خىتاي زىياليىسى: ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ زوراۋان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى

0:00 / 0:00


يېقىندا «دېموكراتىك خىتاي» تورىدا خىتايدىكى ئۆكتىچى زىيالىيلاردىن گاۋ خۇڭمىڭنىڭ «ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ زوراۋان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى» ناملىق ماقالىسى ئىلان قىلىندى.

ئاپتور ماقالىسىدە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىنى «تەشكىللىك، ئالدىن پىلانلانغان تېررورلۇق ھەرىكىتى» دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەرلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالە ئاپتورى ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان:

كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىم

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئىتتىپاقلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنىلا تەشۋىق قىلىپ، بۇ مىللەتلەر ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان زىددىيەتلەرنى يوشۇرۇپ كەلدى. ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىك ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنى ھەر خىل رادىكال ئۇسۇللار ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئىلىپ كەلدى.

كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۇيغۇر خەلقىگە ئىشىنىشى، ئۇيغۇر ئىلىدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم

بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھاكىمىيەت ۋە خىتاي خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئۇلارنى مىللىي مەدەنىيىتىدىن، تىل - يېزىقىدىن ھەمدە ئۆرپ - ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماسلىقى، ئۇلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋىتىشكە ئۇرۇنماسلىقى لازىم.

كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئاتالمىش «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى»گە زەربە بېرىش باھانىسىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشى،بولۇپمۇ ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق - ھوقوقلىرىنى قوغداش يولىدا ھاكىمىيەتنىڭ رادىكال بولغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان زىيالىيلارنى جازالاشنى توختىتىشى لازىم.

كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۇيغۇر ئىلىدا ھەقىقىي ئاپتونومىيەلىك ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ رايوندا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا ۋە كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىغا تولۇق ئىشىنىشى، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىك ھالدا ھەقىقىي ئاپتونومىيەلىك قانۇنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يول قويۇشى، ئۇيغۇرلار ھەمدە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي تىل - يېزىقى شۇنداقلا مىللى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىغا يول قويۇشى لازىم. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بۇ زېمىننىڭ خۇجايىنلىرى ئىكەنلىكىنى، خىتايدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتتە باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ھېس قىلىشى لازىم. ئەگەر ئۇيغۇر خەلقى ھەقىقىي ئاپتونومىيەلىك ھوقوقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايدىكەن، ئۇنداقتا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۇيغۇر ئىلىدا ھەقىقىي دىنىي ئەركىنلىككە يول قويۇشى، دىن بىلەن ھاكىمىيەتنىڭ بىر - بىرىگە ئارىلاشماسلىقىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم

ئۇيغۇر ئىلىدا دىنىي ئەركىنلىكنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېگەن نىمە؟ قىسقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئاساسىي قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار دائىرىسىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى، دىنىي بىلىملەرگە ئىگە بولۇشى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەسچىتلەرنى قۇرۇشى ھەمدە ھۆكۈمەت ئارىلاشمىغان ھالدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەككىنى تاۋاپ قىلىپ، ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشىدىن ئىبارەت.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىش»نامى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىسى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشى لازىم. ئۇيغۇر ئىلىدىكى قانۇن ئورگانلىرىدا، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ھەمدە باشقا ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ھەر تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى، ھەر خىل دىنىي ۋە مىللىي پاسوندا كىيىنىشلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ئاساسىدا قوغدىلىشى، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ دىنىي ھەمدە مىللىي پاسۇندا كىيىنگەنلەرنى ھاقارەتلەش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشتەك قىلمىشلار توختىتىلىشى لازىم.

كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۇيغۇر ئىلىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىشى، ئۇيغۇر خەلقىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشى لازىم

ئۇيغۇر ئىلىدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى ھەمدە نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ كەڭ كۈلەمدە ئېچىلىشى بىلەن خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بىراق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقى كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتاي ئاھالىسى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتىۋەنىدىكى خىتايلارلا نەپكە ئېرىشىپ، ئۇيغۇر خەلقى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبى قىسمى يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى. مانا بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

خىتاي ھاكمىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك دائىرىلەر مەركەز كارخانىلىرى ھەمدە دۆلەت كارخانىلىرىدىن يىغىلغان باج ۋە پايدىنى ھەقلىق يۇسۇندا ئۇيغۇر خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىشى، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىقتىسادى، ئىجتىمائى تەرەققىيات ئىلىپ كەلگەن گۈللىنىشتىن رازىمەنلىك ئىچىدە بەھرىمەن بولۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ،ساقلىقنى ساقلاش، يىمەك - ئىچمەك، يۈرۈش - تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە خىتاي ئاھالىسى بىلەن بىردەك ھوقوقلارغا ئىگە بولۇشى لازىم.

كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ، ئىلىم - پەن خادىملىرىنىڭ ۋە باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا ئەركىن كېلىپ - كېتىشىگە يول قويۇشى لازىم

ئۇيغۇر ئىلىنى «سىرلىق، چەكلەنگەن» رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. پەقەتلا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ھەقىقىي يۈسۈندا ئەمەلىيلەشتۇرۇلسە ھەمدە ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ، ئىلىم - پەن خادىملىرىنىڭ ھەمدە باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا ئەركىن كېلىپ - كېتىشىدىن، باشقىلارنىڭ قۇسۇر ئىزدەپ سۆز - چۆچەك قىلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

«ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ زوراۋان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:

خۇلاسىلاپ ئىيتقاندا،ئۇيغۇر ئىلىدا مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ شۇنداقلا قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىن - بىر يولى، ئۇيغۇر خەلقىنى ھەقىقىي مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقوقلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش ھەمدە خىتاي مەملىكىتىنىڭ ئەركىن، دېموكراتىك تۈزۈلمە ئاساسىدا بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت. كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ باقىدىغان ۋاقتى ئاللىقاچان كېلىپ يەتتى.

ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە بولغان قاراشلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە، پىشقەدەم زىيالىي نازىم قەمبىرىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.