مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى ھەر خىل نارازىلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن بىر پەيتتە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يوق قىلىش ئۈچۈن، ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۈرمىلەرگە سولاپ، ئۇلارغا ۋاسىتىلىك ۋە ۋاسىتىسىز ھالەتتە تەھدىت سالماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۇلار ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق پائالىيەتتىن چېكىنىشكە قىستاش، تەشكىلات ئىچىدىكى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق پائالىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوللانغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بىز بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇننى زىيارەت قىلدۇق.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش مەسىلىلىرىدە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.
نىجات تۇرغۇن يەنە، خىتاي دائىرىلىرى ئەگەر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قىيىن-قىستاققا ئېلىۋەرسە، ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.