئومۇمىي ئىپادىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. بېرلىن پۇ جىچياڭغا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ قەددىنى رۇسلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى بايان قىلغان.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خادىمى كىرستوف شىترېسىر ئەپەندىمۇ 15 - دېكابىر كۈنى بېرلىندا بايانات ئېلان قىلىپ، پۇ جىچياڭنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ «ئۆز كەسپىگە ئەستايىدىل بولغان ۋە خىتاينىڭ مەۋجۇت قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغان بۇ ئادۋوكات ئۇچراۋاتقان مۇئامىلە مېنى ئەندىشىگە سېلىپلا قالماستىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنغا تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ مەندە كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلدى» دېگەن.

كىرستوف شىترېسىر ئەپەندى ئالدىنقى ھەپتىلەر د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى بېرلىن پارلامېنت بىناسىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھازىرغا قەدەر پۇ جىچياڭ مەسىلىسىگە ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئىنكاس بىلدۈردى.

http://www.dw.com/zh/%E5%BE%B7%E8%AF%AD%E5%AA%92%E4%BD%93%E5%86%AC%E5%A4%A9%E9%87%8C%E6%B5%A6%E5%BF%97%E5%BC%BA%E5%92%8C%E9%83%AD%E5%B9%BF%E6%98%8C/a-18919460Opens in new window ]

http://www.dw.com/zh/%E6%B5%A6%E5%BF%97%E5%BC%BA%E6%A1%88%E4%B8%80%E5%AE%A1%E5%BA%AD%E5%AE%A1%E7%BB%93%E6%9D%9F%E6%8B%A9%E6%97%A5%E5%AE%A3%E5%88%A4/a-18915524Opens in new window ]

http://www.dw.com/zh/%E5%BE%B7%E5%9B%BD%E5%AE%98%E5%91%98%E5%91%BC%E5%90%81%E9%87%8A%E6%94%BE%E6%B5%A6%E5%BF%97%E5%BC%BA/a-18918671Opens in new window ]