«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5 يىللىق ھارپىسى ئېلان قىلىنغان «پارتلاش ئالدىدىكى بومبا: شەرقىي تۈركىستان __ زوراۋانلىق توختىتىلسۇن!» ناملىق دوكلاتتا مەخسۇس ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى تەسۋىرلەنگەن.
دوكلاتنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا پائالىيەت قىلىدىغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى تەييارلىغان بولۇپ، 72-نومۇرلۇق بۇ دوكلات 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلىندى.
«پارتلاش ئالدىدىكى بومبا: شەرقىي تۈركىستان __ زوراۋانلىق توختىتىلسۇن!» ناملىق بۇ دوكلاتنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ ئېلان قىلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
5-ئىيۇل كۈنى يەنە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان كۈنى بولۇپ، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتنى 5-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەق مەيداندا د ئۇ ق نىڭ بەزى رەھبەرلىرىگە ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلدى. 50 بەتلىك بۇ دوكلاتتا پەقەتلا 2013-يىلى 3-ئايدىن 2014-يىلى 6-ئايغىچە بولغان 15 ئايدا ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن.
دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرۇلۇق قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن.
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ دوكلاتقا يۇقىرى باھا بەردى.
دوكلاتنىڭ 2-قىسمىدا، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان 13 تۈرلۈك تەۋسىيىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەۋسىيىلەر ھەققىدە ئەنۋەرجان ئەپەندى تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى.
مەزكۇر دوكلاتنى ھازىرلاشقا مەسئۇل بولغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى 5-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ نامايىش خاتىمىسىدە جامائەتكە سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى.
ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ تۇتۇپ سولىسىمۇ بولىدىغان، يارىلاندۇرۇپ تۇتسىمۇ بولىدىغان ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلارنى نەق مەيداندىلا ئېتىپ تاشلاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ تۇتۇش ئەمەس، ئۆلتۈرۈش بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن قايسى دەرىجىدە قورقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.