مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن ئەندىشە قىلماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ نەچچە مىليون بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشى، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىشى قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەممىگە مەلۇم بىر تېمىغا ئايلاندى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا ياكى ساياھەتكە ئەۋەتىشى سەۋەبلىك ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» لاگېرلىرىدا «ئىدېئولوگىيەلىك داۋالاش» لارنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبلىك مۇھاجىرەتتىكى تېخى ئوقۇشىنى پۈتتۈرمىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك مىساللارمۇ ئاز ئەمەس.

يېقىندا «لوس-ئانجېلىس ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بەزى ئەھۋاللار بايان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قارىتا ئەندىشىسى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ماقالىدە، 15 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى ئادىل ئەھمەدنىڭ ئەھۋالى تۇنجى بولۇپ بايان قىلىنغان. 2017-يىلى فېۋرال ئېيىدا ئادىل يۇرتىدىكى ئاپىسىدىن بىر تېلېفون قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ تېلېفوندا ئادىلغا دادىسىنىڭ مەلۇم بىر ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا قايتماسلىقىنى تاپىلىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئادىلنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئادىل ۋەتەندىكى بىر تاغىسى ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە ۋەتەندە قېلىپ قالغان تۆت ئىنى-سىڭىللىرىنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.

ئادىل ئەھمەد بىلەن بىر قاتاردا يەنە ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان 35 ياشلىق زىبۇزىننەت سودىگىرى ئادىل ھەسەنمۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى قىسقىچە بايان قىلغان. ئادىل ھەسەن 2015-يىلى سودا مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىن خىتايغا كەلگىنىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراققا تارتىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ تۈركىيەدىكى مەزگىلدە پەقەت خىتايدا قالغان ئايالى بىلەنلا ئاز-تولا ئالاقە قىلغان. 2016-يىلىغا كەلگەندە ئۇ بىر دوستى ئارقىلىق ئايالىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن ھەم ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ئۆزىنى ساقچى دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەر بىلەن تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەن.

بىز ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا ماقالىدا بايان قىلىنغان 15 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى ئادىل ئەخمەتنىڭ ئەھۋاللىرىدىن ئاز-تولا خەۋەردار بولدۇق.

13-سېنتەبىر كۈنى كانادا رادىيو شىركىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «كانادادىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇۋېتىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىسىدە تۆت يىل ئىلگىرى ئاپىسى بىلەن بىللە ئامېرىكىغا كېلىپ، ئۆتكەن يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن كاناداغا ئولتۇراقلاشقان 18 ياشلىق ئابىرە ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان.

ئابىرە تۆت يىل ئىلگىرى، يەنى 2013-يىلى ئاپىسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا دادىسى ۋەتەندە قېلىپ قالغان ئىكەن. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابىرەنىڭ دادىسى ۋەتەندە ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاپىسى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەقسىتىدە خىتايغا قايتقان. كېيىن ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن پايدىسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاتا-ئانىسى بىرلىكتە كاناداغا يېتىپ كېلىپ، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان. ئابىرە 2017-يىلى ئۆز ئالدىغا سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، 6-ئايغا كەلگەندە خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدۇق.

مەمەت توختى ئەپەندى ئابىرەنىڭ دېلوسى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بىز يەنە ئابىرەنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى بېجىرىۋاتقان ئادۋوكاتى ئىبراھىم ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەزكۇر پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.

بىز ئاخىرىدا ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ «بىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالاھىدە مۇئامىلىدە بولىدىغان پروگراممىمىز يوق» دېگەن باياناتىغا قارىتا مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.