رابىيە قادىر : «ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇقىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلمەكتە، بۇنى دۇنيا كۆرۈشى كېرەك...»

0:00 / 0:00

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئاخباراتقا، - 23ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى ئېنىقلاشتا ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ،«23 - ئاپرىل سېرىقبويا ۋەقەسىنى تۇغدۇرغان زوراۋانلىق تېررورلۇق گۇرۇھ ئەزالىرىدىن 25 كىشىنى قولغا چۈشۈردۇق» دېدى ۋە ۋەقەنى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ پىلانلىشىدىكى«زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتىدى.

شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆچ خىل كۈچلەرگە قارشى قاتتىق باستۇرۇشنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ قاتتىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن شەپە بەردى، ئەمما بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مەخسۇس بايانات بېرىپ «ئەگەر بۇ ۋەقە راس ۋەقە بولسا، بۇنى پەقەت خىتاينىڭ زوراۋان سىياسىتىگە قارىتا قارشىلىق دېيىشكە بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەقەگە قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى كېرەك» دېدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا توختاۋسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە بىر تەرەپلىمىلىك ئەيىبلەشلىرىنىڭ يەنىمۇ زور نارازىلىق ۋە قارشىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەخسۇس باياناتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاڭلىتىدۇ.