خوتەنلىك دېھقان: كۆچمەن ياغدى، دىن سۇسلاشتى، ئەخلاق يىمىرىلدى، ۋابا كەلدى.....

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.04.24
xitay-kochmen-305.jpg گەنسۇ، خۇنەن، ۋە سىچۈەندىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا. 2010-يىلى 14-نويابىر.
AFP

زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز ۋاباسى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئېغىر ۋە جىددىي مەسىلىلەردۇر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالمىغان بىرمۇ ناھىيە قالمىدى.

خوتەننىڭ ناھىيە، يېزىلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، خوتەن 2012 - يىلى ئەيدىز يۇقۇم سانى جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلى بويىچە 6 ئورۇنغا ئۆتكەن. گەرچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تارقاتقۇلىرىدا، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 99% نى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقى، ئۇلار ئاساسەن زەھەر چەككۈچىلەر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەيدىز ئومۇمىي سانىنى يۇشۇماقتا، كۆزەتچىلەر، نوپۇسنىڭ 95% تىن يۇقىرىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغان، ھېلىھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان بۇ يۇرتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىك كەڭ يامرىغان بىر جايغا ئايلىنىپ قېلىشىغا قارىتا تۈرلۈك گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان بولسا، بۇنىڭ خوتەندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىننى سۇسلاشتۇرۇش، كۆچمەن يۆتكەش سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ يىمىرىلىشى، دىنىي ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى بىلەن، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، بۇ خوتەنلىك ياش دېھقان بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولسۇن :

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.