ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 1 - فېۋرال ئۈرۈمچى 1 - تۈرمىدە يىغىن چاقىرىپ، 11 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ قاماق جازاسى قىسقارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇ 11 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئىچىدىكى 7 كىشى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كانادا پۇقراسى، دىنىي زات ھۈسەيىن جېلىل، پاكىستاندا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن پائالىيەتچى مەمەتتوختى مەتروزى قاتارلىق كىشىلەر بار.
دائىرىلەر ئۇ 7 كىشىنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرنىڭ قاماق جازاسىنى 19 يىل، بەزىلىرىنىڭ قاماق جازاسىنى 20 يىلغا چۈشۈرگەن. قالغان 4 نەپەر مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسنىڭ بىرى، ئۈرۈمچى تېببىي ئىنستىتۇتى دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى، «تەۋپىق فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئابدۇقادىر.
بۇ قېتىم مەمەتجان ئابدۇقادىر قاتارلىق 4 سىياسىي مەھبۇسنىڭ ھەر بىرىنىڭ قاماق جازاسى 6 ئايدىن قىسقارتىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر نەپىرىنىڭ قاماق جازاسى توشقاچقا شۇ كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.
ھۈسەيىن جېلىل قاتارلىق يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان 3 كىشى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى - دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ تىزىملىكىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار ئىدى. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى جون كەم سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ تەرەققىياتنى قارشى ئالىمىز. ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقىلارنىڭمۇ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئەمما خىتاينىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ قاماق جازاسىنى دەل مۇشۇ مەزگىلدە قىسقارتىشى بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىيۇس، خىتاينىڭ قاماق جازاسىنى قىسقارتىشىنى مەقسەتلىك بۇ مەزگىلگە توغرىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇلرىخ دېلىيۇس مۇنداق دېدى: «قاماق جازاسىنى قىسقارتىشنى ھازىر ئېلان قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ياخشى. چۈنكى، مۇشۇ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنى يەنە باشلىنىدۇ. يىغىندا شۇ نەرسە ئايدىڭكى، نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاپەت خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلىدۇ. بىز خىتاينىڭ ھەر قېتىم يانۋار ياكى فېۋرالدا سىياسىي مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
بۇ، ناھايىتى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەچۈرۈم. بەلكى، ئۇ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مەلۇم تەسىر قوزغاشنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى مۇنازىرىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.»
لېكىن ئۇلرىخ دېلىيۇس، قانداقلا بولمىسۇن قاماق جازاسىنى قىسقارتىشنىڭ قارشى ئېلىشقا تېگىشلىك بىر ئىجابىي تەرەققىيات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇلرىخ دېلىيۇس: «شۈبھىسىزكى، ئەڭ ئاۋۋال بۇ ياخشى بىر تەرەققىيات. چۈنكى، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۇنداق ئۇزۇن يىل تۈرمىدە ياتماسلىقى ھەر ۋاقىت ياخشى ئىش. ھېچ بولمىسا بۇ شەرقىي تۈركىستاندا بىر قىسىم ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ دائىم يەڭگىللىك بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىش، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، كىشىلەرنى ئۆمۈر بويى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى.»
يۇقىرىدا قاماق جازاسى قىسقارتىلغان سىياسىي مەھبۇسلار ئىلگىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ھەم قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، رايوندىكى تۈرمىلەردە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۆھرەت زاكىر، «كۆپ قىسىم مەھبۇسلار قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان پۇقرالارغا ئايلاندى» دېگەن.
ئەمما، كانادالىق مۇستەقىل پائالىيەتچى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا قىسقارتىلىشىنى كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدونىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە باغلىدى.
مەمەت توختى: «مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ جازا مۇددىتىنى يەڭگىللىتىش خىتاي قىلىپ باقمىغان ئىش. ئۇنداق بولسا خىتاي بۇنى نېمە دەپ قىلىدۇ؟ كانادادا يېڭى ھۆكۈمەت ئۆزگەردى، بۇرۇنقى كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمەت ھوقۇق سورىغان مەزگىلدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئۈنچىلا ياخشى ئەمەس ئىدى. ئەمما ھازىر يېڭى ھۆكۈمەتكە ئۆزگەردى. بۇ لىبېرال پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خېلى يامان ئەمەس.
خىتاي بەزى بىر قەدەملەرنى بېسىشى مۇمكىن. چۈنكى ھۈسەيىن جېلىل ئۈچۈن مەخسۇس بىر نەرسە قىلسا، ئۇ خىتاينىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. ھۈسەيىن جېلىل ئۈچۈنلا بولۇپ قالمىسۇن، دېگەن پەردازنى بېرىش ئۈچۈن باشقىلارنى قوشتى، دەپ قارايمەن. بۇ يىل 3 - ئايدا كانادا باش مىنىستىرى خىتايغا بارىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىنى بىر ئاز يۇمشىتىش ئۈچۈن سىياسىي بىر قەدەم باستىمىكىن، دەپ ئويلايمەن.»
لېكىن مەمەت توختى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزىنىڭ قانۇن - تۈزۈمى ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىپ، خىتاي بىر قىسىم مەھبۇسلارنىڭ قاماق جازاسىنى قىسقارتقان بولسىمۇ، ئەمما «بۇ خىتاينىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئازايتمايدۇ» دېدى.
مەمەت توختى: «ھۈسەيىن جېلىلغا ئارتقان جىنايەتنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق جىنايەت يوق. خىتاي پاكىت ئوتتۇرىغا قويالمىدى. يۇمىلاق ئىپادىلەر بىلەن دۆلەتنى ئاغدۇرۇش، ئۇ، بۇ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى.
كېسىلگەن ھۆكۈم بىلەن ئۇ ئادەمگە ئارتىلغان جىنايەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. بۇلار ئەسلى تۈرمىگە كىرمەسلىكى كېرەك ئىدى. بىراق ھېچ بولمىسا بالدۇرراق چىققىنىغا بىز ھەممىمىز خۇش بولىمىز. لېكىن بۇ خىتاينىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئازايتمايدۇ.
شۇڭا، ئىنسان خوش بولغىنىدەك ئىش بولسۇن دېسە، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش، خەلقئارا ئۆلچەمگە خاس ئەدلىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىنسانلارنى سىياسىي، دىنىي كۆز قارىشى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلىماسلىق، ئۆزىنىڭ ۋەتەنداشلىق قانۇنىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. مۇشۇ نەرسىلەر بولمىسا خوش بولالمايمىز. بولمىسا بۇنداق ئىشلار يەنە يۈز بېرىدۇ.»
ھۈسەيىن جېلىل 2006 - يىلى 3 - ئايدا ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇ «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ 2007 - يىلى ئاپرېلدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆزبېكىستاندىن قايتۇرۇپ كېتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى خىتاي - كانادا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ئىختىلاپ پەيدا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى.
مەمەتتوختى مەتروزى بولسا 2003 - يىلى پاكىستاندا قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلى ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن.
مەمەتجان ئابدۇقادىر بولسا 2009 - يىلى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» باستۇرۇلغان مەزگىلدە قولغا ئېلىنغان. ئۇ، 2011 - يىلى «ئاغدۇرمىچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
0:00 / 0:00