شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار 3-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق»، «تېررورچى خىتاي»، «خىتايلار دۇنياغا تەھدىت» دېگەندەك خەتلەر بېسىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەپ ھەرخىل شوئارلارنى توۋلاشتى.
نامايىشتا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ ئەھەت، تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقى ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەپ يېزىلغان شۋېدچە باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە نامايىش قاتناشقۇچىلىرىغا داۋانى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى. كېيىن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەققىدە توختالدى.
نامايىش داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى قۇربانجان، ئۇيغۇرىستان مەشرىپىنىڭ يىگىت بېشى دانىيار ئەپەندى، ياشلار ۋەكىلى ئىلغار ئىلھاملار ئۆز تەسىراتىنى ئىپادە قىلدى. ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا ئەھەت بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ مەقسىتى ۋە پائالىيەت تەپسىلاتى ھەققىدە توختالدى.
خىتاينىڭ 3 دانە ھەربىي پاراخوتى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىكى سلۇسسۇن پورتىغا يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان نامايىشچىلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگىنىچە، خىتاي پاراخوتنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن مىڭلارچە كىشىلەر توپلاشقان پاراخوت يېنىغا بېرىپ، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى تىنچ شەكىلدە ئىپادىلىدى.