14 - ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئېكسكۇرسىيە زالىدا خىتايدىكى تەن جازاسى ۋە تۈرمىلەردىكى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ ئەھۋاللارنىڭ قايسى دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا خىتايدىكى قانۇن ساھەسىدە سىستېمىلىق يولغا قويۇلۇۋاتقان تەن جازاسى ۋە قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، خىتايدىكى نۇرغۇن جايلاردا بۇ ھادىسە مەۋجۇت بولۇپ، قانۇننىڭ ئىجرا قىلغۇچىلىرى بولغان ساقچىلار مەخپىي رەۋىشتە تەن جازاسىنى ئىجرا قىلغۇچىلار ئىكەن.
بۇ خىلدىكى قىيناقلارنىڭ مەقسىتى خىتاي قانۇن ساھەسىگە لازىملىق بولغان «ئىقرارنامە» گە ئېرىشىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق جازا ھۆكۈم قىلىش بولغاچقا، بۇ خىل ھادىسە تۈرمىلەردە ياكى ئاشكارا توۋا قىلدۇرۇش سورۇنلىرىدا كۆزلەنگەن نىشانغا يەتمەكتە ئىكەن. خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىدا جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى مەۋجۇت بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىقرار قىلىشتىن باشقا چىقىش يولى بولمايدىكەن. بۇنىڭدا «جىنايەتچى» ئاتالغانلارنى ئاۋۋال مەخپىي قىيناش، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىقرار قىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى تېلېۋىزور ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاكارلاش خىتايدىكى قانۇن سىستېمىسى دائىم قوللىنىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئىكەن.
كرىستوفېر سىمىسنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا ھازىر «جىنايەتچى» دەپ ئاتىلىۋاتقان كىشىلەرلا ئەمەس، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىمۇ بۇ خىل قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋېتىپتۇ. قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ھادىسىلىرىنىڭ ئەڭ زور قۇربانلىرىنىڭ بىرى «سىياسىي مەھبۇس» لار بولۇپ، خىتاي قانۇن سىستېمىسى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تەكىتلەش باھانىسىدە بۇ خىل قىيناقلارغا پەردە ئارقىسىدا يول قويۇۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان بۇ خىل تەن جازاسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار تېخىمۇ كۆپەيگەن، يەنە كېلىپ ئۇلار كۆپىنچە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت، دەپ قارىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، ئادۋوكاتلار، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرى، شۇنداقلا خىتايدا ئاز سانلىق ھېسابلىنىدىغان تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
يىغىندا سېتون خال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مارگارېت لۇۋىس خىتايدىكى قانۇن سىستېمىسىنىڭ قىيناش ئۇسۇلىنىڭ قايسى دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە دوكلات بەردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ 2015 - يىللىق «دوكلات» تەييارلاشقا قاتنىشىش جەريانىدا بىلگەنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىتايدىكى سوت تەرتىپىدە قانۇنىي يوسۇندا قولغا چۈشۈرۈلگەن پاكىتلار ئەمەس، بەلكى «جىنايەتچى«نىڭ ئىقرارى ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭچە، خىتاي قانۇن سىستېمىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت گۇماندارىغا قانداق جازا بېرىلىدىغانلىقى سوت مەيدانىدا بېكىتىلىدۇ، ئەمما ھازىرقى ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ يۈز پىرسەنت دېگۈدەك ئىقرارى سەۋەبلىك، ئۇلار سوت مەيدانىغا كىرىشتىن بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇپ بولىدىكەن.
لۇۋىسنىڭ ئېيتىشىچە، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ خالىغانچە ئادۋوكات ئىشلىتەلمەسلىكىمۇ بۇ خىلدىكى قىيناق ئۇسۇللىرىغا يول ئېچىپ بەرگەن ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. يەنە كېلىپ جىنايەت گۇماندارلىرى تەكلىپ قىلغان ئادۋوكاتلارمۇ جەزمەن سوتنىڭ ھۆكۈمىگە ئەگىشىشى شەرت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جىنايەت گۇماندارىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆز قىلىشى بۇنداق ئادۋوكاتلارنى سوتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا بۇ خىلدىكى تەن جازاسى ۋە قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشلىرىنى چەكلەيدىغان قانۇنلار يېتىپ ئاشقۇدەك مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھازىرقى قانۇن سىستېمىسى بۇ ھالەتكە قارىتا بىلمەسلىك پوزىتسىيىسىنى تۇتۇۋېتىپتۇ.
مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغان شاھىتلاردىن بىرى، تىبەت راھىب گولوگ جىگمە 2008 - يىلى تىبەتتىكى خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەزمۇنىدىكى يېرىم سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش خىزمىتىگە ياردەملەشكىنى ئۈچۈن ئۈچ قېتىم قولغا ئېلىنغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن قانداق شەكىلدە قىيناق جازالىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ خىتاي تۈرمىلىرىدە توك كالتىكى ۋە «يولۋاس ئورۇندۇق» نامىدىكى قىيناش ئۇسۇللىرىنىڭ ئادەتتىكى جازا ئۇسۇللىرى سانىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن ئۇنىڭ ئېغزىدىن گەپ ئالالمىغان خىتاي ساقچىلارنىڭ «بىز سېنىڭ ئاغزىڭنى ئاچتۇرالايمىز» دەپ ئۇنىڭ ئېغزىنى ئۈچ قېتىم ئوتتا كۆيدۈرگەنلىكى يىغىن ئەھلىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئۇ بۇ جەرياندا خىتاي گۇندىپايلارنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئاچ ۋە ئۇسسۇز قويۇش ئارقىلىق قىينايدىغان ئىشلارنىڭ تۈرمىلەردە جازا قاتارىدا قارالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا جىسمانىي قىيناقلاردىن باشقا يەنە ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى مەسخىرە قىلىش قىلمىشلىرى ئۇنىڭغا ھەممىدىن ئېغىر كەلگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تۈرمىلىرىدە ساقچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي بولۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت جىنايەتچىلىرىنىڭ خالىغانچە تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەيران قالىدىغان ئىشلار ئەمەس ئىكەن. بۇ رېئاللىقلار ئاخىرى ئۇنى تۈرمىدىن قېچىشقا مەجبۇر قىلغان. ئىككى يىلغا يېقىن يوشۇرۇنۇش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇ چېگرادىن ئۆتۈپ، ھىندىستان ئارقىلىق ياۋروپادا يەرلەشكەن.
يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىرى، ئىلگىرى خىتايدا فالۇنگوڭ مۇرىتى بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان يىن لىپىڭ ئىسىملىك خىتاي ئايال بولۇپ، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆزى دۇچ كەلگەن قىيناق ئۇسۇللىرىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا سۆزلەپ بەردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولمىغان كۆپلىگەن قارا تۈرمىلىرى بولۇپ، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋېتىش قەستىدە بولغان خەتەرلىك كىشىلەر مۇشۇنداق مەخپىي تۈرمىلەرگە سولىنىدىكەن، بۇنداق تۈرمىلەرگە قامالغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھايات قالمايدىكەن. ئۇنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، ساقچىلار بەزى جىنايەتچىلەرگە «داۋالاش» نامىدا ئوكۇل سالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆرمەس ياكى ماڭالماس بولۇپ قالىدىكەن ھەمدە مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
ئۇ ياخشى بىلىدىغان فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىدىن نۇرغۇنلىرى تۈرمىدە ساقچىلارنىڭ تاياقلىرىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بۇلار «جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆلۈۋالغان» دەپ ئۇقتۇرۇش يوللاپ بېرىلگەن. ئۇ جىسمانىي جەھەتتە ئىنسان چىدىغۇسىز تەن جازاسىغا، جۈملىدىن تورۇسقا بارماقتىن ئېسىپ قويۇش، يالىڭاچ بەدىنىگە توك يېقىش دېگەندەك جازالارغا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا يىگىرمە نەچچە كىشىلىك ئەرلەر كامېرىغا سولانغان، بۇنىڭ بىلەن ئەر جىنايەتچىلەر ئۇنى ئۇرۇپ ھۇشسىزلاندۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسلەپ «پەقەت قاراقچىلارنىڭ ھۆكۈمىتىلا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇ» دېدى.
ئاخىرىدا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفىي رېچاردسون ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، خىتايدىكى دېلولاردا ئەكس ئېتىۋاتقان تەن جازاسى ۋە قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ مۆلچەردىكىدىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ مىسال قىلىپ كەلتۈرگەن «دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 2015 - يىللىق دوكلاتى» دىمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ ئۆتكەن يىلقىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە ئاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى دىئالوگ فوندى «بۇ، شىنجاڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ ۋە ئۆكتىچى پىكىر ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن ئىدى.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2014 - يىلى ياز پەسلىدە باشلانغان «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تۈرمىگە چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارغا قانۇنىي تەرتىپ بويىچە سوت ھۆكۈمى چىقىرىش ئېھتىماللىقىدىن گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئاخىرىدا كرىس سىمىت ۋە سوفېي رېچاردسون ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بارلىق» ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى لازىملىقىنى، شۇ ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنى بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جازا ئۇسۇللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.