ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى: خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدا تېخىمۇ ئېغىرلاشتى

0:00 / 0:00


خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى «خىتايدىكى قېيىن - قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش» تېمىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدىكى بۇ مەسىلىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا قېيىن - قىستاقنىڭ خىتايدا ھېلىھەم ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا قانۇننىڭ قوغدىغۇچىسى بولغان ئادۋوكاتلارنىڭمۇ قېيىن - قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي، 1988 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «قېيىن - قىستاق ۋە باشقا خىل قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق جازالاشقا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» گە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بىراق، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتىدا خىتايدا قېيىن - قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا ھېلىھەم ئىنتايىن كەڭ قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«خىتايدىكى قېيىن - قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش» تېمىسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات 57 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى 37 نەپەر ئادۋوكات بىلەن بىرمۇ - بىر ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر، ھەرقايسى سوتلاردا كۆرۈلگەن داۋالارغا ئائىت ماتېرىياللار ۋە ھۆكۈملەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئېلان قىلىنغان.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بايقىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە ئەدلىيە سىستېمىسىدا قېيىن - قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى قوبۇل قىلغان ۋە بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى، يېڭى تۈزۈم - قارارلارنى ئېلان قىلىپ خىتايدا قېيىن - قىستاقنى ئاياغلاشتۇرۇشتا نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئەمەلىيەتتە، بۇ تۈزۈملەر - سىياسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى قەغەز يۈزىدە قالغان بولۇپ، قېيىن - قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش يەنىلا كەڭ دائىرىدە ئىجرا قىلىنماقتىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قېيىن - قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، سوتلاردا قېيىن - قىستاق ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىقرارنامىنىڭ جىنايەت دەلىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش ئەھۋالى بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن داۋالىشىۋاتقان يەر ئىگىلىرىگە ئوخشاش داۋاگەرلەر ياكى فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىغا قارشى كەڭ قوللىنىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قېيىن - قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش دىنىي رادىكاللىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قېيىن - قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتايىن ئېغىر. چۈنكى ئۇلار قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ كەلگەن. ئامېرىكىدىكى ‹دىئالوگ› دېگەن تەشكىلات ئۆز تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاران 2 پىرسەنت نوپۇسنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدا دۆلەتكە تەھدىت پەيدا قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىۋاتقانلارنىڭ 50 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋە بۇنىڭدىن ئۆزلىرىمۇ ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. مانا مۇشۇ رەقەمنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇشنىڭ ھەم شۇنداقلا قېيىن - قىستاق، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاددىي بىر مىسال.»

مەلۇم بولۇشىچە، كېلەر ھەپتە جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قېيىن - قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى مەخسۇس خىتايدىكى قېيىن - قىستاق مەسىلىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنى چاقىرىدىغان بولۇپ، ھازىر ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىنى تەييارلاپ، مەزكۇر كومېتىتقا سۇنۇشقا باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىمۇ بىرلىكتە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ قېيىن - قىستاققا ئۇچراش مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى قېيىن - قىستاققا قارشى تۇرۇش كومېتىتىغا سۇنغان.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ئىككى ئورگان تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا بۇ مەسىلىنىڭ پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كېلەر ھەپتە ئېچىلىدىغان يىغىندا ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە راستچىل بولۇشقا چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا ئۆز دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى قېيىن - قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزلىرى بۇ ھەقتە قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشنى، دۆلەتتە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، ئەدلىيە مۇستەقىللىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەم شۇنداقلا ئەدلىيە سېستىمىسىدىكى بارلىق ساقچى، سوتچى قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن ئاڭ - ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى، ئۇلارغا قارىتىلغان نازارەتنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت قېيىن - قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتىدا بۇ ئورگانلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمە ۋەزىيەتلىرىنى ۋە شۇنداقلا ئىلھام توختىغا ئوخشاش سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىدە يېتىۋاتقان بارلىق سىياسىىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن تەقىپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى : «خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ب د ت قېيىن - قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ خالىغان تۈرمىگە بېرىپ، خالىغان مەھبۇسنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىق سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەردە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قېيىن - قىستاققا ئېلىش، ئۇلارنى تەن جازاسى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى تۈگىتىشكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلدۇق.»