19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان شايار تۈرمىسىدىكى خىتاي ئۆكتىچىنىڭ ئايالى ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.12.28
xitay-kishilik-hoquq-paaliyetchi-jang-xeytaw-305.jpg جاڭ چۈنشيەننى «ئەڭ چوڭ زوراۋان تېررورچى» دەپ ماقالە ئېلان قىلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاڭ خەيتاۋ.
جاڭ خەيتاۋنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەمىنلىگەن

جاڭ خەيتاۋ خىتاي مىللىتىنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى تەنقىدلەپ قولغا ئېلىنغان ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى. جاڭ خەيتاۋ ئۆز ۋاقتىدا ئۈندىدار، سىنا بلوگى، چەتئەلدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچى تور بەتلىرىگە پىكىر يېزىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زور كۆلەملىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلغان. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يەرلىك مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جاڭ خەيتاۋ ئەسلى خېنەنلىك بولۇپ، ئېلېكترونلۇق جاھازلار دۇكىنىنىڭ پىركازچىكى ئىدى. ئۇ بۇنىڭدىن 10 يىل ئاۋۋال خىزمەت ئىزدەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چىقىپ، ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ ۋە 2011‏‏-يىلى ھازىرقى ئايالى لى ئەيجيې بىلەن توي قىلىدۇ. جاڭ خەيتاۋ 2015‏-يىلى ئۈندىدار، سىنا بلوگى ۋە چەتئەلدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان يازمىلار سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭ ئايالى ئۈچ ئايلىق ھامىلىدار ئىدى. 

لى ئەيجيې ئۆتكەن ھەپتە مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى خرىستىئان مىسيونېرلىق تەشكىلاتى- «خىتاي ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ ياردىمى بىلەن 2 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ ئامېرىكىغا قېچىپ كېلىپ، سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان. ئىلى ئەيجيې پەيشەنبە كۈنى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جاڭ خەيتاۋنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا نىسبەتەن كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ توردا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئۆزگەرتىشىنى، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلماسلىقنى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلغان. مېنىڭچە بۇ ھۆكۈمەتنى بىئارام قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىش ئاساسى قانۇننىڭ پۇقرالارغا بەرگەن سۆز ئەركىنلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى مەسىلە. جاڭ خەيتاۋ يەنە توردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى، دىكتاتورلۇقنى تەنقىد قىلغان شۇنداقلا ئەرزدارلارغا ياردەم قىلغان. چۈنكى، بۇ ئەرزدارلار ھېچقانداق ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇلارنىڭ دەردىنى ئېيتىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق ئىدى.»

لى ئەيجيېنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ خەيتاۋنى قاتتىق جازالاشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىگە سوئال قويغان باشقا خىتاي پۇقرالىرىنى قورقۇتۇشكەن. 

لى ئەيجيې مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇنى بىزنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە مۇقىملىق رايونىدا تۇرغانلىقىمىز ۋە بۇ رايوندىكى مۇقىملىق سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ ئويلايمەن. يولدىشىم ئۆزىنىڭ "جىنايەت"سادىر قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىدى. بىز شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىز تۈپەيلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ نامۇۋاپىق يەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن ھۆكۈمەت ئۇنىڭدەك ئاددىي بىر پۇقرانى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق باشقىلارنى قورقۇتماقچى بولدى.» 

جاڭ خەيتاۋ 2016‏-يىلى 12‏-ئايدا ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى سوت ئۇنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىدۇ. 

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جاڭ خەيتاۋنىڭ تەقدىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلارغا «پايدىلىق، ئۇلارغا ئىلھام بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان» بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ھەرقانداق پىكىرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەن. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە خىتاينىڭ قۇرۇلمىسى. خىتاي ھاكىمىيىتى خىتايلارغا ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى سەلبىي كۆرسىتىش، يامان كۆرسىتىش، ياۋۇز كۆرسىتىش سىياسەتلىرىنىڭ تۈپەيلى خىتايلارنىڭ كاللىسىدا سىڭىپ كەتكەن ئۆزىدىن بولمىغان يات مىللەتلەرنى كەمسىتىش خاھىشى ناھايىتى چوڭقۇر. ئەمما بۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاكىمىيەت بۇنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى خالىمايدۇ. مۇشۇ جاڭ خەيتاۋ ئارقىلىق خىتاينىڭ خىتايلارغا بېرىۋاتقان سىگنالى بۇنىڭغا ئارىلاشما، دەيدۇ.» 

ئىلشات ھەسەننىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل بىنورمال سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئۇلغايتماقتا ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق سىياسىتىدىكى خاتالىقنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئىلشات ھەسەن: «چۈنكى، خىتاي بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئىلھام توختى تەشەببۇس قىلغاندەك سۆھبەت، دىئالوگ ئېلىپ بېرىلىپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئوخشىماسلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. مۇنداق دېگەندە شەرقىي تۈركىستان، تىبەت بۇلارنىڭ، خىتايلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ قېلىشىدىن تېخىمۇ قورقىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى، دىققىتىنى مىللىي مەسىلىگە يۆتكەپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مەجبۇرىيىتىدىن قاچۇرۇش، ئۆزىنىڭ خاتالىقىدىن قاچۇرۇش، ئۇنى سۈرۈشتە قىلىشتىن قاچۇرۇشتەك مۇنداق ئويۇننى ئويناۋاتىدۇ.» 

جاڭ خەيتاۋ 2015‏-يىلى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق» قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىدۇ. لېكىن تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى رەسمىي ئەيىبلىگەندە ئۇنىڭغا ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش جىنايىتىنى ئارتىلىدۇ. ئىلى ئەيجيې خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جاڭ خەيتاۋنىڭ باشقا جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىپ، باشقا بىر جىنايەت بىلەن جازالىنىشىغا «ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ» دېدى. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇ ناھايىتى غەلىتىلىك. 2015‏-يىلى 8‏-ئىيۇل ئۇلار مېنى ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولىدىكى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بېرىپ، مېنىڭ بىر ھۆججەتكە ئىمزا قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭدا يولدىشىمنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى يېزىلغان. مەن بۇنى ئېنىق كۆردۈم. لېكىن ئەينى چاغدا مەنمۇ قانۇننى بەك بىلىپ كەتمەيتتىم. مەن ئۇنىڭغا قول قويدۇم، ئۇلارمۇ ماڭا ئارتۇقچە بىر نېمە دېمىدى. لېكىن ئارقىدىن ئۇنىڭ جىنايىتى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، چەتئەلنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىشكە ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بىر دۆلەتنىڭ قانۇنى بىرىگە ئارتىلغان جىنايەتنى قاندىقىسىغا خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۇنى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئۆينى ئىككى قېتىم ئاختۇرغان بولسىمۇ ھېچقانداق دەلىل تاپالمىغان ئىدى.»

لى ئەيجيې تەمىنلىگەن سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوت مەھكىمىسى جاڭ خەيتاۋنىڭ 2010‏-يىلدىن 2015-يىلغىچە ئۈندىدار، سىنا بلوگى قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان 274 پارچە يازمىسىدا كومپارتىيە ۋە ئۇنىڭ سىياسىتى بىلەن «قارشىلاشقانلىقى، ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە قارىلىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. 

سوت مەھكىمىسى جاڭنىڭ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتىگە 15 يىل، چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە 5 يىل بولۇپ جەمئىي 19 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. لېكىن، جاڭ خەيتاۋ «جىنايىتى» نى قوبۇل قىلمىغان. ئۇ، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئايالى ۋە سىڭلىسىغا يازغان مەكتۇپىدا، نېلسون ماندېللانىڭ 30 يىللىق تۈرمە ھاياتى ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ؛ «ھاياتنىڭ مەنىسى ماددىي نەرسىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئېغىز يالغۇز تاماق يېيىشكە ئەمەس، ئوخشاشلا سۆزلەشكە يارىتىلغان» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.