ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ 81 ئۇيغۇرنى سوتلاپ، ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

پەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلىرىدىكى 6 سوت مەھكىمىسى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ، 23 دېلوغا ئالاقىدار 81 نەپەر ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان. ئۇلاردىن 9 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇپ، 3 كىشى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى، قالغان 69 كىشى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەھكۇملاردىن 68 كىشى ئاتالمىش«تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش، قاتىللىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى ياساش، ساقلاش، توشۇش، قورال بۇلاش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن سوتلانغان. 13 كىشى «تېررورلۇق ئۈن-سىن پروگراممىلىرىنى ياساپ ۋە تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن سوتلانغان.

بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 22‏-ماي ئۈرۈمچى شىمالىي باغچە يولى «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا» باغلاپ كوللېكتىپ جازالىغان 3‏-تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دائىرىلەر بۇنىڭدىن ئاۋۋال قەشقەردە ئوچۇق سوت ئېچىپ 39 كىشىنى، غۇلجىدا ئوچۇق سوت ئېچىپ 55 كىشىنى ئۆلۈم جازاسى ۋە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلغان ئىدى.

بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن سوت ۋە ئوچۇق سوتلارنى ئېچىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىشىلەرنى ئۆلۈم جازاسى، ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى. گوللاندىيەنى بازا قىلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇققا» باغلاپ جازالىغان بۇ سوتلاردا، خەلقئارا قانۇنلارغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان. مەزكۇر ئورگان يەنە، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىش ئورنىغا يامانلىشىپ كېتىشى پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئىۋا پېتكوۋىچ: بىز ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن كوللېكتىپ سوتلىنىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ قانۇن تەرتىپ بويىچە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا قىلىنغان زور بۇزغۇنچىلىق. ئۇ يەنە، تامامەن خەلقئارا قانۇنلارغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق بولۇپلا قالماي، بارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلغانلىق. بىز خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلانماي يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشىگە چۈشتۇق، دېدى.

بۇ قېتىمقى سوتتا ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان 9 كىشىنىڭ بىرى، ئابدۇباسىت قادىر. خىتاي ئاخباراتى، ئۇنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقىنى، ئابدۇلئەزىز مەخمۇت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قايسى يۇرتلۇق ئىكەنلىكى، كەسپىي، يېشى، ئائىلە ئەھۋالى، شۇ كۈنى ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، سوت ئەھۋالى، سوتتا ئۇلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلىشىغا يول قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالمىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم جازاسى مەسىلە ھەل قىلمايدۇ. ئۇ بىر خىل غەيرىي ئىنسانى قىلمىش بولۇپ، ئاساسى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئىۋا پېتكوۋىچ، شۇ سەۋەبلىك مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ۋەھشىي، غەيرىي ئىنسانى ۋە قالاق جازالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئاساسى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ. بۇ سوتتا شەخسنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىندى. بۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە، ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي ۋەتەنداشلىرىنىڭ ۋەزىيىتى كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

ئىۋا پېتكوۋىچنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ۋە خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يولى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، پەرقلىق مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق ھەل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشتۇر.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي سۆھبەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى، موڭغۇللار ۋە خىتاي چېگراسىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن، مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىش لازىم. بۇ بىر باشلىنىش نۇقتىسى. ئەلۋەتتە، مائارىپ، ئاخبارات، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمسىتىشكە قانداق خاتىمە بېرىش بۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.

بىراق ئىۋا پېتكوۋىچ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، ئۆز ئارا چۈشەنچىنى ئالغا سۈرۈش ئورنىغا، مەسىلىنى باستۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىنى تاللىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، باستۇرۇش سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مەسىلىنىڭ ئاساسلىق تۈگۈنى.

بۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تۇنجى قېتىم چاقىرىشى ئەمەس. خىتاي بۇ خىل چاقىرىقلارغا قۇلاق سېلىشنى ئىزچىل رەت رەت قىلىپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۆتىدىل پىكىر ئېقىملارنى باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئۇلارنى رادىكاللىشىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇلار، ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇيغۇرلاردا ئۈمىدسىزلىكنى كۈچەيتكەن تىپىك ۋەقەلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.