كېيسىي مىچېل: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى تۇتۇپ لاگېرلارغا سولىماقتا»
2018.07.06
ئامېرىكا تەرەققىيات فوندىنىڭ خەۋەر تور بېتى بولغان «تەرەققىيات ۋە پىكىر» ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى تۇتۇپ لاگېرلارغا سولىماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالە كېيسىي مىچېل تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ماقالىسىدە لاگېرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان.
ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلىغان: «خىتاينىڭ غەربىي رايونى بولغان شىنجاڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دۇنيادا تېخى كۆرۈپ باقمىغان دەرىجىدە زور بولغان بىر يۈرۈش ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› نى قۇرۇشنى باشلىدى. بۇ رايوننى تەتقىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا كومىتېتى بۇ لاگېرلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، دەپ كۆرسەتتى.»
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بۇ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نى «تەربىيەلەش-ئۆزگەرتىش مەركىزى» دېگەندەك ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتاپ، ئۇ ھەقتە ھېچقانداق ئەمەلىيەتنى ئاشكارىلىمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردا قانچىلىك كىشى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئۇلار قايسى جىنايىتى ئۈچۈن تۇتۇلدى، بۇ لاگېرلار بىكار قىلىنامدۇ، دېگەن سوئاللارنى جاۋابسىز قويماقتا.»
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بولسا بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ ئەمما ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى بۇ لاگېرلاردا زادى نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقى، تۇتقۇندىكىلەرنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىشى كېرەك. خەلقئارا جامائەت بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىشى كېرەك،» دېدى.
نۆۋەتتە بۇ لاگېرلاردا زادى قانچىلىك كىشى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىمۇ دىققەت قوزغاۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىۋاتقان چەكلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندىمۇ لاگېرلاردىكى رەقەمنى بىر مىليوندىن ئوشۇق بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشنى ئورتاقلاشماقتا. يۇقىرىدىكى ماقالە ئاپتورى بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلارنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلمەيۋاتقانلىقىدەك پاكىتلارنى نەزەردە تۇتقاندا ھازىر بۇ لاگېرلاردىكىلەرنىڭ بىر يېرىم مىليون ۋە ھەتتا ئىككى مىليون دەپ مۆلچەرلەۋاتىمىز،» دېگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا لاگېردىكىلەرنىڭ سانىنىڭ بىر مىليوندىن ئوشۇق بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن، دەپ كۆرسەتتى.
«تەرەققىيات ۋە پىكىر» ژۇرنىلىدىكى بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئامېرىكىلىق تارىخچى ۋە تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور رايىن تام ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان. رايىن تام ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەرگە قاراتقان نازارەتنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋەتكەنلىكتىن ئىنسانلارنىڭ ھېچقانداق خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكى قالمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر مەخپىي يېرىنىڭ كاللىسىنىڭ ئىچى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
ماقالىدە يەنە يۇقىرىدىكى بۇ «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئاسسىمىلياتسىيە» سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت، تىل ۋە دىن جەھەتتىن چەكلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ ماڭغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالە ئاپتورى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ئارقىلىق پەقەتلا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگىمۇ ئېغىر زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاز دېگەندە بىردىن تۇغقىنىنىڭ بۇ لاگېرلاردا ئاقىۋىتى ئېنىقسىز تۇرۇۋاتقانلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ھەتتا ئالاقىلىشىش ئىمكانىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاپتور بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىۋاتقان ئامېرىكىلىق تارىخچى رايىن تام ۋە ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جېيمىس لېيبولد قاتارلىقلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ لاگېرلارنىڭ ھازىرقى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بەزى تەتقىقاتچىلار بۇ لاگېرلاردا قانداقتۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى شەپىلىرى مەۋجۇت، دەپ قارىماقتا» دېگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا مۇخبىرغا «بۇ دۇنيادا بۇنداق لاگېرلار ئەمدى قايتا يۈز بەرمەيدۇ دەپ ۋەدە قىلىنغان ئىدى. ئەمما ئۇ يەنە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەتە بەلكىم بەك كېچىكىشىمىز مۇمكىن. بۇنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ،» دەپ ئەسكەرتكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ سۆزىدە ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» مەسىلىسىگە جىددىي قاراپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.