خىتاي ئۆكتىچىلىرى: «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېتنىك باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىنسانلىق مەجبۇرىيەتتۇر»

0:00 / 0:00

خەلقئارادا تونۇلغان خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا، ۋاڭ دەن، تېڭ بىياۋ، ياڭ جيەنلى، ساۋ ياشۆ، شيا مىڭ، شېڭ شۆي قاتارلىق 45 كىشى 10‏-ئاۋغۇست كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋە خىتاي خەلقىنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسەتلىرىگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلدى.

ئوچۇق خەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك ئاتالمىش «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى قۇرۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەردىن ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانلىقى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

مەزكۇر ئوچۇق خەتنى ئەڭ دەسلەپ تەشەببۇس قىلغۇچى خۇ پىڭ ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلىشىغا بۈگۈنكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كىشىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا سىغمىغۇدەك دەرىجىدە يامانلاشتى. بىز مانا مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە شارائىتتا بىزنىڭمۇ ئاۋازىمىز چىقىشى كېرەك دېگەن ئورتاق تونۇشقا كەلدۇق.»

مەزكۇر ئوچۇق خەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جاي-جايلارغا قۇرۇلغان لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ جايلارغا سولانغان ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەر قىزىل ناخشا ئېيتىش، خىتاي تىلى ئۆگىنىش، شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى يادلاش، چوشقا گۆشى يېيىش، ھاراق ئىچىش ۋە بەزى نامەلۇم دورىلارنى ئىچىشكە مەجبۇرلانماقتا. شاھىتلار بۇ لاگېرلاردا خورلاش ۋە تەن جازاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. كىشىلەرنىڭ تەن جازاسى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن تارقالماقتا.»

ئوچۇق خەتتە يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى قاتمۇ-قات نازارەت سىستېمىسى تەنقىدلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندا ساقچىلار ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب قىلىش سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قەدەر كونتروللۇق شەكىللەندۈرۈپ، بۇ رايوندا دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق ‹ساقچى دۆلىتى› نى قۇرۇپ چىقتى. ئۇيغۇر مىللىتى مەدەنىيەت جەھەتتە ۋەيران قىلىنىش، ھەتتا ھايات-ماماتلىق كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە. بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ۋەھشىي زوراۋانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي بۇزغۇنچىلىقنىڭ توختىتىشنى، ‹تەربىيەلەش لاگېرلىرى› نى تاقاشنى، ئىلھام توختى، غەيرەت نىياز قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى تەلەپ قىلىمىز.»

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا پۈتكۈل مىللەت بويىچە تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش، ھەتتا پۈتكۈل مىللەت بويىچە تەقىب قىلىش دەرىجىسىدىكى دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەزىيەتكە پۈتۈن دۇنيانىڭ جىددىي دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زوراۋان سىياسىتىنىڭ مەقسىتىنى يېقىندىن بىلىدىغان خىتاي زىيالىيلىرى ۋە ئۆزىدە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار دەپ قارىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلماسلىقنى ئۆز مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغۇچىلاردىن ئامېرىكىدىكى نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى شيا مىڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن بىر ئىنسانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش روھى بىلەن مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈردى: «بىز خىتاي زىيالىيلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۆرۈۋاتىمىزكى، خۇ پىڭ، تېڭ بىياۋ قاتارلىق بىر تۈركۈم خىتاي زىيالىيلىرى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى. بىز مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇق ۋە بۇ ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويدۇق. چۈنكى بۇ جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلار ئىنتايىن كۆپ، ھەتتا دائىرىلەر ھازىر بۇ جايدا پۈتكۈل مىللەتكە قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ.»

شيا مىڭ ئەپەندى يەنە خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە رايوندىكى باستۇرۇشنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى: «بىز خەۋەرلەردىن شاھىتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلىدۇق. ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىمىزگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بىلىمىز. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش خىتايدىكى ھەرقانداق بىر جايدىنمۇ ئېغىر. ئۇيغۇرلار ھازىر پۈتكۈل مىللەت بويىچە باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنى ‹دۆلەتنىڭ دۈشمىنى› دەرىجىسىدە باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال. ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ قامىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ھازىر ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىندى. شۇڭا بىز بۇنداق ئەھۋالغا ئەمدى سۈكۈت قىلماسلىقىمىز، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تىل، ئېتىقاد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى خىتايلاشتۇرۇش، ھەتتا قىرغىن قىلىنىش ۋەزىيىتىگە قارىتا ئاۋازىمىزنى چىقىرىشىمىز، ھەققانىيەت تۇيغۇمىزنى ئىپادىلىشىمىز ۋە بىر ئىنسانلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خۇ پىڭ قاتارلىق خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنىڭ مەزكۇر ئوچۇق خەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بايانىدا مەزكۇر ئوچۇق خەتنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ئىچىدىكى خىتاي زىيالىيلىرى ۋە خىتاي خەلقى ئۈچۈنمۇ ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر ئوچۇق خەتتە يەنە چەتئەللەردىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەققانىي كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئوچۇق خەتتە يەنە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى شۇنداقلا ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئادەم ئەۋەتتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.