خىتاي ساقچى دائىرىلىرى «قولايلىق كارتى»نىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «قولايلىق كارتى» ياكى «يېشىل كارت» دەپ ئاتالغان «بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كارتى» 2014 - يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. مەزكۇر تۈزۈمدە ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا، شەھەر ئاتلاپ سەپەر قىلىدىغان ھەر قانداق يەرلىك كىشى ئۆزىنىڭ كىملىك كىنىشكىسى بىلەن مەزكۇر كارتنى بىرگە ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر كارت نوقۇل يەرلىك كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەپ قالمايتتى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ كىشىلەرنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنى، ئۇنىڭ نەگە بارغان، نەدە تۇرغان، نېمىگە بارغان ۋە نېمە ئىش قىلغان دېگەندەك كۈندىلىك ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشتىكى بىر كونترول مىخانىزىمى ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپوتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا «يېشىل كارت»نىڭ بۇ يىل 1 - مايدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، «يېشىل كارت»نى بىكار قىلىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» ھەرىكىتى مۇناسىۋىتى بىلەن يولغا قويىدىغان 20 تۈرلۈك چارە - تەدبىرىنىڭ بىرىكەن.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى مۇخبىرىمىزغا «يېشىل كارت»نىڭ 1 - مايدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىدىن «يېشىك كارت»نى بىكار قىلىش ھەققىدە ھۆججەت چۈشكەن.

ساقچى: 1 «ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، يېشىل كارتنى تولدۇرىدىغان بىر جەدۋەل بار، شۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇپ، ئاشۇ ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ شۇجىسى )سېكرىتارى(غا ئىمزا قويدۇرۇپ، تامغىسىنى ئۇرغۇزۇپ ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىپ، شۇ رايون ساقچىسى بىلەن كۆرۈشسە بولىدۇ.

نوپۇس دەپتىرىنى ئېلىپ كەلمىسىمۇ بولىدۇ، شۇ جەدۋەلنى ئېلىپ كەلسىلا بولدى. )لېكىن( بىكار قىلىۋېتىدۇ يېشىل كارتىنى، ھۆججەتمۇ چۈشۈپ بولدى. شۇ ۋاقىت توشسىلابولدۇ. شۇنىڭغا قەدەر سىرتقا چىقىدىغانلار خەت ئېلىپ تۇرسا بولىدۇ. لېكىن خەت ئېلىپ چىقىدىغانغىمۇ ئوخشاشلا شۇ دادۇينىڭ )كەنت( شۇ جەدۋىلىنى ئېلىپ كېلىسىز»دېدى.

لېكىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان باشقا ۋىلايەتتىكى بىر يېزىلىق ساقچى پونكىتى خادىمى، يېشىل كارتنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى بۇ ھۆججەتنىڭ تېخى ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ساقچى: 2 «5 - ئاينىڭ بىرىگە يەنە 26 كۈن بار. ئۇ ئۇقتۇرۇش تېخى بىزگە كەلمىدى. شۇنىڭغا قەدەر قاچان )ياشىل كارت( بېجىر، دەپ قالسا، كەنتتىن خەت قىلىپ بېرىدۇ. شۇ خەتنى ئېلىپ ماۋۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە كىرسە، بېجىرىپ بېرىدۇ.

بىزگە تېخى ئۇنداق بىكار قىلىدۇ، دېگەن گەپ كەلمىدى. ئۇنى ئوڭايلىقچە ئۇنداق بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئۇنى بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقىنى بىز تېخى ئۇقمىدۇق. بىزگە ئۇنداق ئۇقتۇرۇش تېخى كەلمىدى» دەپ كۆرسەتتى.

بىراق د ئۇ ق «يېشىل كارت»نىڭ بىكار قىلىنىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، «يېشىل كارتنىڭ راست بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى داۋاملىق كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى.

دىلشات رىشىت: «خىتاينىڭ دېگەن ھەر بىر گېپىگە ئىشىنىپ كەتسەك بولمايدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا پاسپورتنى قولايلاشتۇرىمىز، قوشۇمچە داكۇمېنتلار كېرەك ئەمەس، دېگەننى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان. ئەمما ھازىرغا قەدەر پاسپورت ئېلىش شۇنچىلىك قىيىن. ئەمما ھازىر قوپۇپ بۇنى يوقىتىمىز، دەيدۇ. ئۇ ئاخبارات ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ياكى خىتاي خەلقىغە ئاڭلىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتامدۇ ياكى رەسمىيەتلەرنى ھەقىقى قىسقارتامدۇ، بۇ نەرسىلەرنى كۆزىتىش كېرەك.» دېدى.

دىلشات رىشىت يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قىلىدىغان ئەڭ جىددىي ئىش، ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش» دېدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىتىنىڭ تۈپ يۆلىنىشىنى ئۈزگەرتمىسە، يېشىل كارتنى بىكار قىلىش - قىلماسلىقنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.

لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر، بۇ تۈزۈمنىڭ بىكار قىلىنىشى يېشىل كارتنى «يولغا قويۇش - قويماسلىق ئوتتۇرىدا چوڭ پەرق يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.

قاھار بارات: «بىر پۈتۈن رايوننى كونترول قىلىشنى 1 - ئورۇنغا قويغان تەدبىر بۇ، ھېچقانداق ئۆلكە، ھېچقانداق شەھەردە يولغا قويماي، پەقەت بىزنىڭ شۇ ئۇيغۇرلار بار رايوندىلا قىلغان. ئەمدى بۇنى ئېلىۋېتىشنىمۇ شۇ نۇقتىدىن ئۇلار ئويلاشقان. بۇ تەدبىرنى قويۇش جەريانىدا قانچىلىك ئۈنۈملۈك بولدى، ئېلىۋەتسە قانچىلىك بولىدۇ. بۇنى ئۆزلىرى ستاتىستىكا جەھەتتىن، ئىچكى جەھەتتىن ياخشى بىلىدۇ.

شۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ كارتنىڭ بولغانلىقى بىلەن بولمىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈنۈم ۋە پەرقنىڭ ئۇنچىۋالا چوڭ بولمايدىغانلىقىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ھازىر بۇ كارتىسىزمۇ يەنە بۇ كىملىك دەيمىز، ھەر خىل مۇشۇ يوللارغا قويۇلغان تەكشۈرۈش، ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئۆزىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ دېگەن شۇ مەقسىتىگە يېتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كارتنى يولغا قويۇپ، دۇنيا بويىچە ئۇنداق سەت ئىشنى قىلىپ يۈرگەندىن، بەلكى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى ئۆزى بىلگەندۇ.» دېدى.

لېكىن يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، يېشىل كارت ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىغا ئېغىر توسقۇنلۇق پەيدا قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يېشىل كارتنىڭ بىكار قىلىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق دوكتور قاھار بارات، بۇنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق ئېلىپ كەلگەنلىكى راست بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادى ئامىل ئاساسلىق سەۋەب، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى ئامىلغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاھار بارات: «يېشىل كارت تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ چىقارغان ترانسپورت، ئالاقىدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا خىتايلار ئۇنچىلا پىسەنت قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇ مۇھىم ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ رايوننىڭ كونتروللۇقىنى ساقلاشتىكى ئۈنۈمى. ئەلۋەتتە بۇ يولدا تەكشۈرۈش، چازا، كارتلارنى يولغا قويسا، ئىقتىسادقىمۇ تەسىر يېتىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرى، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىشلىرىنى ئازادە قىلىشىغا ئارتۇقچە توسقۇنلىق قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغانلار ئۇيغۇر خەلقى. ئۇندىن قالسا ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا ئاجراتقان مەبلىغىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر زىيان» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «يېشىل كارت»نى بىكار قىلىش ئاز سانلىق مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا «قولايلىق» يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» دا مىللەتلەر مۇناسىۋېتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما يېشىل كارتنى بىكار قىلىش رايوندا باراۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتسە، ئىككى يىل ئاۋۋال نېمە ئۈچۈن بۇ كارتنى يولغا قويغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن، 28 - مارت ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، «بىز پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئوخشىمىغان ئۆرپ - ئادەتلەرگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى.